logo

trugen jacn

جون كەرىي خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى قاتارلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قوبۇل قىلدى

U.S. Secretary of State Kerry speaks about the Ukraine crisis after his meetings with other foreign ministers in Paris

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى قاتارلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قوبۇل قىلدى.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋاشىنگتون يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغاندا ھالقىلىق مەزگىلدە جون كەرىينىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قوبۇل قىلىشى شى جىنپىڭغا بېرىلگەن سىگنال، دەپ قارالدى

jewher

جون كەرىي بۇ قېتىم ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەر توختى، گۇاڭدۇڭلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گۇ فېيشيوڭنىڭ ئايالى ۋە قىزى، خېنەنلىك خرىستىئان پوپ جاڭ شاۋجيەنىڭ قىزى قاتارلىق تۈرمىدىكى 6 نەپەر ئۆكتىچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتنى قوبۇل قىلغان.

كۆرۈشۈشكە قاتناشقان بېيجىڭدىكى ئاممىۋى تەشكىلات- «يىرېنپىڭ مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى لۇ جۈن، رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا، كۆرۈشۈشكە يەنە ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلېنكىن، ياردەمچى ئىشلار مىنىستىرى تام مالىنوۋىسكىينىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

جون كەرىي تۈرمىدىكى ئۆكتىچى زاتلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتنى قوبۇل قىلىشنىڭ سەل ئالدىدا، ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

ئوباما ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە شى جىنپىڭغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندىگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014‏- يىلى 23‏-سېنتەبىر ئىلھام توختىنى «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-09252015202018.html

Share
3227 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.