logo

trugen jacn

جاۋاب ھەققىم-1

 

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىندا  م.ئەلا دېگەن بىرسى بىلەن قىلغان ۋېيدىيو سۆھبىتى بىر يېرىم سائەت داۋام قىلىدى. نورمال تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ  قىلغان سۆزلىرى باشتىن ئاخىرى ئۇيغۇرلارنى كاللا سوقۇشتۇرۇشنى مەخسەد قىلغان ھالدا شىكايەت، تۆھمەت، ھاقارەت، نەپرەت ۋە قانداقتۇر ئۆچمەنلىكلەر بىلەن تولغان. كىمگە قارشى؟ چەتئەلدە ئۇيغۇر مىللىتىگە خىزمەت قىلىۋاتغان تەشكىلاتلار، ۋە كىشىلەرگە قارشى.ئەلبەتتە ھۇجۇم نىشانىنىڭ بىرسى مەن بولدۇم. بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان سۆھبەتتە نە سوئال سورىغۇچى، نە رابىيە قادىرخانىم، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن ئۇمۇمىيۈزلۈك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان قاتىل چىن چۇۋەنگونىڭ ئىسمىنى، ئەشۇ چىن چۇۋەنگونى شەرقى تۈركىستانغا ئۇيغۇر مىللىتىنى كوللىكىتىپ تۈردە ئازاپلاپ يوقۇتۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن باش جىنايەتچى شىجىنپىڭ ئىسمىنى بىر قېتىممۇ تىلغا ئالمىدى. رابىيە قادىر خانىم ئەشۇ ئۇيغۇرنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ؟! ئەلۋەتتە، كۆڭۈلدە نېمە بولسا ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن  شۇ چىقىدۇ. چۇنكى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قەلبىدىكى دۇشمەن ئۇلار ئەمەس.  دىمەك رابىيە قادىرنىڭ تەبىئىتىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن بۇ ھەيران قالارلىق  ئەمەس

خىتاي ھۈكۈمىتى مېنىڭ ئۈستۈمدىن تۈركىيەدە سوتقا ئەرىز  بەرگەندە، سوتتا مېنى ھىمايە قىلىپ خىتاينى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان ئاۋدۇكاتلىرىم دەلىل توپلاش ئۈچۈن ماڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە سۈكۈت قىلىپ تۇرىشىمنى دەۋەت قىلغان ئىدى. مەنمۇ ئەسلىدە بۇ پىتنىلەرگە جاۋاب بېرىش نىيىتىدە ئەمەس ئىدىم. چۈنكى،ئاللا بۇرۇن  خەقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ ئۇنتۇلغان بىرلىرىنىڭ ئۆزىنى قايتىدىن بازارغا سېلىشى ئۈچۈن،  قايتىدىن ئۆمۇلەپ تۇرۇپ يۇقىرىغا ئېسىلىشى ئۈچۈن شۇتا بولۇپ بېرىشتىن ئىبارەت بىخۇتلۇقنىڭ ماڭا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم. بىراق رابىيە قادىر چەتئەلگە چىققان ئون نەچچە يىل مابەينىدە بۇ ئايال تەرىپىدىن تۆھمەتكە قالغان، ھاقارەتكە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بەك كۆپ ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلاردىن ئىنتايىن قىممەتلىك پاكىتلىق ماتىرياللار كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز ۋاقتىدا رابىيە قادىر كۇشكۇرتۇپ باشقىلارغا ھۇجۇم قىلدۇرغان، كېيىن قىلغان خاتالىقىدىن ۋىجدان ئازابى تارتقان كىشىلەرمۇ بار ئىدى

ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرماسلىق، ئىتتىپاقلاشقانلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش يىللاردىن بىرى  ۋەتەندە خىتاي كومىنىستىك پارتىسىنىڭ موھىم ۋەزىپىسى بولسا، چەتئەلدە رابىيە قادىرخانىم   ئۆز زىممىسىگە ئالغان ۋە ۋاز كېچىلمەس ۋەزىپىسى بولىۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتمىگەن ئۇيغۇر بەلكىم كوپ بولمىسا كىرەك. دىمەك ۋەتەن ئىچىدە ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ھەر خىل زۇلۇملىرى ئىچىدە ئىڭراۋاتسا، چەتئەلدە ئۇيغۇرنىڭ دەۋاسىنى قىلىش ئۈچۈن مۇئاش ئېلىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ  مىللىي ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەر سەرخىللىرىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا ئازاپلاش،بەدناملار بىلەن سېسىتىش، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى پارچىلش ۋە بىر بىرىگە دۇشمەن قىلىش،نەتىجىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئاخىرىدا يوق قىلىش  ئويۇنىنى داۋاملاشتۇرماقتا.  ئۇ ئۆزى پەيدا قىلغان شۇنچە كۆپ كۆڭۈلسىزلىكلەرگە قارىماستىن، يەنە ئاتاقتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىختىسادى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 3. ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئاۋىستىرالىيەگە باردى ،كىشىلەرگە“ تەشكىلات ئۈچۈن 40 مىڭ دوللار پۇل توپلاپ ئەكەلدىم“ دەپ داۋراڭ سالدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۈيۈنگەن ئىدىم. بىراق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىچىدىكى ۋە تېشىدىكى بەزى مۇھىم شەخىسلەردىن ،  رابىيە قادىر خانىم ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە بىۋاستا تېلڧۈن قىلىپ،يەنە بەزىلىرىگە باشقا كىشىلەر ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزۈپ،“ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكىلەرنىڭ  قۇرۇلتايدىن چىقىپ كىتىشكە تەۋسىيە قىلىپ جىددى بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى،ئۆزىنىڭ بولسا قۇرۇلتايدىن چىقىپ كىتىپ، ئايرىم تەشكىلات قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەدىۋىنى بېرىش ئۇچۇن تەييارلىنىۋاتقانلقىنى سوزلەپ يۇرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئىشەنگۈم كەلمىدى. بىراق رابىيە قادىرنىڭ تېلىفون، ۋاتساپقا قالدۇرغان ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ۋەيران قىلىۋېتىپ، ئىنتىقامىنى قانداق ئالىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ چۇچىدىم. خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن مەردلىك بىلەن پۇل خەجلەيدىغانلىقى راست. بىراق چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن پۇل يېغىپ تۇرۇپ ،شۇ پۇل بىلەن  چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن بەل باغلىغان رابىيە قادىر بۇ ۋەزىپىنى كىم ئۈچۈن ئورۇندىماقچى؟ ئەگەر د.ۇ.ق. دىن ئېيىغا  2 مىڭ دوللار پىنىسسىيە ئايلىقى ئېلىۋاتقان رابىيە قادىرنىڭ دەپ يۈرگىنىدەك، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى “ لاتاغىلەپ” بولىدىغان بولسا بەلكىم ۋەيران بولىشى مۇمكىن. “دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالى رەھبىرىمەن” دەپ يۈرۈپ ئۇيغۇر خەلقىدىن  پۇل توپلىغان بۇ ئايالغا “ توپلىغان پۇلنى تەشكىلات بوغالتىرغا تاپشۇرۇڭ” دېيەلمىگەن بىر تەشكىلاتنى رابىيە قادىر “ لاتاغىلەپ” دىمەي نېمە دىسۇن؟

ئەھۋالدىن قارىغاندا، رابىيە قادىر خانىم  بىلەن مېنىڭ ئارامدىكى سۆھبەت خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل داۋاملىشىدىغان ئوخشايدۇ. ھەممەيلەن شۇنىڭغا ئىشەنسۈنكى، مەن ھېچكىمگە، بۇلۇپمۇ ئايال كىشىلەرگە مەدىنى بولمىغان، ئەخلاقى قېلىپتىن چىقىدىغان ھەرقانداق سۆز ئىشلەتمەيمەن. مەن پەقەتلا پاكىتلارنى، سانلىق مەلۇماتلارنى ئورتىغا قويىمەن،ئوقۇرمەنلەرگە ھەممە نەرسە ئىنىق بولسۇن ئۈچۈن، ئىلمى تەھلىللەرنى يۈرگۈزىمەن.  بۇگۇنكىسى بۇ پەقەت بىر مۇقەددىمە،خالاس. خىزمىتىم ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى يېزىشقا ۋاقتىم يوق. بىراق ئەپسۇسلىنارلىغى شۇكى، رابىيە قادىر خانىمنى مەمنۇن قىلمايدىغان يازمىلىرىم داۋام قىلىشى مۇمكىن. ۋەتەن ئىچىدە خەلقىم ئېغىر ئازاپ ئىچىدە تۇرىۋاتقان مۇشۇ كۇندە،ئامالسىزلىقتىن ئوقۇرمەنلىرىمنى ۋەتەن سىرتىدىكى ئىچكى ماجىراغا سۆرەپ كىرىشكە مەجبۇرلاندىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن

مىنى داۋاملىق پاكىتلىق ئۈچۈرلار بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر خەتلىرىنى بۇ ئىلخەت ئادرىسىغا ئىۋەتسە بولىدۇ

meminhazret@gmail.com

 

Share
5443 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.