logo

trugen jacn

جاڭ چۈنشەننىڭ قەشقەر زىيارىتى مەزگىلىدە بىر قىسىم كادىرلار سىياسىي سەۋەبتىن جازالاندى

8c89a58fc8a9137d6f2c34

مېھرىبان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشەن 14 – فېۋرالدىن باشلاپ قەشقەر قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا خىزمەت تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، بىرقىسىم ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى دىنىي ئاشقۇنلۇققا دائىر ئۇچۇرلارنى يوللىغان، سىياسى مەيدانى ئېنىق ئەمەس، دېگەن باھانىلەردە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە چارە كۆرۈلگەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 17 – فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر شەھەرلىك 20 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يۈسۈپجان ئەيسا، قەشقەر سۇ ئىدارىسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا خىزمەت گۇرۇپپىسىدا ئىشلەۋاتقان مەمەت تۇرغۇن قاتارلىقلار توردىن قانۇنسىز ئۈن – سىن، دىنىي ئاشقۇنلۇققا ئائىت ئۇچۇرلارنى يوللىدى دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. قەشقەر دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى، سىياسىي قانۇن ھەيئىتى، دۆلەتباغ يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ئەسقەر بەختى، مەمەتياسىن توختى، جاڭ ۋېي قاتارلىقلار ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق قىلدى دېگەن باھانىدە خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جاڭ چۈنشەن خىتاينىڭ چاغىنىدىن ئىلگىرى جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە، خىتاي كادىرلىرىغا دوكلات بېرىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئۆز – ئارا تەسىرنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىگەن.

Share
1461 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.