logo

trugen jacn

جاڭ چۈنشيەن يەكەندىكى زىيارىتىدە يەنە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى

m13070401

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يەكەن ناھىيىسىنى زىيارەت قىلغاندا، تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، جاڭ چۈنشيەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە يەكەننىڭ خاڭدى بازىرى، كاچۇڭ يېزىسى قاتارلىق بىر قانچە ئورۇنلارغا بېرىپ، 28-ئىيۇل يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئېغىر زوراۋان تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ سۆز قىلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى يەكەندىكى قىرغىنچىلىقتىن كېيىن بارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قامال قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق رەقەملەردە يەكەندىكى ۋەقەدە جەمئىي 96 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بۇلاردىن 59 نەپىرىنىڭ خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق ۋەقەلەردە ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 340 تىن ئېشىپ كەتكەن ۋە بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان ئۇيغۇرلار ئىكەن. خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ۋەقە باستۇرۇش ۋاسىتىسىنىڭ دىققەت قوزغاۋاتقانلىقى ۋە يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىنىڭ گۇمان قوزغىغانلىقى بايان قىلىنغان

جاڭ چۈنشيەن بولسا يەكەندىكى سۆزىدە مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن «ئاساسىي قاتلامدىكى ئاساسىي ئاجىز ھالقىلارغا ئەھمىيەت بېرىش، مۇھىم نۇقتىنى دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قارىتىش، ‹كەنت زومىگىرى›، ‹ياۋا ئاخۇن›لار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاش، 80-، 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا قارىتىلغان خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش» دېگەن نۇقتىلارنى تەكىتلىگەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق قوللۇق ۋاسىتىلىرىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/jang-chunshyen-09092014171138.html

Share
1208 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.