logo

trugen jacn
07 ئاۋغۇست 2014

جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇرلارغا «بىر پەرزەنتلىك پىلان تۇغۇت سىياسىتى» يۈرگۈزىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىنى بەردى

ئەركىن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يېقىندا خىتاينىڭ «ئەمەلىيەت» ناملىق پارتىيە ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا «بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» يۈزگۈزۈلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىنى بەرگەن. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا «بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ، تۇغۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ۋە مۇقىملاشتۇرىدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەن.

جاڭ چۈنشيەن بۇ سۆزلەرنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىغا يۈرگۈزۈلگەن بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، خىتايلارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويۇشنى ئويلىشىۋاتقان مەزگىلدە قىلىپ دىققەت قوزغىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە جاڭ چۈنشيەن بۇ پىكىرنى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى 28‏-ئىيۇل يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغان پەيتتە ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يېزىلاردىكى قانلىق ۋەقەنى «تېررورلۇق» دەپ ئېلان قىلىپ، 96 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق د ئۇ ق ئاز دېگەندە 2000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ 45% نى، خەنزۇلار خىتاي ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 92% نى تەشكىل قىلسىمۇ، بىراق جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزى شەھەر نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2 پەرزەنتلىك، يېزا نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3 پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويۇپ كەلگەن خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/pilanliq-tughut-08062014163323.html

Share
1571 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.