logo

trugen jacn

جاڭ چۈنشيەننىڭ «پىلانلىق تۇغۇتتا باراۋەرلىك» تەشەببۇسى تەنقىدكە ئۇچرىدى

c7d974f8-4de1-4635-aadf-c85cbf500d02

 مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلان قىلغان جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا «پىلانلىق تۇغۇتتا باراۋەرلىك» نى يولغا قويۇش ھەققىدىكى تەشەببۇسى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ تەشەببۇسى «ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.

2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىگەن جاڭ چۈنشيەن 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى نامراتلىقنى رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى، نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدىغان مەسىلە دېگەن. جاڭ چۈنشيەن يەنە جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا نامراتلىقنى تۈگىتىشتە، «رايوندا خىزمەت پۇرسەتلىرىنى كۆپەيتىپ،داۋالاش سۇغۇرتىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا ‹پىلانلىق تۇغۇتتا باراۋەرلىك› نى يولغا قويۇش» نى تەشەببۇس قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن خىتايدا چىقىدىغان«ئەمەلىيەت» ژۇرنىلىنىڭ 31-ئىيۇلدىكى سانىدا ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى يېڭى تەشەببۇسلار» ناملىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. جاڭ چۈنشيەن ماقالىسىدە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ،«جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى نامراتلار پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نامراتلار نىسبىتىنىڭ 85%ni تەشكىل قىلىدۇ. نامراتلىق رايوندىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ بىرى» دېگەن. ئۇ ماقالىسىدە يەنە، «جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، رايوندا مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەت بەرپا قىلىشتا، ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىش؛ مائارىپ-سەھىيە تارماقلىرىنى كۈچلەندۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، رايوندا ھەممە مىللەتكە باراۋەر بولغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مۇقىم تۇغۇش سەۋىيىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك» دېگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان، بولۇپمۇ 28-ئىيۇل «يەكەن ۋەقەسى» يۈز بېرىپ نەچچە كۈندىن كېيىنلا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ «پىلانلىق تۇغۇتتا باراۋەرلىك تەشەببۇسى»نى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «پىلانلىق تۇغۇتتا ھەممە مىللەت باراۋەر بولۇش» سىياسىتىنى تەنقىدلىدى. ئۇلار «جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى كۈچەيتىشنى ئاشكارا تەشەببۇس قىلىشتىكى مەقسىتى رايوندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى ئازايتىشنى ئاشكارا تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت» دەپ ئەيىبلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ تەشەببۇسى شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىلى بولغان جاڭ چۈنشيەننىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسەتنى يۇمشىتىشنىڭ ئورنىغا ۋەزىيەتنى تېخىمۇ قاتماللاشتۇرىدىغان سىياسەتنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جاڭ چۈنشيەن ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۆز ماقالىسىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئاشكارا تەشەببۇس قىلىشى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

جاڭ چۈنشيەن، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننى يۆتكەپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تەيىنلىگەن ئەمەلدار. ئەينى چاغدا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نىسبەتەن يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزىلەرمۇ ئېلان قىلىنغان. ئەمما 2010-يىلدىن باشلاپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى بايلىق مەنبەلىرىنى 19 خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ ئېچىشىغا بۆلۈپ بېرىپ، رايوندا يېڭى خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپەيتىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارغا قاراتقان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولدى. جاڭ چۈنشيەن پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن بۇ بۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان تىنچ-مۇقىم ۋەزىيەتنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشى ۋە بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە قەدەر كېڭىيىپ، پۈتكۈل خىتايدا ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىدا «تېررور ۋەھىمىسى كۈچەيگەن ۋەزىيەت» نىڭ شەكىللىنىشى، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئاساسلىق تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/pilanliq-tughut-08072014150256.html

Share
1611 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.