logo

trugen jacn
11 سېنتەبىر 2014

جاڭ زىمىننىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر تارقالدى

7225237527scmp14nov12ch18th1img007132482783

خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا جاڭ زىمىننىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر تارقالدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇاچۇن يىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جاڭ زىمىننىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «جاڭ زىمىننىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتىمىز، بۇنىڭغا دائىر دەلىلىمىز يوق.»
ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ۋېيبو بىلەن ۋېيشىن قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جاڭ زىمىننىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر خەۋەر تارقالغان بولۇپ، خەۋەردە: «جاڭ زىمىن دوۋساق راكى سەۋەبلىك ئۆلدى» دېيىلدى.
خىتاي دائىرلىرىنىڭ جاڭ زىمىنڭغا ئوخشاش دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى رەت قىلىدىغان ئىنكاسمۇ قايتۇرمىدى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ خەۋەر بېيجىڭ 301 دوختۇرخانىسىدىن تارقالغان. بېيجىڭ 301 دوختۇرخانىسى بولسا مەخسۇس خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەلىرى ۋە ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارغا سەھىيە مۇلازىمىتى قىلىدۇ، بۇ دوختۇرخانا يەنە ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيەدە چىقىدىغان «توكيو خەۋەر گېزىتى» بۇنىڭدىن ئىلگىرى جاڭ زىمىننىڭ كېسەل سەۋەبىدىن بالنىستقا كىرىپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. 30-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، جاڭ زىمىننىڭ دوۋساق راكى سەۋەبلىك داۋالىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن .
ھازىر 88 ياشقا كىرگەن جاڭ زىمىن بۇ يىل 20-ماي شاڭخەيدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىزچىل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى «دۆلەت مەخپىيىتى» سۈپىتىدە سىر تۇتۇپ كەلمەكتە.
مەنبە: ت ر ت خىتايچە بۆلۈمى

Share
1733 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.