logo

trugen jacn

جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالى ئوغلى بىلەن ئامېرىكىغا قېچىپ كەلدى

رادىئومىز كانتونچە بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 19 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان خىتاي ئادۋوكات جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالى ئوغلى بىلەن بىرلىكتە 23-دېكابىر تايلاند ئارقىلىق ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە خىتاي ئادۋوكات جاڭ خەيتاۋ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ ئۈندىداردا 69 پارچە يازما يوللىغانلىقى ئۈچۈن 2016-يىلى يانۋاردا «دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان» ۋە «چەتئەلگە جاسۇسلۇق قىلغان» دەپ ئەيىبلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالى لى ئەيجې ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋارە قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى خرىستىئان تەشكىلاتلىرى ئىزچىل جاڭ خەيتاۋنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ھەمدە ئىچكى قىسىمدا ئۆزئارا ماسلىشىش ئارقىلىق ئىلى ئەيجېنى ئاۋۋال مەخپىي يوسۇندا تايلاندقا چىقىرىۋەتكەن، ئاندىن تايلاندىن ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلگەن. مەزكۇر قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى، ئامېرىكىدىكى «خىتايغا ياردەم» فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى بوب فۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى ئەلچىخانىلىرىغا چەكسىز تەشەككۈر بىلدۈرىمىز. بىزنىڭچە بۇ لى ئەيجې ۋە ئۇنىڭ ئىككى ياشلىق ئوغلى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ روژدېستۋو سوۋغىسى بولدى،» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/zhang-haitao-12252017214955.html

Share
1385 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.