logo

trugen jacn

تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن تارىختا تۇنجى قېتىم تەيۋەندىكى يەرلىك مىللەتتىن ئەپۇ سورىغان دۆلەت باشلىقى بولۇپ قالدى

cai_ying_wen_

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەننىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن 1-ئاۋغۇست كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەندىكى يەرلىك مىللەتنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان تۇپرىقىنى يوقىتىپ، ئەسىرلەر بويى ئازاب چەككەنلىكىدىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سەي يىڭۋېن مۇنداق دېگەن: «بىز تارىخقا سەمىمىيلىك بىلەن قارىشىمىز شۇنداقلا ھەققانىيەتنى سۆزلىشىمىز كېرەك. مەن تەيۋەن پرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن تەيۋەندىكى يەرلىك مىللەتتىن ئەپۇ سورايمەن. 400 يىلدىن بۇيان سىلەرنىڭ ھەققانىيەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراپ، ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگىنىڭلار ھەمدە مىسلىسىز يوقىتىشقا ئۇچرىغىنىڭلاردىن ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە كەچۈرۈم سورايمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، سەي يىڭۋېن تەيۋەندىكى يەرلىك مىللەتنىڭ ھەق-ھوقۇقى بىلەن ئۇلارنىڭ تەيۋەن تۇپرىقىغا بولغان ھەقدارلىق تۇيغۇسىنى تارىختا بىرىنچى قېتىم تونۇغان شۇنداقلا كۆچمەن خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەيۋەندىكى يەرلىك خەلققە كەلتۈرگەن سورۇقچىلىقلىرى ئۈستىدىن بىرىنچى قېتىم ئەپۇ سورىغان پرېزىدېنت ھېسابلىنىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى تەيۋەننى كونترول قىلغان 400 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ 1949-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قېچىپ بارغاندىن بۇيان تەيۋەننىڭ ئەسلىدىكى يەرلىك خەلقى تېز سۈرئەتتە جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىن چەتنەشتۈرۈلگەن ۋە ئېغىر دەرىجىدە ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچرىغان. نۆۋەتتە تەيۋەندىكى يەرلىك خەلق خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كۆچۈپ بارغان خىتايلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئېغىر ئىشسىزلىق ھالىتىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىمۇ تەيۋەندىكى ئوتتۇراھال سەۋىيەدىن 40% تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىكەن.

سەي يىڭۋېن دۈشەنبە كۈنى تەيۋەندىكى يەرلىك مىللەتنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان 16 قەبىلىسىنىڭ ۋەكىللىرىگە ۋەدە بېرىپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشكە پۇرسەت يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/teywen-weziyiti-08012016144234.html

Share
1293 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.