logo

trugen jacn

تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەزالىرى تىبەت قوزغىلىڭىنى خاتىرىلەش نامايىشىغا قاتناشتى

teywen-uyghur-jemiyiti-tibet-qozghilingi-namayishi-5

ھاجى قۇتلۇق قادىرى

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇزۇگۇمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 8-مارت تەيبېيدا ئۆتكۈزۈلگەن تارىختىكى 10-مارت تىبەت قوزغىلىڭىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىمۇ قاتناشقان.

8-مارت دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 1959-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى تىبەتتە كۆتۈرۈلگەن تىبەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى قوزغىلىڭىنى خاتىرىلەش ۋە بۇ قوزغىلاڭدا قۇربان بولغانلارنى ئەسلەش يۈزىسىدىن تەيبېيدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا، تەيبېيدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىمۇ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئىشتىراك قىلغان

teywen-uyghur-jemiyiti-tibet-qozghilingi-namayishi-3

تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەيۋەندە قۇرۇلغان ئىككىنچى ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولۇپ، دەسلەپكىسى 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تەيبېيدا خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچىسى لىن باۋخۇا باشچىلىقىدا قۇرۇلغان تەيۋەن ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئىدى.

نامايىش تەيبېينىڭ مەركىزى كوچىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىشتىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇزۇگۇم نامايىش ھەققىدە توختىلىپ: «تەيبېيدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشىمىزغا 600 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. بۇ قېتىمقى نامايىش تەيۋەندە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. نامايىشقا ئۇيغۇر، موڭغۇل، فالۇڭگوڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. نامايىش ئاساسلىقى چەتئەللىك ۋە تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل قىلىندى. پائالىيىتىمىز ناھايىتى ياخشى داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشقا قاتناشقان تىبەت، ئۇيغۇر، جەنۇبىي موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللىغۇچى تەيۋەنلىك دوستلار قوللىرىدا شۇ مىللەتلەرنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۈنلۈك ھالدا ‹تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارغا ئەركىنلىك!› دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ تەيبېينىڭ ئاۋات كوچىلىرىنى كېزىپ ئۆتكىنىمىزدە، بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلگەن جۇڭگولۇقلار بىزگە ھەيران بولغاندا ھالدا قارىشىپ، بىزنى سۈرەتكە تارتىپ ئۇزۇنغىچە بىزنىڭ توۋلىغان شوئارلىرىمىزغا دىققەت قىلىشتى» دېدى

teywen-uyghur-jemiyiti-tibet-qozghilingi-namayishi-5

ئۇ بىزنىڭ: «تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاچان قۇرۇلغان؟ ئاساسلىق مەقسىتى نېمە؟» دېگەندەك سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا تەيبېيدا ئوقۇۋاتقان ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان. جەمئىيىتىمىز تەيۋەندە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىزنىڭ تور بېتىمىز بار. ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ تەيۋەندە تىبەت تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى رەسمىي باشلىدۇق. مەقسىتىمىز تەيۋەن خەلقىگە ۋە دۇنيا خەلقىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش» دېدى.

زىيارىتىمىز داۋامىدا تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇزۇگۇم بىزنىڭ: «بۈگۈنكى پائالىيەتكە ھازىر تەيۋەندە ياشاۋاتقان 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئۆركەش دۆلەتمۇ قاتناشتىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئۇنىڭ قاتناشمىغانلىقىنى، ئەمما تەيۋەندە قۇرۇلغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئۆركەش دۆلەتنىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇزۇگۇم سۆزىدە، ئۆزىنىڭ فىرانسىيەدە تۇغۇلغان، ساپ فىرانسۇز مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى، ھازىرچە ئۆزىنىڭ نام شەرىپىنى ئۇيغۇرچە نۇزۇگۇم نامى بىلەن ئاتاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئىلگىرى جۇڭگوغا بېرىپ، جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىز داۋامىدا نۇزۇم ئۆزىنىڭ خىتايدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەيۋەن خەلقىگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىش، ئۇيغۇر خەلقىگە ھېسداشلىق قىلىش يۈزىسىدىن ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ تەيبېيدا مەزكۇر جەمئىيەتنى مەسلەكداش دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كەڭ كۆلەملىك ئاڭلىتىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شۇنداقلا ئۇ سۆزىدە يەنە، تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئاساسلىقى تەيۋەنلىك ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇزۇگۇم زىيارىتىمىز ئاخىرىدا جەمئىيەتنىڭ تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق پائالىيەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، تېخى يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى، شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن ئۆز-ئارا سۆھبەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆزىنىڭ نۇزۇگۇم بىلەن بولغان سۆھبىتى ۋە تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tibet-qozghilingi-03102015142527.html

Share
2307 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.