logo

trugen jacn

تەشۋىقاتچى قۇربانجان سەمەت بېيجىڭ ئايرودرومىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق-سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن

0945e4e4-20f3-4360-a5c5-4ee26375ea30

ئۈندىدار ۋە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى قۇربانجان سەمەت چەتئەلدىكى تەشۋىقات سەپىرىدىن قايتىشىدا بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنىپ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق-سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن.

بېيجىڭ ئايرودرومىنىڭ پاسپورت كونترولىدىكى ساقچىلارنىڭ قۇربانجان سەمەتنى ئايرىم ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ تەكشۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشى تارتىلغان رەسىم تۈنۈگۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالماقتا.

مەلۇمكى، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابى بىلەن خىتاي تەشۋىقات ساھەسىدىكى داڭدار شەخسكە ئايلانغان قۇربانجان سەمەت بۇ يىل يازدىن بۇيان ئامېرىكا، ياپونىيە، تۈركىيە، مىسىر ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ تەشۋىقات لېكسىيەسى سۆزلىگەن.

ئۇنىڭ لېكسىيەلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى ئاتالمىش ئەۋزەللىكلىرى شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ «ئەۋزەللىك» تىن قانداق پايدىلىنىپ ئۆز غايىلىرىنى رېئاللاشتۇرغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار سۆزلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن دۇمباق چېلىۋاتقان قۇربانجان سەمەتتەك شەخسلەرنىڭمۇ بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنىپ سوراق قىلىنىشى خىتاي ئۈچۈن ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ گۇمان ئوبيېكتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

Share
2075 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.