logo

trugen jacn

تەراۋىھدا ئادەم تۇتقان سېكرېتار ئېغىر يارىلاندۇرۇلدى، ئايالى ئۆلتۈرۈلدى

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ پۇرچاقچى يېزا ئاياق پۇرچاقچى كەنتىنىڭ سېكرېتارى رەجەپ ئىسلام، مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى تەراۋىھ نامىزى ۋاقتىدا مەسچىتكە ئۈسۈپ كىرىپ قارا تىزىملىكتىكى 6 نەپەر گۇماندارنى يېتەكلەپ ئاچىقىپ مەسچىتنى قورشاۋ ئالغان ساقچى ۋە ئەسكەرلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.

دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشتىكى قاتتىق قوللۇقى ۋە خىتاينىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە ماسلىشىشتىكى ئاكتىپچانلىقى بىلەن تونۇلغان رەجەپ ئىسلام ئائىلىسى، شۇ قېتىملىق تەراۋىھدىن 4 سائەتچە ۋاقىت ئۆتكەندە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

5 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا رەجەپ ئىسلامنىڭ قورۇسىغا بېسىپ كىرىپ ئاۋۋال ئاشخانا ئۆيىدىكى زەينەپخانغا، ئارقىدىن ئۆي ئىچىگە بېسىپ كىرىپ، رەجەپ ئىسلامغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا زەينەپخان نەق مەيداندا ئۆلگەن، رەجەپ ئىسلام بىر سائەتتىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

نۆۋەتتە قاراقاش ناھىيىسىدە بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق 5 گۇماندارنى تۇتۇش سەپەرۋەرلىكى داۋام قىلماقتا، يارىدار رەجەپ ئىسلام بولسا، ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالانماقتا.

Share
1849 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.