logo

trugen jacn

تەتقىقات دوكلاتى: خىتاينىڭ ھەربىي راسخوتى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئاشقان 

رەسىمدە، خوتەن شەھىرىدە «ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈش، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» تېمىسىدا قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى، 2017- يىلى فېۋرال.

بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلى دۇنيانىڭ ھەربىي چىقىمى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي راسخوتىلا دۇنيانىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگەللىگەن، خىتاينىڭ ھەربىي راسخوتى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ ئىككىنچى بولغان. سەئۇدى ئەرەبىستان رۇسىيەدىن ئېشىپ ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.
شۋېتسىيە ستوكھولىم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات مەركىزى(SIPRI)نىڭ 2- ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2017- يىلى دۇنيانىڭ ھەربىي راسخوتى جەمئىي 1 تىرىلىيون 730 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى 2016- يىلىدىكىگە قارىغاندا %1.1 يۇقىرى بولغان.
ئامېرىكا 610 مىليارد دوللار بىلەن ھەربىي راسخوت جەھەتتە بىرىنچىلىكنى ساقلىغان.
خىتاينىڭ 288 مىليارد دوللار بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. 2016- يىلىدىكى ئەمەلىي باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، 2017- يىلىدىكى ئېشىش قىممىتى 12 مىليارد دوللارغا تەڭ كېلىدىغان بولۇپ، بارلىق دۆلەتلەر ئىچىدە ئېشىش ئەڭ كۆپ بولغان. دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017- يىلى خىتاينىڭ دۇنيا ھەربىي راسخوتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2008- يىلىدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىگە تەڭ بولۇپ، تەخمىنەن %13 بولغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان رۇسىيەنىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنيا بويىچە ئۈچىنجى بولغان، ھەربىي راسخوتى 69 مىليارد 400 مىليون دوللار.
تۆتىنچىسى رۇسىيە بولۇپ، ھەربىي راسخوت چىقىمى 2017- يىلى بەشتىن بىر قىسىم ئازلىغان، ئەمەلىي باھا بويىچە ھېسابلىغاندا 66 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشكەن. رۇسىيەنىڭ ھەربىي راسخوتى ئەڭ كۆپ تۆۋەنلىگەن. مەزكۇر ئورگاننىڭ قارىشىچە، بۇ ئاساسلىقى نىفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن بولغان.
ھىندىستان ۋە فرانسىيە بەشىنجى ۋە ئالتىنجى ئورۇنغا تىزىلغان.
ئوتتۇرا شەرقىي رايونى يەنىلا ھەربىي راسخوت چىقىمىنىڭ GDP دا ئىگەللىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى رايون بولۇپ، تەخمىنەن %5 ئەتراپىدا بولغان. ھەربىي راسخوت يۈكى ئەڭ ئېغىر 10 دۆلەت ئىچىدە يەتتىسى ئوتتۇرا شەرققە جايلاشقان.
ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاي بىرىنچى بولغان، ئارقىدىن تەرتىپ بويىچە ھىندىستان(63 مىليارد 900 مىليون)، ياپونىيە(45 مىليارد 300 مىليون)، كورىيە(39 مىليارد 100 مىليون) كەلگەن. تەيۋەن بىلەن پاكىستاننىڭ تەڭ دېگۈدەك بولۇپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا 10 مىليارد 500 مىليون ۋە 10 مىليارد 700 مىليون بولغان.

ھەربىي راسخوتى ئەڭ يۇقىرى بولغان دۆلەتلەر
43613653_401
ئوڭ تەرەپتىكىسى 2017- يىلى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي راسخوتىنىڭ دۇنيا ئومۇمىي ھەربىي راسخوتىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى؛ سول تەرەپتىكىسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي راسخوتىنىڭ شۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى(GDP)دا ئىگەللىگەن نىسبىتى

ستوكھولىم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى مەخسۇس خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى، ھەربىي ھازىرلىقلار ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىشقا ئالاقىدار تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئورگان. ھەر يىلى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتى شۇ ۋاقتتىكى باھانى ئۆلچەم قىلىدۇ.

http://turkistantimes.com/uy/news-2841.html

Share
1367 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.