logo

trugen jacn

تەبىئى بايلىقلىرىمىز ۋە مۇستەقىللىق يولىمىز

مەھمەتىمىن ھەزرەت

تەبىئى بايلىقلىرىمىز ۋە مۇستەقىللىق يولىمىز

1. بۆلۈم:  شەرقى ۋە غەربى تۈركىستاننىڭ ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە قىسقىچە نەزەر

ئىلاۋە: ئەسلىدە بۇ ماقالە بىر گەۋدە بولۇپ، بىر قانچە قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. بىراق ماقالە تۈگىگەندىن كېيىن قارىسام بىر كىتاپ ھالىغا كەلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى نەزەردە تۇتۇپ قىسىملار بويىچە پارچە- پەرچە ئېلان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

كىرىش

شەرقى تۈركىستاننىڭ نېفت، تەبى گازلىرى ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقى قەدىمدىن بۇ زىمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، تاجىك قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ پۇتىغا كىشەن، قولىغا ئىشكەل بولۇپ تاقالماقتا. شەرقى تۈركىستاننىڭ بايلىقى،شەرقى تۈركىستان خەلقىگە بەخت سائادەتنىڭ سەمەرىسى ئەمەس، زۇلۇم زەنجىرى بولۇپ قايتىپ كەلمەكتە. پۈتۈن دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۇ مىللەتلەر ئۈچۈن ئانا باغرىدەك ئىللىق ماكان بولغان بولسا، بۈگۈن يالغۇزلا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ ۋەتىنى بۇ مىللەت ئۈچۈن مۇزدەك سوغۇق تۆمۈر قەپەزگە ئايلىنىپ قالدى. ئېلى، تارىم دەريالىرىدا تولغۇنۇپ ئاققىنى سۇ كۆرۈنگەن كۆز ياشلىرىدۇر. شەرقى تۈركىستان زېمىنلىرى، بۇ زېمىن ئۈستىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، جانلىقلار ۋە بۇلارنىڭ ئىگىسى بولغان خەلقلەر دۇنيا ئەپكارىنىڭ كۆز ئالدىدا قىرغىن قىلىنماقتا. بىز خىتايلاردىن ۋەتىنىمىزنى، بايلىقلىرىمىزنى قىزغانمىدۇق. ئالسا مالنى ئالسۇن، جېنىمىز ئامان قالسۇن دېدۇق. بىراق خىتايلار بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى، بايلىقلىرىمىزنى بىزدىن قىزغاندى. يوقسۇللۇقتىن، كېسەللىكتىن، خارلىقتىن، چارچاشتىن، جىسمانى ۋە مەنىۋى زۇلۇمدىن ئاستا ئاستا ئۆلۈپ تۈگشسگىمىزگە تاقەت قىلالمىغان خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقى تۈركىستانلىق بولغانلىكى پۈتۈن خەلقلەرنى توپتىن قىرغىن قىلىشقا يۈزلەندى. بىز شەرقى تۈركىستانلىق خەلقلەرنى كوللىكىتىپ ئۆلۈمگە ھەيدەپ مېڭىشقا سەۋەب بولىۋاتقان تۈپ ئاساسى ئامىل بىز دەسسەپ تۇرۇپ بىز ئېرىشەلمىگەن شۇ بايلىقلىرىمىز. بىزنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىنىشىمىزغا سەۋەپچى بولغان بايلىقلىرىمىزنى قۇتۇلۇشىمىز يولىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قۇرالغا ئايلاندۇرۇرغاندىلا بىزگە قۇتۇلۇشنىڭ يولى ئېچىلىدۇ. چۈنكى، بايلىقنىڭ پېشىدە بولغۇچى يالغۇزلا خىتاي ئەمەس. بارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بايلىقنىڭ پېشىدە. دۇنيا ئۇرۇش تارىخىنى تەتقىق قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، بارلىق ئۇرۇشلارنىڭ مەنبەسى بايلىق تالىشىشتىن كېلىپ چىققان. بىز شەرقى تۈركىستان خەلقى، بىزنى تامامەن قىرىپ تاشلاپ زېمىن ۋە بايلىقلىرىمىزغا ئەبەدى ئىگە بولماقچى بولغان سەددىچىن سېپىلىدىن قانۇنسىز ئاتلاپ چىقىپ كەلگەن تاجاۋۇزچىغا قارشى، زېمىن ۋە بايلىقلىرىمىزنى بىزنىڭ ئىگىدارچىلىقىمىزغا قويۇپ بېرىشنى خالايدىغان، مىللەت سۈپىتىدە بىزنى ھىمايىسىگە ئالىدىغان كۇچلۈك غەرىپ دۆلەتلىرى بىلەن بايلىقلىرىمىزنى ئورتاقلىشىش تەشەببۇسىنى ئاشكارا ئورتىغا قويۇشىمىزنىڭ پۇرسىتى يېتىپ كەلدى دەپ چۈشىنىمەن.

شەرقى تۈركىستانلىقلارنى قۇتقۇزالايدىغان شەرقى تۈركىستاننىڭ ئېنىرگىيە مەنبەلىرى قايسىلار؟

خىتاينىڭ “شىنجاڭ ئانىسكلوپىدىيەسى”( 新疆百科) تورىدىكى 2011. يىللىق سانلىق مەلۇماتتا مۇنداق يازىدۇ، “[1] “دۆلىتىمىزدە تېپىلغان 162 خىل مىنېرالنىڭ 122 خىلى شىنجاڭدا بولۇپ، ئۇمۇمى مىقدارنىڭ 75.3% نى ئىگەللەيدۇ… جۇڭغار، تارىم، تۇرپان-قۇمۇلدىن ئىبارەت 3 رايوندا 19 كىچىك ئورتا تىپتىكى ئويمانلىقلاردا 850.000 كۋۋادىرات كىلومېتىرلىق ساھەدە نېفت مەۋجۇت بولۇپ، پەقەتلا بۇ رايوندىكى نېفت ساھەسى شىنجاڭ زىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگىنى تەشكىل قىلىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە كۆرە بۇ مىقدار شىنجاڭدا تېپىلغۇسى نېفت زاپىسىنىڭ پەقەتلا 3 تىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ… تېپىلغان تەبىئى گاز زاپاس مىقدارى 13 تىرىليون كۇپمېتر” (2011-06-18)

ئىستانبۇلدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان چىن رادىئوسى 2016.يىلى 3. ئاينىڭ 16. كۈنىدىكى تور خەۋىرىدە[2] Şincan’a Genel Bakış“(شىنجاڭغا ئۇمۇمى نەزەر) ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ “ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى” (Enerji Kaynakları) قىسمىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ؛ “ شىنجاڭدا ئىنىقلاپ تېپىلغان كۆمۈر ۋە نېفت خىتايدىكى توپلام ئېنېرگىيە زاپىسىنىڭ 3 تىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ…. نېفت زاپىسى 20 مىليارد 800 مىليون توننا… كۆمۈر زاپىسى 2 ترىليون توننا. شىنجاڭنىڭ كۆمۈرى خىتاي بويىچە كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40% نى تەشكىل قىلىدۇ”
خىتاي مەدياسى 2017.يىلى 12. ئاينىڭ 1.كۈنى قاراماينىڭ ماخۇ دەپ ئات قويغان قىسمىدا [3]دۇنيانىڭ بىرلا يەردە ئەڭ كۆپ نېفت بولۇنغان ساھەسنى تاپقانلىقىنى، بۇ يەردىكى نەق نېفت زاپىسىنىڭ 1.24 مىليارد توننا بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 2018- يىلى يەنە بۇ رايوندىن يېڭىدىن 300 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفت زاپىسى تېپىلدى، دەپ ئېلان قىلدى. خىتاي، خەلقىگە شەرقى تۈركىستاندىن بۇنداق خۇشخەۋەرلەر ھەركۈنى دېگۈدەك يوللىنىپ تۇرىدۇ.

خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتىدا شۇ ئاندا پەقەتلا تۇرپاننىڭ لۈكچۈندە 200 نېفت قۇدۇقىدىن نېفت ئېلىنماقتا. تارىم نېفىتلىكىدە بولسا 20 مىڭدىن ئارتۇق نېفت قۇدۇقى پائالىيەت كۆرسەتمەكتە. جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ [4]ماخۇ – ساۋەن ئارىسىدا 2018. يىلى 108 نېفت قۇدۇقى يېڭىدىن پائالىيەتكە ئۇتكەن.

خىتاي شەرقى تۈركىستاندا 2018.يىلى [5]50 مىليون توننا نېفت ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تارىم ئويمانلىقىدىن ئالغان نېفىت [6] 30 مىليون توننا.
خىتاي مەدياسى 2017.يىلى [7]داۋانچىڭدا 100 مىليارد مېتىركۇپ كۆمۈر گاز قاتلىمىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 2018.يىلى يىل ئاخىرىدا [8]تارىم نېفتلىگىدە يەنە يېڭىدىن 100 مىليارد مېتىركۇپ گاز زاپىسىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. شەرقى تۈركىستاندا شۇئانغا قەدەر [9]تېپىلغان كۆمۈر گاز زاپىسى 9.5 ترىليون كۈپمېتر بولۇپ، تەبىئى گاز بىلەن قوشقاندا شەرقى تۈركىستاندا خىتاي مەدياسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان گاز زاپىسى 30 تىرلىيون كۈپمېترىدىن ئارتۇق.

تۈركىستاندىن خىتايغا سوزۇلغان گاز, نېفت تۇروببا يوللىرى

1.شەرقى تۈركىستاندىن خىتايغا قۇرۇلغان 3 لىنيە گاز تۇرۇببىسى بار بولۇپ، [10]1. لىنيە دەپ ئاتالغان لىنيە تارىم نېفىتلىكىدىن باشلانغان بولۇپ، خىتايدا 64 شەھەر ۋە 3000 دىن ئارتۇق بۈيۈك زاۋود، فابرىكىلارنى گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ. پەقەتلا تارىم تەبىئى گازىدىن پايدىلىنىۋاتقان [11] خىتاي نۇپۇسنىڭ سانى 200 مىليوندىن ئارتۇق. بۇ لىنيسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3844 كىلومېتىر. ئەڭ ئاخىرقى نوقتىسى شاڭخەي.
2. قورغاس گاز پومپىلاش ئىستانسىسىنىڭ 2017. يىلى كۈنلۈك خىتاي تەرەپكە [12]گاز پومپىلاش مىقدارى 190 مىليون مېتركۈپ بولماقتا. 2. گاز تۇرۇببا لىنىيەسى دەپ ئاتالغان بۇ تۇرۇببا لىنىيەسى [13]خىتاينىڭ 15 ئۆلكە، شەھەر 192 ناھىيەسىنى گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ تۇرۇببا يولىنىڭ بىر تارمىغى شاڭخەيگە، بىر تارمىغى گۇۋاڭجۇ ئارقىلىق شياڭگاڭغا يېتىپ بارىدۇ. 2. تۇرۇببا يولى لىنىيەسىنىڭ [14]ئۇزۇنلۇقى 10 مىڭ كىلومېتىر. تۈركمەنىستان 188 كىلومېتىر، ئۆزبېكىستاندا 530، قازاقىستاندا 1300، شەرقى تۈركىستان ۋە خىتاي چىگراسى ئىچىدە 8000 كىلومېتىر بولۇپ، A/B/C دەپ ئاتالغان 3 لىنيەگە ئايرىلغان تۇرۇببا يولى 2016.يىلى تولۇق پائالىيەتكە ئۆتۈپ بولدى.
3. لىنيە3. دەپ ئاتالغان تۇرۇببا لىنىيەسىدىن تۈركمەنىستاندىن [15]يىللىق 30 مىليارد كۈپ مېتىر گاز ئېقىپ قورغاسقا كېلىدۇ. [16]قورغاستا، غۇلجا جىليۈزى ناھىيسى ۋە قورغاس ناھىيىسدىكى ئۈستى ئۇچۇق كۆمۈر كانلىرىدا كۆمۈرنى ئېرىتىپ ئىشلەپچىقىرىلغان 30 مىليون مېتىركۈپ گاز بۇ تۇرۇبىغا قۇيۇلىدۇ. غۇلجىدا كۆمۈردىن گاز چىقىرىش پائالىيىتى بىلەن [17]شۇغۇللانغان “伊犁能源公司全称新汶矿业集团” ئىسمىدىكى خىتاي شىركىتى “ ئىقتىساد” جورنىلى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك 500 شىركەت تىزىملىكىدە 234. قاتاردا يەر ئالماقتا. بۇ لىنيسىنىڭ [18]ئۇزۇنلۇقى 7378 كىلومېتىر بولۇپ، خىتاينىڭ 10 ئۆلكىسىنى گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاخىرقى نوقتىسى فۇجەن، گۇۋاڭدۇڭ ئۆلكىلىرىدە يۈزلىگەن تارماقلارغا بۆلىنىدۇ.(كۆمۈردىن گاز ئىشلەپچىقىرىشتىن كېلىپ چىققان ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ خەتىرى توغرۇلۇق بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن غەرب ئالىملىرى، غۇلجىدا يالغۇز ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلا ئەمەس، سىلەرنىڭ كۆپلىگەن كۆچمەن خىتاي نوپۇسىمۇ ياشايدۇ. زەھەرلىنىپ بۇرۇنلا ئۆلۈمگە يۈزلىنىدىغانلار يەرلىك خەلق ۋە ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرىلا ئەمەس.” دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.)
4. D لىنيە [19] دەپ ئاتالغان تۇرۇببا يولى قۇرۇلىشىنى خىتاينىڭ(亚洲钢管厂 ) شىركىتى ياساۋاتقان بولۇپ، تۇروببا ياتقۇزۇش ئىشىنى ئۈستىگە ئالغان. تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، [18]تاجىكىستان، قىرغىزىستاندىن ئۆتۈپ شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىگە كېلىپ توختايدۇ. بۇ لىنىيىنىڭ ئۇلۇغچاتقىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1000 كىلومېتىر. بۇ تۇرۇببا يولى خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلەردىن قېزىلغان تەبىئى گازلارنى قوشۇپ ئاقسۇ، كۇچا گازلىرىنىمۇ ئېلىپ خىتايغا يۈزلىنىدۇ. D تۇرۇببا لىنيىسىگە 2020 يىلى گاز ماڭدۇرۇش پىلانلانماقتا. [20]خىتايدىن بۇ تۇروببا يولىغا ئاجرىتىلغان مەبلەغ 6.7 مىليارت دوللار. خىتايغا دەسلەپكى قەدەمدە يىللىق 85 مىليارد مېتىركۈپ گاز يەتكۇزۇلىشى پىلانلانماقتا. تۇرۇببا يولىنىڭ يىللىق گاز سىغىمچانلىقىنى 240 مىليارد كۈپمېتىرغىچە چىقىرىش مۇمكىن. بۇ D لىنيە خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ 20% نى قامدىيالايدۇ.
5.قازاقىستاننىڭ [21]ئاتاسۇ- ئالاتاغ ئېغىزى (ئالاشەنكۇ) – مايتاغ نېفت تۇرۇببا يولىدا ھەر يىلى 20 مىليون توننا نېفت مايتاغدا توپلىنىپ، قاراماي نېفتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا ئاقىدۇ. 2018. يىلى 9. ئايدا خىتاي مەدياسى بۇ تۇرۇببا يولى بىلەن قازاقىستاندىن توپلام 110 مىليون توننا خام نېفىتنى چېگرادىن ئۆكۈزۈپ ئېلىپ كەلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلىشتى.
6. پەقەتلا كۇچار ناھىيىسىگە[22] تەۋە گاز ساھەسىدىن 2018. يىلى كۈنلۈك 20 مىليون توننا گاز ئىشلەپچىقىرىلماقتا.
7.[23]قۇتۇبى ناھىيىسىدىكى گاز ئامبىرىنىڭ گاز سىغىمچانلىقى 10 مىليارد كۇبمېتىر بولۇپ، بۇ گازلار توختاۋسىز سۈرئەتتە تۇرۇببا يولى ئارقىلىق خىتايغا ماڭدۇرۇلىدۇ.
8. خىتاي بويىچە 2. چوڭ نېفت ساقلاش يەر ئاستى ئامبىرى بولسا مايتاغدا.
9. قۇمۇلدا 2016.يىلىدا قۇرۇلغان [24] LNG تەبىئى گاز پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا كۈنلۈك 100 مىڭ مېتىركۈپ، يىللىق 2.6 مىليون مېتركۈپ گاز پىششىقلاپ ئىشلىنىپ پويىز ۋە تانكېر تىرلار بىلەن خىتايغا توشۇلماقتا.
10. پەقەتلا خوتەننىڭ [25]تەبىئى گاز زاپىسى 61.6 مىليارد مېترىركۈپ، كۆمۈر زاپىسى 200 مىليون توننا، قاشتېشى زاپىسى 350.000 توننا. ئەگەر خوتەن ئايرىم بىر دۆلەت بولغان بولسا ئىدى، تەكلىماكان بويىدىكى 2. دۇبەي سۈپىتىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان بولاتتى.

شامال ئېنىرگىيە مەنبەسى بولغان شەرقى تۈركىستاندىن پەقەتلا داۋانچىڭ ۋە قۇمۇلدىن ئىككى مىسال

بېجىڭ، شەرقى تۈركىستاننىڭ نېفت، تەبىئى گازلىرىنى سۈمۈرۈش بىلەن يېتىلگىنى يوق.
11. [26]داۋانچىڭدا ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىر، كەڭلىكى 8 كىلومېتىر بولغان 1000 كۋۋادىرات كىلومېتىرلىق ساھەدە 300 دىن ئارتۇق شامالدىن توك چىقىرىش چاقپەلەكلىرى پائالىيەتتە. بۇ توك چارقىپىلەكلىرى ئىشلەپ چىقارغان 2000 مىگىۋات توك ئۇدۇل خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللانماقتا.
12.خىتايلار، [27] 1986.يىلى دانىيىدىن بىر تال شامالدىن توك چىقىرىش چارقىپىلىكىنى سېتىۋالدى ۋە ئۇنى كوپىيالاپ توك چارقىپىلەكلىرىنى ياساشقا باشلىدى. خىتاينىڭ تۇنجى توك چاقپەلەك زاۋۇدى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى. 1989.يىلى دانىيىدىن 3 مىليون دوللار قەرىز ئېلىپ زاۋۇتنى كېڭەيتتى. داۋانچىڭ شامال ئېلېكتېر ئېكىنزارلىقى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ شامال ئېنېرگىيە مەركىزى دەپ نام ئالغان بولۇپ، بۇ چاقىپەلەكلەرنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ياسالغان.
13. [28]قۇمۇل چۆللىرىدە ئورماندەك قەد كۆتەرگەن شامال توكى چارقىپەلەكلىرىنىڭ سانى 1000 دىن ئېشىپ كەتتى 2020. يىلغا يەتكەندە بۇ ساننى 2000 گە چىقارماقچى.
14. 2018. يىلى [29]“شىنجاڭ مالىيە نازارىتى” شەرقى تۈركىستاندا شامالدىن توك چىقىرىدىغان 211 پروجىگە مەبلەغ ئاجىراتتى.
15.ئۈرۈمچى شامال چارقىپەكەلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇدى 2007. يىلى [30]گىرمانىيەنىڭ Vensys شامال ئېنىرگىيە شىركىتىنىڭ 70% ھەسسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن گىرمان يۈكسەك تېخنىكىسىنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىشكە مۇۋەپپەق بولدى ۋە ھازىر شېنجىندىكى سېتىش مەركىزىدىن ياۋروپا،ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا، ھەتتا ئامېرىكىغا شامال چارقىپىلەكلىرىنى دۇنيانىڭ ئولچەملىك تەننەرقىدىن 50% ئەرزان باھادا ساتماقتا.
ئەپسۇسكى بارلىق سانائەت، مۇلازىمەت تارماقلىرىدا ئۇيغۇر،قازاق، قىرغىز… قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى ئىشقا ئالمىغىنىغا ئوخشاش، بۈگۈن قانچە ئونمىڭ ئىشچىسى بولغان بۇ زاۋۇتتا ۋەتەننىڭ ئىگىسى بولغان بىزلەردىن ئىشچى، خىزمەتچى يوق دىيەرلىك. 2018. يىلى 26. دىكابىردىكى [31]“شىنجاڭ گېزىتى” 2018. يىلى 11 ئاي ئىچىدە 2 مىليون 800 مىڭ ئىشسىز ئۇيغۇرنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇزاق يۇرتلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى “خوشخەۋەر” سۈپىتىدە يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپۇنچىسى ئاقسۇ، شىخەنزىلەردىكى  بىڭتۇۋەندىكى خىتاي خۇجايىنلارغا ئائىت پاختازارلىقتا مەۋسۇملۇق      ياللانما ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىلگەن.

قوياش ئېنىرگىيە مەركىزى شەرقى تۈركىستان

16. ۋەتىنىمىزنىڭ[32]خوتەن، ئاتۇش،ئۈرۈمچى، بۆرتالا، غۇلجا قاتارلىق رايونلىرىدا خىتاي شركەتلىرى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەملىك قوياش ئېنىرگىيە مەيدانلىرى قۇرۇلماقتا. بۇ قوياش ئېنىرگىيە مەيدانلىرىدىن 2018. يىلى 1. ئايدىن 8. ئايغىچە 1 مىليارت 250 مىليون كىلۋات سائەت توك ئىشلەپ چىقىرىلدى. خىتاي، شەرقى تۈركىستاننىڭ كۈندە 14-15 سائەت كۈن نۇرىدىن بەھرىمەن بولىدىغان جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ۋەتىنىمىزنى دۇنيانىڭ ئەڭ زور قوياش ئېنىرگىيە مەركىزىگە ئايلاندۇرماقچى. بىراق بۇ يەرلەردە ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرگە ئەڭ ئېغىر، پاسكىنا ئىشلاردا ئىشلەپ ئائىلىسىنى بېقىش ئىمكانىيىتى يوق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.

ئۇرۈمچى كۆمۈرلىرى قانداق توكقا ئايلاندۇرۇلۇپ خىتايغا ئەۋەتىلمەكتە؟

17. سانجى-گۇچۈۋەن 1100±كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، ھەر يىلى دېڭىز بويلىرىدىكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە 66 مىليارد كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ توك بىلەن 400 مىليون دانە 30 ۋاتلىق لامپۇچكىنى بىرلا ۋاقىتتا يورۇتقىلى بولىدۇ. بۇ توك بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز ساھىلىدىكى 50 مىليون ئائىلىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇلماقتا. بۇ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىن خىتايغا سۇزۇلغان توك يەتكۈزۈش لىنيەسىنىڭ ئۇمۇمى ئۇزۇنلىقى 3293 كىلومېتىر بولۇپ، شەرقى تۈركىستان ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 599 كىلومېتىردۇر. تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى مۇكەممەلەشتۈرىلىۋاتقان بولۇپ، پات يېقىندا 5000-3000 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىدە توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغا يەتكۈزۈلگەندە، خىتاينىڭ جەنۇب ۋە شىمال قىسمىغىمۇ زور مىقداردا ھازىر توك يوللىنىشى پىلانلانماقتا. بۇ توكلار، ئۈرۈمچى -سانجى رايونلىرىنىڭ كۆمۈرلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىلماقتا.

شەرقى تۈركىستاننىڭ ئالتۇنلىرى نەگە كېتىۋاتىدۇ؟

18. ۋەتىنىمىزنىڭ 57 ناھىيەسىدە خىتاي شىركەتلىرى ئالتۇن قازماقتا. پەقەتلا ئالتايدىن يىللىق 10 توننا ئالتۇن ئىشلەپ چىقارماقتا. پەقەتلا [30]ئۇلۇغچات ناھىيەسى تەۋەسىدە تېپىلغان ئالتۇن زاپىسى مىقدارى 200 توننا. شەرقى تۈركىستاندا 2016. يىلغا قەدەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، قېزىش ئۈچۈن رەسمى پىلانغا ئېلىنغان [31]ئالتۇن زاپىسى 3200 توننا.

ئاھ، قەھرىمان ۋە گۈزەل نىلقا

19. پەقەتلا،نىلقا ناھىيىسىنىڭ تاغ ۋە يايلاقلىرىدا 40 تىن ئارتۇق خىتاي شىركىتى 500 مىڭ خىتاي كۆچمەن ئىشچى بىلەن 140 نوقتىدا كان بايلىقلىرىنى قازماقتا. ئاسىيانىڭ شىۋىتسارىيەسى دەپ ئاتالغان بۇ گۈزەل ماكان ئۇرۇش خارابىسىدەك ھەر يەر ھۆتمە تۈشۈك، ۋەيرانە ئەھۋالدا. ھاۋا بولغىنىشى تۈپەيلى ئادەم ۋە جانلىقلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر خارابىلىققا ئايلاندى. 1944. يىلى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى يولىدا تۇنجى ئىسيان مەشئىلىنى ياققان قەھرىمان نىلقىدىن خىتايلار ئەنە شۇنداق ئىنتىقام ئالماقتا.

شەرقى تۈركىستاندىن ئېلىپ كېتىلگەن ئۇرانيۇملار، يۇرتىمىزغا زەھەر بولۇپ قايتىپ كېلىۋاتقانلىغىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

20. خىتاي دۆلىتىدە شۇ ئاندا [32]پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان 56 يادرو ئېلېكتېر ئىستانسىسى بار بولۇپ، 2020. يىلىدا بۇ سان 60 قا ئۇلىشىدۇ. بۇ يادرو ئېلېكتېر ئىستانسىلىرىنىڭ ۋە خىتاي يادىرو قۇراللىرىنىڭ خام ماددىسى بولغان ئۇرانيۇمنىڭ ھەممىسى ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندىن چىقىدۇ. بۇ ئۇرانيۇم يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي قازاقىستاندىنمۇ كۆپ مىقداردا ئۇرانمۇم ئالىدۇ. خىتاي پىششىقلاپ ئىشلىگەن ئۇرانيۇملارنىڭ بىر قىسمىنى خالقارا قانۇنلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ شىمالى كورىيە، پاكىستان، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىدۇ.

ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى خىتاينىڭ[33] “404” نۇمۇر دەپ ئىسىم قويغان مەخپى شىركىتى ھەر يىلى 1300 توننا يادرو زەھەرلىك ئەخلىتىنى بىرتەرەپ قىلىدۇ. “404” خىتاي يادرو ئېلېكتېر ئىستانسىلىرىدىن چىققان بۇ ئەخلەتلەرنى شەرقى تۈركىستان چىىگرىسىدىكى خېشۇ كارىدورىدىكى تاغلارنى تىشىپ، ئۇ كامىرلارغا كۆمگەنلىكىنى ئېيتسىمۇ، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار، بۇ زەھەرلىك ھەم ئىنتايىن تەھلىكىلىك ماددىلارنىڭ شەرقى تۈركىستان زىمىنىغا كۆمۈلىۋاتقانلىغىنى تەخمىن قىلماقتا. خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە بۇ زەھەرلىك ماددىلار ئەڭ ئاز 300 يىل تۇپراققا، سۇغا سىزماسلىقى شەرت. كۆمۈلگەندىن باشلاپ 10 مىڭ يىل مەسىلە چىقماسلىققا كاپالەت قىلىنىشى كېرەك. بىراق خىتاينىڭ بۇ ئىشقا ئاجىراتقان راسخۇتى ئىنتايىن يېتەرسىز. بىر قۇدۇق ئۈچۈن 1.2 مىليون يۇۋەن پۇل ئاجىزلىغان. ئامېرىكدا تاغلاردىن مىڭلارچە چوڭقۇر قۇدۇق قېزىپ ئالدىن تەييارلاپ تۇرماقتا. ئامېرىكىنىڭ يادرو ئەخلەت ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلى 260 مىليارد دوللارغا يېتىپ بارىدۇ. شەرقى تۈركىستاننىڭ يەرئاستى بايلىقى شەرقى تۈركىستان خەلقىگە ئېكىلوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىق، زەھەر، ھاۋا كىرلىلىگىگە ئايلىنىپ قايتىپ كەلمەكتە. تېخىمۇ ئېچىنارلىقى، خەلقىمىزنىڭ، ئۆزلىرى دەسسەپ تۇرغان زېمىن ئاستىدا پۈتۈن مىللىتىمىزنى ۋە بىزگە ئائىت بارلىق جانلىقلارنى ئاستا ئاستا يوق قلىۋېتىدىغان تەھلىكىلىك زەھەر بىلەن تولدۇرۇلغانلىقىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغانلىقىدۇر.

يۇرتىمىزنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتىم. ھەممىنى يېزىپ تۈگۈتۈش مۇمكىن ئەمەس.(مەسىلەن كۇچار، باي ئارىسىدا 300 كۋۋادىرات كىلومېتىرلىق ساھەدە تېپىلغان دۇنيانىڭ ئەڭ سۈپەتلىك مەرمەر تاش كانى 2011. يىلىدىن باشلاپ ئىشقا چۈشكەنلىگى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش بايلىقلارنىڭ قىممىتى ھەققىدە يازماي ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىم. مورىدىن ئالتايغاچە، ئالتايدىن چۆچەك، ساۋەنگىچە بولغان رايونلاردىن قېزىلىۋاتقان ۋە خىتايغا تۇشىلىۋاتقان ئالتۇن ۋە باشقا كان بايلىقلىرى توغرۇلۇق بۇ يەردە ھېچ سۆز ئەتمىدىم.) بۇ بايلىقلارنى ئىزدەش، قېزىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، قاچىلاش، تۇشۇش ئىشلىرىدا ئەڭ ئاددى، ئەڭ پاسكىنا قارا ئىشتا ئىشلەشنى ئارزۇ قىلغان يەرلىك خەلق، ئەڭ تۇۋەن بۇ ئارزۇسىغىمۇ ئېرىشەلمىدى. ئشلەش ئارزۇسى ئاغزىدىن چىقىپ كەتكەنلەر “بۆلگۈنچى”، “تېرۆرىست” بەدنامنى بىلەن يوقۇتۇلدى. تۈرمە، جازا لاگېرلىرىغا سولاندى. بايلىقلىرىمىز مىللىتىمىزنى ئۆلۈم دارىغا ئاسىدىغان سىرتماق بولۇپ قالدى.

غەربى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ نېفت، تەبىئى گاز زاپىسىنىڭ توپلىمى قانچىلىك؟

ئەەزەربەيجان، قازاقىستان، تۈركمەنىستاننىڭ [37]توپلام نېفت زاپىسى 7 مىليارد توننا. [38]ئۆزبېكىستاننىڭ نېفت زاپىسى 100 مىليون توننا. كاپكاسىيا ۋە ئورتا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ نېفت زاپىسى جەمئىي 7.1 مىليارد توننا. خىتاي رەسمى ئىستاستىكىسى بويىچە ھېسابلىغاندا شەرقى تۈركىستاننىڭ نېفت زاپىسى 25 مىليارد توننا. يەنى كاپكاسيا ۋە ئورتا ئاسىيانىڭ نېفت زاپىسىدىن 3.5 ھەسسە ئارتۇق. يۇقىرىقى 4 تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ توپلام تەبىئى گاز زاپىسى 13.6 تىرىليون كۇبمېتىر بولۇپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ 2018. يىلى ئاخىرىغا قەدەر خىتاي تەرەپ ئېلان قىلغان تەبى گاز زاپىسىنىڭ توپلىمى 30 تىرىليون كۇبمېتىر. شەرقى تۈركىستاننىڭ تەبىئى گاز زاپىسى يۇقىرىقى 4 قېرىنداش دۆلەتنىڭكىدىن 2 ھەسسە ئارتۇق.

بۇگۈن، خىتاي ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ 65% نى شەرقى ۋە غەربى تۈركىستاننىڭ نېفىت، گاز، كۆمۈرلىرىدىن تەمىن ئەتمەكتە. بۇ رايۇننىڭ ئۇرانيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن قولغا كەلتۈرگەن ئېنىرگىيىنى، شامال، قوياش ئېنىرگىيەلىرىنى قوشقاندا، خىتاي ئىشلىتىۋاتقان ئېنىرگىيسىنىڭ 75-80% نى بۈيۈك تۈركىستانغا مەنسۇپ. پۈتۈن دۇنيانى كونترول ئاستىغا ئېلىش شىرىن چۈشىدە بۈيۈك پىلانلارنى تۈزۈۋاتقان خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسى، بۇ مەقسىدىگە بۈيۈك تۈركىستاننىڭ ئېنىرگىيەسىسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ غەربى تۈركىستاننى يۇتۇۋېلىش خىرسى ئىنتايىن كۈچلۈك.

2. بۆلۈم : خىتاينىڭ غەربى تۈركىستان خىرسى
(ماقالە داۋام قىلىدۇ)

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1.新疆地下有很多宝藏吗?

2.Xinjiang’a Genel Bakış – china radio international

turkish.cri.cn

3.新疆玛湖凹陷区发现十亿吨级砾岩油田 系世界最大

4.新疆油田风险勘探获重大突破 高探1井喜获高产油气流

5.6.中石油塔里木油田实现速度质量双跨越

7.新疆达坂城发现1000亿立方米煤层气

8.Tarim néfitlikide 100 milyard kub métir derijilik chong gaz zapisi bayqaldi.

9.新疆地区煤层气资源丰富,据预测煤层气资源量达9.5万亿立方米(与天然气资源量相当),占全国煤层气预测资源量的26%。

10.天然气输送管道:西气东输 气贯长虹

  1. 一线概况

12.西部管道日输气量超1.9亿立方米

13.中国-中亚天然气管道冬供期间负荷率将达到100%

14.西气东输二线:西段竣工投产 目前为全球最长天然气管线

15.西气东输三线工程

16.新疆“十三五”规划:建设大型煤炭基地和煤炭项目

17.新汶矿业集团(伊犁)能源开发有限责任公司

18.“一带一路”上的经济走廊:中国-中亚-西亚经济走廊

19.中亚-中国天然气管道D线塔吉克斯坦区段开工

20.哈中石油管道向中国输送了1.1亿吨原油

21.中国最大凝析气田天然气日处理能力达2000万立方米

22.新疆呼图壁储气库天然气储备量突破100亿立方米

23.中国第二期石油储备基地——独山子储备基地建设全面展开

24.不知道吧,哈密不仅有瓜,还产这些宝贝……

25.和田矿产油气产业投资政策

26.我国最大的风能基地

27.新疆风力发电遇瓶颈

28.哈密风电基地1-7月生产风机937台、风电叶片554

29.全名单 | 共七批 211 个风电项目!新疆财政厅核查可再生能源电价附加补助资金

30.收购德国公司 金风科技资本腾挪第一步

  1. Aldinqi 11 ayda aptonom rayonimizda 2 milyon 800 ming adem qétimgha yéqin yéza artuq emgek küchi yötkep ishqa orunlashturuldi
  1. 新疆8月太阳能发电量12.5亿千瓦时

33.新疆发现价值400亿金矿 神秘港商潜伏2年抱金砖

  1. 新疆金矿资源调查报告(2016 年)
  1. 中国已运营核电站
  1. 辐射百万年 – 中国核废料去哪了
  2. Will Central Asia’s oil and gas go east or west?
  3. Özbekistan’dan petrol ve doğalgaza 30,4 milyar dolarlık yatırım
Share
2963 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.