logo

trugen jacn

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ماقۇللىنىپلا، گۇاڭجۇدا ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك ئۇقتۇرۇشى چىققان

0,,18595561_303,00

ئىرادە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يەكشەنبە كۈنى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى رەسمىي ماقۇللىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە شۇنداقلا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى مەزكۇر قانۇننىڭ خىتايدا پۇقرالار ئەركىنلىكىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىنىشىغا يول ئېچىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلدى. دەل شۇ مەزگىلدە، گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى مېھمانخانىلارنىڭ ساقچى ئىدارىسىدىن خىتاي مىللىتىدىن بولمىغان خېرىدارلارنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يەكشەنبە كۈنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى قوبۇل قىلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراشلىق بىر قىسىم ئورگانلار ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئارقا-ئارقىدىن بۇ قانۇن ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارك تونېر دۈشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ ئەلۋەتتە ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇقنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئىنتايىن كەڭ دائىرىدىكى ۋە بەزى ئېنىقسىز تېرىملار بىلەن ئىپادىلەنگەن بۇ يېڭى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ خىتايدىكى سۆز-پىكىر ئەركىنلىكى، يىغىلىش-نامايىش قىلىش ۋە دىنى ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەكلىنىشىگە يول ئېچىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش بىلەن پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە «پۇقرالار ئۆزىنى ئەركىن ئىپادە قىلىشتىن ۋە ئۇچۇردىن چەكلەنمەسلىكى كېرەك» دېدى.

ھەرقايسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ پۇقرالار بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان تەقىب ۋە چەكلىمىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىنلىكى مۇلاھىزە قىلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا گۇاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خىتاي مىللىتى بولمىغان بولۇپمۇ ئىسلامى يوسۇندا كىيىنگەنلەرگە ياتاق بەرمەسلىك ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغانلىقى مەلۇم بولدى. 24-دېكابىر كۈنى چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشتا تېررورچىلار «پىچاق سېلىنغان ئۇزۇن سومكا كۆتۈرۈۋالغان، ئاي-يۇلتۇزلۇق بەلگە چۈشۈرۈلگەن كىيىملەرنى كىيگەن ۋە ئادەتتە ئەتىگەنلىك نامازدىن كېيىن ھۇجۇم قىلىدىغان كىشىلەر» دەپ تەسۋىرلەنگەن.

ئىستانسىمىزنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى مەلۇم بىر مېھمانخانىدىن ئىگىلىشىچە، ساقچى ئىدارىسى يەنە مېھمانخانىلارغا ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىقنى بۇيرۇق قىلغان. بۇ مېھمانخانا خادىمى مۇنداق دەيدۇ:
«شىنجاڭ كىملىكى بارلار يېتىشقا بولمايدۇ، قوبۇل قىلالمايمىز. خىتاي بولسا بولۇۋېرىدۇ. لېكىن خىتاي بولمىغان باشقا ئاز سانلىق مىللەت بولسا قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ بەلگىلىمە قاچانغىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، بىز بىلمەيمىز. قاچان ئۇقتۇرۇش يېڭى ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالغۇچە بۇ بەلگىلىمە داۋام قىلىدۇ. ئەگەر «شىنجاڭلىقلارنى قوبۇل قىلساڭلار بولىدۇ» دەپ ئۇقتۇرۇش كەلسە، بىزمۇ قوبۇل قىلىۋېرىمىز.

بۇ مېھمانخانا خادىمى گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى باشقا مېھمانخانىلارنىڭمۇ بۇ ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن بىردەك شىنجاڭلىقلارنى قوبۇل قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇققا ۋە خەلقئارا جىھاد» ھەرىكىتىگە باغلاپ كەلگەن. بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا بۇنداق قانلىق ۋەقەلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش، ئايرىمىچىلىق ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھۇجۇم ۋە بېسىمنى قانۇنىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ھەرقايسى تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت-ئۇچۇر شىركەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىشى، بارلىق پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ ئىگىسىنىڭ كىملىكلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى، دۆلەت مىقياسىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستىخبارات يىغىش مەركىزى» قۇرۇش، تېررور گۇماندارلىرىنى ساياھەتتىن چەكلەش ۋە تەكشۈرۈشكە ئېلىش، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق ۋە ئاشكارىلىغانلارنى جازالاش دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن دىققەت قوزغايدىغان ماددىلار يەر ئالغان. ئۇنىڭدا ھەم بارلىق پۇقرالار ۋە ئورگانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشى شەرت قوشۇلغان.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسا يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ئىنتايىن كەڭ دائىرە ۋە مەنىگە ئىگە بۇ ماددىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ھەرقانداق ئىش ۋە ھەرىكەتنى تېررورلۇققا چېتىپ تۇرۇپ زەربە بېرىش ئىمكانى يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئاۋسترالىيەلىك خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى جەيمىس لېيبولد بۇ ھەقتە س ن ن تېلېۋىزىيىسىگە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاخباراتلىرى تېررورلۇق سۆزىنى ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتا بولمىغان كىشىلەرگە ئىشلىتىپ كەلمەكتە. بىز خىتاينىڭ تېخى يېقىندا فىرانسۇز ژۇرنالىست ئۇرسۇلا گوتېيىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن «تېررورلۇققا ھېسداشلىق قىلغۇچى» دەپ قارىلانغانلىقىنى كۆردۇق، خىتاي ھەتتا دالاي لامانىمۇ تېررورلۇقنى قارشى ئالغۇچى، دەيدۇ. يىغىپ كەلگەندە، خىتاينىڭ تېررورلۇق سۆزىگە بەرگەن مەنىسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئورنى خەلقئارادىن پەرقلىق»

جەيمىس لېيبولد سۆزىدە يەنە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قانۇننى ئېلان قىلىش ئارقىلىق خەلقئارادىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچىگە قاراتقان قامالىنى كۈچەيتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر قانۇن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. خەلقئارا ئەركىنلىك سارىيى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى :

«مەزكۇر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى ۋە ئۆكتىچىلەرنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا چەكلەشكە ئۇرۇنۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يېڭى قانۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان ئىنتايىن زور بولغان تىنچلىقپەرۋەر پۇقرالارنى تەقىب قىلىش، چەكلىمىنى كۈچەيتىش ھوقۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئۇ دائىرىلەرگە ژۇرنالىستلارنى، پائالىيەتچىلەرنى ۋە ئېتنىك ۋە دىنى ئاز سانلىقلارنى تۈرمىگە قامايدىغان قانۇنىي ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ئاستىدا خىتايدىكى بېسىمنىڭ ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا قارىتىلغان دەپسەندىچىلىكنىڭ ئارتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» بولسا سەيشەنبە كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ تەنقىدلىرىنى ئەيىبلەپ، «بۇ، خىتاي پۇقرالىرىنى تېررورلۇق ھۇجۇملاردىن قوغداشقا قارىتىلغان پەرقلىق مۇئامىلىنى ۋە قوش ئۆلچەمنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا» دەپ يازدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/xitay-qanuni-12292015154350.html

Share
1486 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.