logo

trugen jacn

تۈرمىدە ئۆلگەن تۇتقۇن داۋۇت ساۋۇتنىڭ ئانىسى: قاغىنىڭ كۆزىنى قاغا چوقۇمايدۇ، شۇڭا ئەرز قىلمىدۇق

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يوپۇرغا ناھىيىسىدە رامزان مەزگىلىدە تۈرمىدە جان ئۈزگەن سىياسىي تۇتقۇن داۋۇت ساۋۇتنىڭ قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىكى ئائىلىسىگە ئېنىق ئايان بولغان بولسىمۇ، مەزكۇر ئائىلە ۋەقە ئۈستىدىن ئەرز سۇنمىغان. ئۆزلىرىنىڭ جەسەتنى قارشىلىقسىز يەرلىكىدە قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى مۇخبىرىمىزغا بايان قىلغان ئائىلە، ۋەقەدىكى ھەقسىزلىقنىڭ ھېسابىنى ئېلىشنى ئاللاھقا تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز، نېمە ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ جەسەتنى قانۇن دوختۇرلىرىغا تەكشۈرتۈپ كۆرۈش تەكلىپىگە قوشۇلمىغانلىقلىرىنى سورىغاندا، داۋۇت ساۋۇتنىڭ ئانىسى «قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇمايدۇ، شۇڭا تەكشۈرتمىدۇق ۋە ئەرزمۇ سۇنمىدۇق» دېيىش ئارقىلىق خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئادالىتىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/dawut-sawut-10032014170749.html

Share
1684 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.