logo

trugen jacn

تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تۇغۇلغان كۈنىدە خاتىرىلەندى

 

1735482962hinainoritycholar0c373

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن خىتاي تۈرمىىسدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقىنىغا 2 يىلدىن ئاشقان بۇ مەزگىلدە، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇنى تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنتۇپ قالمىدى ۋە ئۇنىڭ كېلەر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مانا بۈگۈن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تۈرمە كامىرلىرىدا كۈتۈۋالدى. بۇ ئۇنىڭ تۈرمىدە كۈتۈۋالغان ئىككىنچى تۇغۇلغان كۈنى ھېسابلىنىدۇ. ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ كۈندىمۇ ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى سوفى رىچاردسون بۈگۈن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۇنىڭ ھۆرلۈكىگە بولغان تىلەكداشلىقىنى بىلدۈردى: «شۇنداق، بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. بۈگۈن بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئەسلەپ تۇرۇپتىمىز. ئارزۇ قىلىمىزكى، ئىلھام توختى كېلەر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئۆيىدە، ئۆزى تەۋە بولغان جايدا ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلسۇن. ئۇ ئەسلىدە تۈرمىدە ياتىدىغان بىرى ئەمەس ئىدى. بىز پائالىيەتلىرىمىزنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشنى داۋام قىلمىز.»

ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى تىۋىتتېر تورىغا ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى. خەلقئارا ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنىۋەرجان ئەپەندىمۇ بۈگۈن رادىيومىز ئارقىلىق ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە سالام ئېيتتى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندىن بۇيان «ئۇلارنى ئازاد قىلىڭلار» تېمىسىدا بىر ھەرىكەت باشلىغان ئىدى. بۇ ھەرىكەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆزىنىڭ تىنچلىق بىلەن ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن قەھرىمان كىشىلەرنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشى ئۈچۈن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى، دىپلوماتلارنى مانا بۇ قەھرىمانلارنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىدىغان بىر ئىنتېرنېت ھەرىكىتى. بۇ ھەرىكەتتە دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىدىن تاللانغان ۋە ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان 10 نەپەر كىشى بولۇپ، ئىلھام توختى ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ھەر ھەپتە نۆۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر كىشىنى يورىتىدىغان بولۇپ، «ئۇلارنى ئازاد قىلىڭلار» ھەرىكىتى بۇ ھەپتىدە ئالغا سۈرگەن شەخسى دەل ئىلھام توختى. بۇنىڭ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈن ھەپتىسىگە توغرا كېلىشىمۇ بۇ كۈننىڭ ئەھمىيىتىنى زورايتقان ئىدى. سوفى رىچاردسون پائالىيەت ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىملەرنىڭ، نېمە ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكە سېلىش ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ شۇنداقلا ئىلھام توختىنىڭ داۋاسىنىڭ سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى : «بىز ئىلھام توختىنىڭ داۋاسى خىتايدا ساقلىنىپ ياتقان بىر قانچە خىل مەسىلىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارايمىز. ئۇ پەقەتلا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە سېستىمىسى ئۈستىدىكى مۇتلەق ھاكىمىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ بۇ پائالىيىتىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى.

ئەنىۋەرجان ئەپەندىمۇ خەلقئارادىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسز داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىلھام توختى 1969 – يىلى 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. ئۇ بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىنى قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۆزىنىڭ مىللەتلەر ئارا دىئالوگنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرى سەۋەبىدىن «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئىلھام توختىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ پەقەت خىتاي ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دۇنيادا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بىر كىشىنىڭ تۈرمىگە ئېلىنىشىنىڭ ئىنتايىن خاتالىقىنى قەيىت قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇكاپاتى بولغان «مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بىلەن مۇكاپاتلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10252016224959.html

Share
1384 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.