logo

trugen jacn

تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى بۇ ھەپتە ئاخىرى زىيارەت قىلىدىكەن

İlham Tohti

تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇنى بۇ ھەپتە ئاخىرى زىيارەت قىلىدىكەن. ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىنىڭ ئىككىنچى ئاكىسى 18-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىكەن ۋە ھەپتە ئاخىرىدا ئىلھام توختىنى زىيارەت قىلىدىكەن.

ئىلھام توختى 2014-يىلى 9-ئايدا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان جازا مۇددىتىنى ئۈرۈمچى 1-تۈرمىسىدە ئۆتەۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىكى 3-قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. گۈزەلنۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلھام توختى تۈرمىدە يالغۇز كىشىلىك كامېردا تۇرىدىكەن، ئەمگەككە سېلىنمايدىكەن، ئادەتتە كىتاب ئوقۇشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنىدىكەن. بىراق، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ياكى ئۇنى زىيارەت قىلماقچى بولغانلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە قويغان چەكلىمىسى ئېغىر بولۇپ، 3 ئايدا بىر قېتىم ئاران 30 مىنۇت كۆرۈشۈشكىلا رۇخسەت قىلىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، ئىلھام توختىنىڭ جىنايىتى بېكىتىلگەندىن بۇيان ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىككى بالىسىغا بېرىلىۋاتقان 2000 سوم تۇرمۇش ياردەم پۇلىمۇ توختىتىۋېتىلگەن بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى پەقەت گۈزەلنۇرنىڭ 3500 سوم ئايلىق مائاشىغىلا تايىنىپ قالغان. گۈزەلنۇر بۇ ئىككى ئوغلىنىڭ نورمال ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىدەك چوڭ بولالمايۋاتقانلىقىنى، ئىقتىساد سەۋەبلىك ئۇلارنى دەرستىن سىرتقى كۇرسلارغىمۇ ئەۋەتەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى خۇ جيا يېقىندا ئىلھام توختىنىڭ ئىككى بالىسىنى يوقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە «بىز ھەممىمىز بۇ ئائىلىگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشىمىز كېرەك. بۇ ئىككى بالىنىڭ بىرى يەسلىدە، يەنە بىرى باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيدۇ. ئىلھام توختىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمۇ بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قالسىلا، ئۇلارنىڭ ياخشى تەربىيە ئېلىشى ئىدى» دېگەن.

Share
1515 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.