logo

trugen jacn

تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا 15 تۈرك ساياھەتچى ئۇيغۇر رايونىغا كىرگۈزۈلمىدى

230520161327442486920_2

20-ماي كۈنى 15 كىشىلىك بىر ساياھەت ئۆمىكى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىغا كىرگۈزۈلمىگەن ۋە 10 سائەتچە ئاۋارە قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتۇرۇۋېتىلگەن.

تۈرك ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەدەنىيەت زىيارىتى مەقسىتىدە يولغا چىققان بۇ ساياھەتچىلەر ئەسلىدە ۋىزا تەلەپ قىلىنمايدىغان يېشىل پاسپورت بىلەن يولغا چىققان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى تۈرك ئوچاقلىرى نامىدىكى مىللەتچى بىر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى بىلىنگەندىن كېيىن چېگرادىن كىرگۈزۈلمىگەن

13267844_10154893401901982_3058639802087612970_n

تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى خىزمەت غايىسى قىلغان ھەم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك رول ئوينىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ تەشكىلات تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. 15 نەپەر تۈرك ساياھەتچىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى، ئىستانبۇلدا ھەج سەپىرىدىن توسۇۋېلىنغان ساختا پاسپورتلۇق 98 ئۇيغۇرنىڭ جازالانماي تۈركىيەگە قويۇپ بېرىلىشىدىن ئىككى كۈن كېيىنگە توغرا كېلىشمۇ ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/turk-sayahetchi-05232016170307.html

Share
1434 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.