logo

trugen jacn

تۈركچىدە بىز ئۇيغۇرچىدا خەق

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

كۆزىتىشىمچە تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئۇچرايدىغان مەسىلىسى بىز دېيەلمەسلىك ئىكەن. بالىلىرىمىز كىملىكلەر بەكمۇ رۇشەن ئايرىلغان، بىز ۋە خەق ئۇقۇمى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان موھىتتىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن بىز دېيىشتە قىينىلىدىكەن. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ خەۋەردار بولغان ئىدىم. تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تۈركلىرى دېيىلىپ تۈرك ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە قارىلىدۇ. تۈرك ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلىگەندە بىز تۈركلەر دەپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ. سىنىپتا تۈرك ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بىزلىك مەۋجۇد. يەرلىك تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇساپىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىمۇ بىز-خەق پاسىلى بولۇشقا يول قۇيۇلمايدۇ. مەن تۈركىيەدە قىزىمنى مەكتەپكە يازدۇرماقچى بولۇپ بارغىنىمدا مۇدىر ئىشخانىسىغا بىر ئوقۇتقۇچى كىرىپ كەلدى ۋە ئۇيغۇردىن كەلگەن بىر يېڭى ئوقۇغۇچى…دەپ گەپ باشلىدى . مۇدىر ئۇنى دەرھاللا توختىتىپ «مەكتەپتىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى بار، ئۇ يەرلىك پالان، بۇ يەرلىك پوكۇن دەيدىغان ئوقۇغۇچى يوق بىزدە!»، دەپ تەنبىھ بەردى. قىزىم شۇ ئان ئوقۇشقا ئېلىنغان ۋە «گەل قىزىم، ئۇيغۇرمۇسۇن، ھەپىمىز ئۇيغۇرۇز!» دېگەن ساداغا ئەگىشىپ سىنىپقا كىرىپ كەتكەنىدى.

ئۇيغۇر بالىلارنى مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا يارىدەملىشىپ مەھەللىدىكى مەكتەپكە كۆپرەك قاتراپ قالدىم. ئەدەبىيات ۋە تارىخ دەرسلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەزمۇنلار كۆپرەك تىلغا ئېلىنىدىكەن. مەسىلەن مەن ئاڭلىغان تارىخ دەرسىدە ئوقۇتقۇچى «بىز تۈركلەر ئىسلامغا مۇشەررەپ بولۇپ قەشقەردە قۇدرەتلىك قاراخانلار دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق. قۇرئاننىڭ پارىسچە تەرىجىمىسىگە ئۇلىشىپلا قىلىنغان تۈركچە تەرجىمىسى مۇشۇ دەۋىردە مەيدانغا چىقتى. بۇ دەۋىردە بىزدىن دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ باشلامچىسى مەھمۇد قەشقەرى چىقتى…» دەپ سۆزلەيدىكەن. بىر كۈنى ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيىدىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى «تەكىلماكان چۆلى تۈركىيەنىڭمۇ؟» دەپ سوراپ قالدى. كىمدىن ئاڭلىغىنىنى سورىسام ئوقۇتقۇچىسى دەپتۇ. ئىرەڭ قىلمايلا «خاتا دەپتۇ، تەكلىماكان دېگەن بىزنىڭ» دەپ ئۆتۈپ كېتىپتىمەن. باشقا بىر يەردە يەنە شۇ دەرستىكى تەكىماكاننىڭ گېپى بولۇۋېدى خاتالاشقىنىمنى بىلدىم. ئەسلى ئوقۇتقۇچى قۇملۇقلاردىن چىقىدىغان تەبىئىي بايلىقلار ھەققىدە توختۇلۇپ «بىزنىڭ تەكلىماكان» دەپ سۆزلىگەن ئىكەن. بالىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ بىزنىڭ دېگىنىنى «تۈركىيەنىڭ دېدى» دەپ خاتا چۈشىنىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزىقىپ سەككىز ياشلىق قىزىمدىن سورىسام ئۇمۇ تۈركلەرنى خەق دەپ قارايدىكەن، يەرلىك ئوقۇغۇچىلاردىن بىرمۇ دوستى يوقكەن. مەكتەپتكە بېرىپ كۆزەتسەم ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى بىللە ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ. ئەرتىسىلا مەسئۇدەنى خاسلا يەرلىك ئوقۇغۇچىلار چىقىدىغان ئاپتۇبۇسقا بىر ئايلىق ئالماشتۇرىۋەتتىم. ئاپتۇبۇسقا بىزنىڭ دەپ چىقىپ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىز دېگىنىنى، ساۋاقداشلىرىنىڭ بىز دەۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ بىز دېيىشنى ئۆگەنسۇن دېدىم.

بالىلارغا ئۇيغۇرچە يېزىقچىلىقتىن دەرس بېرىش ماڭا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ بىز_خەق چۈشەنچىسىنى كۆزىتىدىغانغا يەنە بىر قېتىملىق پۇرسەت ئاتا قىلدى. بىر ئوقۇغۇچىمىز تۈركىيە ھەققىدىكى تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلىپتۇ. «بىر كۈنى بىر قوشنىمىز تاماق ئېتىپ يوقلاپ كىرىپتۇ. ئېيتىشىچە بىزگە تۈركچە ئۆگىتىپ قويغىسى بار ئىكەن. مېنىڭ قارىلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەنمەكچى بولدى. بۇ تۈرك ئايالنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلىپ بەك خوش بولدۇم.» مەن بۇنى ئوقۇپ ئويلىنىپ قالدىم. بۇنداق قارى بالىلار ۋەتەندە كىشىلەرنى مۇسۇلمان ياكى ئەمەس دېگەن ئىككىلىلا سەپكە ئايرىشقا ئادەتلەنگەچكە تۈركلەرگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى. بۇ مەسلۇم قىزىمىز مۇشۇنداق ئايرىغىلى ئۆمرىدە تۇرسا تۈركلەرنىڭ قانچىسىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئىتىراپ قىلار؟ بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى « ئاتا تۈرك مۇسۇلمانمۇ ئەمەسمۇ» دەپ سوراپ قالدى. مەن قايتتۇرۇپ «ئاتا تۈرك دەۋرىدىكى تۈركلەر قايسى ھالدا ئىدى؟ ئاتا تۈرك نېمە ئىشلارنى قىلغان؟ تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقى قانداق قولغا كەلگەن؟ بىز نەدە ياشاۋاتىمىز، تايلاندتا تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئەرەبىستانلىق، پاكىستانلىق، مىسىرلىق دېمەي تۈرك دەپ تۇرۇۋالىدۇ؟» دېگەن سۇئاللارنى سورۇدۇم. بۇلارنىڭ ھىچ قايسىغا جاۋاپ چىقمىدى. ئۇلار پەقەت ئاتا تۈركنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنىلا بىلىدىكەن، ھەم شۇنىڭغىلا قىزىقىدىكەن.  بۇ سۇئاللارغا بۇرۇنمۇ دۇچ كەلگەن ئىدىم. ئاخىرىدا دائىم «ئاللاھ ئاخىرەتتە مىللىتىڭگە نېمە قىلىپ بەردىڭ؟ دۆلەت قۇردۇڭمۇ؟ دېگەنلەرنى سورىمايدۇ. ئۇ ئادەم ۋەتىنى ئۈچۈن قانداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلسۇن ھامان دوزاققا كىرىدۇ.» دېيىلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئاتاتۈركنىڭ مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكىدىن ئەمەس تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىكىگە قوشقان تۆھپىسىدىن چىقىپ جاۋاپ بەردىم. ھەپتە ئۆتمەي باشلىقتىن شىكايەت كەلدى. «ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكرى باركەن، بالىلارنىڭ ئىددىيىسنى ئۆزگەرتمەي دەرسىڭلارنى ئۆتۈڭلار،» دەيدۇ.

ئەجەپلىنەرلىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى  مۇسۇلمانلىقىدىن گۇمانلىنىپ ئۇلارنى ھېلى سوپى، ھېلى زامانىۋىي، ھېلى ئەلمانىي دەپ خەقلەشتۈرىۋاتقىنىمىزدا؛ دەرسخانىلاردا، تېلۋىزورلاردا، مۇنبەرلەردە تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىق تارىخىنى بۇغراخانلارغا باغلاپ، قاراخانلاردا تەرجىمە قىلىنغان قۇرئاننى تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا كاتتا تۆھپە دەپ، تۈرك دۆلەتچىلىك غايىسىنى  يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئىزدەپ ئۇيغۇرلارنى بىزلەشتۈرىۋاتقان بولىدۇ. تۈركىيەدە يېتىشىۋاتقان ھازىرقى ياشلار تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىسى دەپ ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنى ئۇلۇغلاۋاتقىنىدا بىزدىكى بەزىلەر بولسا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن  تۈرك يازغۇچى ئورخان پامۇكتىن پەخىرلىنىش يوق، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقىدىن دەرگۇمان. كاللىسى ئىككى قۇتۇپلۇقلا ئىشلەيدىغان قېرىنداشلىرىمغا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ، ئاتا تۈركنى دوزاققا كىرىدۇ دەۋاتقىنىڭلاردا، ئارىسىدىن ئاتا تۈركتەك داھى چىقمىغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ۋە سۈرىيەلىكلەردەك ۋەتەنسىزلەرنىڭ دوزاقنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئۇنۇتماڭلار. تۈركلەر مىليۇنلىغان سۈرىيەلىكنى خىرىستىيان ياكى مۇسۇلمان دەپ ئايرىماي بىز ئىنسان دەپ تۇرۇپ قوبۇل قىلدى. مىليۇنلىغان ئاچ يالىڭاچنى شىئە ياكى سۇننى دەپ ئايرىماستىن ساھىپخان بىز دەپ كۈتىۋاتىدۇ . مىڭلىغان ئۇيغۇرنى قېرىنداش بىز دەپ باغرىغا ئېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بالىلارغا ئۆزىمىزدىن باشقا ھەممىنى يەكلەيدىغان ئۇيغۇرچە «خەق» دېيىشنىلا ئەمەس، تۈركچە «بىز» دېيىشنىلا ئۆگەتكىنىمىز ئەۋزەل

تۈركچىدە بىز ئۇيغۇرچىدا خەق

Share
1648 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.