logo

trugen jacn

تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر

 

”تۈركىي تىللار دىۋانى“ دىكى ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر
ئاپتۇرى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

”تۈركىي تىللار دىۋانى“ ناملىق بۇ ئەدەبىي ۋە تارىخىي قامۇسنىڭ مۇئەللىپى ھۇسەيىن ئوغلى مەخمۇد كاشغەرى، كاشغەرنىڭ ئوپال دېگەن يېرىدە 1008-يىللىرى دۇنياغا كەلگەن. مەخمۇد كاشغەرى قاراخانىلار خانىدانلىغىنىڭ خان جەمەتىگە مەنسۇپدانلاردىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر(تۈرك) تىلىنىڭ ئەڭ يېتىشكەن مۇتەخەسىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۆز زامانىسىدا ئەڭ مودا بولغان ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان داڭلىق تىلشۇناس، ئالىم ئىدى.

ئۆز زامانىسىدا ئۇمەۋى ۋە ئابباسىي خەلىپىلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان كەڭ زېمىندا، بويسۇندۇرۇلغان يەرلىك خەلقلەر ئەرەپلەردىن ھەرقانچە مەدەنىيەتلىك بولسىمۇ، ئەرەپ-ئىسلام مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا، ئەرەپ تىلىنى ”مۇقەددەس تىل“ دەپ ئۆگىنىشكە ۋە تۇرمۇشتا ئىشلىتىشكە مەجبۇر ئىدى. تۈرك خەلقلىرى ئىسلام دىنىنىي قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۇشى بىلەن ئەرەب تىلى تۈرك قەۋملىرىنىڭ بارلىق قاتلاملىرىغا ۋە ھەرقايسى ساھالەرگە روشەن دەرىجىدە سىڭىپ كىرگەن. شۇ ۋەجىدىن تۈركلەرنىڭ ئەلمىساقتىن بېرى ئىشلىتىپ كەلگەن ئانا تىلى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەن. مانا ماشۇنداق بىر تارىخىي شارىتتا ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەخمۇد كاشغەرى پۈتۈن تۈرك بويلىرىنى كېزىپ، قېدىرىپ-تەشۇرۇپ، ئوغۇز، قىپچاق، ئارغۇ ۋە باشقا تۈرك بويلىرىنىڭ شېۋە لەكسىكىلىرىنى خاتىرلەپ، تەشۈرۈپ-تاتقىقات ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تۈرك خەلقلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالاغان خەلق قوشاقلىرى، شېئىرلار، ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر، جەڭ نامىلەر، رىۋايەتلەرنى توپلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاسترومىيە، تىبابەتچىلىك، چارۋۇچىلىق، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىككە ئائىت نۇرغۇن ئىلىم ماتىرياللارغا ئىگە بولغان. ئەنە ئاشۇ بىرىنچى قول ماتىرياللارنى ئىلمىي مېتوت ئارقىلىق تەشۇرۇپ-تەتقىقات قىلىش نەتىجىسىدە، ئىسلام دىنىيغا ئىتىقات قىلغاندىن كىيىنكى تارىخىمىز، تىلىمىز، سىياسى، ھەربىي ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىمىز، پەلسەپىۋى -ئەخلاقىي قىممەت قاراشلىرىمىز جۈملىدىن ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىلا نامايەن قىلىدىغانلا ئەمەس بەلكى يەنە كۆك تەڭرى ئىتىقاتى، بۇددىزم ۋە شامانىزم دەۋرلەردىكىمۇ تۈرك مىللىتىنىڭ بارلىق مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن بىشارەت بېرىدىغان ”تۈركىي تىللار دىۋانى“ ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى قامۇسنى تۇزۇپ چىققان.
بىز بۇ قامۇس ئارقىلىق، دىنىي جەھەتتىكى كەسكىن ئايرىمىنىڭ بولۇشىغا قارىماي، شەرقىي ۋە غەربىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلا قەدىمىكى تۈرك مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئەنەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغانلىغىنى روشەن كۆرەلەيمىز.
ئاپتۇر بۇ قامۇسنى باغداد خەلىپىسىگە ئارماغان قىلىش ئارقىلىق بۇ كىتابنىڭ ئەرەپلەرنىڭ تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشىلا ئۈچۈن تۇزۇلگەن بىر لۇغەت ئەمەس بەلكى تۈرك خەلقلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئوممۇمى مەدەنىيەتىدىن خەۋەردار قىلىدىغان بىر قامۇس ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، تۈرك مەدەنىيەتىنىڭ ئەرەب مەدەنىيەتىدىن ھەرگىز قىلىشمايدىغانلىغىنى ھەتتا ئۇلاردىن ئۇستۇن تۇرىدىغانلىغىنى نامايەن قىلغان.

بىز بۇ قامۇس ئارقىلىق يەنە شۇ زاماندىكى قاراخانىلار  خانىدانلىغىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ئەخۋاللىرىنىڭ قانچىلىك راۋاجلانغانلىغىنىلا ئەمەس بەلكى يەنە سالچۇقىلار خانىدانلىغىنىڭ سۇلتانى ئالپ ئارسلان ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرى بولغان نىزامۈلمۈلۈكنىڭ ئالىملارنى ۋە ئەدىبلەرنى قەدىرلەيدىغان مەرىپەتپەرۋەر زاتلاردىن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ مەخمۇد كاشغەرىدەك ئالىم، ئەدىبلەرگە ئىگە چىقىپ، قەدىرلەپ ”تۈركىي تىللار دىۋانى“ دەك ئېسىل مەدەنىيەتىمىزنىڭ مىمارى بولغان ئەسەرنى باغداتتا يېزىپ پۈتتۈرىشىگە ۋەسىلە بولغانلىغىنىمۇ كۆزدىن ساقىت قىلالمايمىز.

مانا بۇ شائانە ئەسەر يىللاردىن بېرى كىتابچامدا تىزىقلىق تۇرغان بولسىمۇ، ھەجىمىنىڭ چوڭلىغىدىن قورقتۇممۇ ئەيتەۋۇر، بىر ئوقۇپ چىقىشقا جۈرەت قىلالمىغان ئىدىم. مانا بۇ قېتىم بارلىق بەخت سائادەتلەرنى يار قىلغۇچى، ئوقۇشنى قەلبىمنىڭ ئىلھام بۇلاقى قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن ”تۈركىي تىللار دىۋانى“ نى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشقا نايىل بولدۇم. ئوقۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئەدەبىي سۆز ۋە جۈملىلەرنى، گۈزەل تەسۋىرلارنى، شېئىرلارنى، ھايۋاناتلار ئىسىملىرى قاتارلىقلارنى خاتىرلەش بىلەن بىرگە 253 ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى خاتىرە قىلىپ قالدۇردۇم.

ماقال-تەمسىل مىللىتىمىزنىڭ ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئىجتىمائىي، سىياسى ۋە ھەربىي جەھەتلەردە تايانغان ھۆكۈملىرى، تەجىربىلىرى، ئىلمىي چۈشەنچىلىرى ۋە كەلگۇسى ئەۋلاتلارغا نەسىھەت بولسۇن دەپ سۆزلىگەن ۋە قېلىپلاشقان ئالاھىدە پىكىرلىرى مۇجەسسەملەشكەن سۆزلەردىن ئىبارەت. بۇنداق قىلىپلاشقان ماقالە-تەمسىللەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ جۈملىدىن تۈرك تىلىنىڭ ئۇزاق تارىققا ئىگە تىل ئىكەنلىكىنى، بۇ تىل ئىگىلىرىنىڭ مەدەنىيەتتە ئۆز زامانىسىدا يۇقۇرى سەۋىيەگە يېتىشى بىلەن بىللە مەنەۋى قۇرۇلۇش جەھەتتىمۇ ئېسىل پەزىلەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ ھېكايە، رومانلاردا جۈملىلەرنى بىر يەرگە جەملەپ، ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى ئىخچام قىلىپ ئىپادىلەپ بېرىشتا ئېسىل رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ماقال-تەمسىل قىسقا بولىدۇ. يەنى بىر ياكى ئىككى جۈملىدىن تەركىپ تاپىدۇ. بارلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان مەركىزى ئىدىيەنى ئاشۇ قىسقا جۈملىنىڭ ئۇستىگە مۇجەسسەملەشتۇرىدۇ. مانا ئاشۇ قىسقا جۈملىلەر ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۆزگەرمەي، دىن ۋە سىياسەتنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسسىنا ھالدا ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مىراس بولۇپ قالغان ۋە يېڭى ماقال-تەمسىللەر قوشۇلۇپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ پۇتمەس بايلىغى بولۇپ ساقلانماقتا. بولۇپمۇ بۈگۈنكى قىيىن تارىخىي شارائىتتا مىللىتىمىزنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيەتى، تارىخىي ۋە ئەدەبىياتى جۈملىدىن پۈتۈن بىر مىللەت يوقۇلۇش خىرىسىغا دۈچ كىلىۋاتقان  پەيتلەردە، بۇنداق ئېسىل ماقال-تەمسىللەرنى بىر ئاراغا كەلتۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ كۆركەملىكىنى، مەدەنىيىتىمىزنىڭ يوقالمايدىغانلىغىنى، بۇ مىللەتنىڭ تا ئەبەدىي مەۋجۇت بولۇپ ياشايدىغانلىغىنى خەلقىمىزگە تونۇتۇش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئۈمىدنىڭ چىرىغىنى يېقىپ بېرىش زىيالىلىرىمىزنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى ئەلۋەتتە.

دېمەك بۇنداق ئۇيغۇر تىلىدىكى قىلىپلاشقان ئۆزگەرمەس ماقال-تەمسىللەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋە ياكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتلىق پەلسەپەسىنىڭ جەۋھەرلىرىدۇر. چۈنكى ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر ئىنسانلاردا بولىدىغان سۆيگۈ، قىزغانچاقلىق، شەخسىيەتچىلىك، باتۇرلۇق، قورققۇنچاقلىق، دوستلۇق، دۈشمەنلىككە ئوخشاش ھېس-تۇيغۇلارنىڭ تەبىئىي بىر ھالەتتە تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىشىدۇر. بۇ ماقال-تەمسىللەر ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزى ياشىغان جۇغراپىيەلىك مۇھىتتىغا، سىياسى، ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي  ئەخۋالىغا ئاساسەن كېلىپ چىققان بولىدۇ. بىز تۈرك بويلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى، روھى-ھالىتىنى، ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى، قەھرىمانلىقىنى، مۇھەببەت-نەپرىتىنى كۆپىنچە ئات، ئوقيا ۋە ئوۋ ھايۋانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماقال-تەمسىللەرگە ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ماقال-تەمسىلنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ بىلەلەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىللىتىمىزنىڭ ئىدىيىۋى-چۈشەنچىلىرىنى، قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى، روھى-ھالىتىدىكى جەسۇرلۇقنى، ئەخلاقىنى، ئۆرپ-ئادەتنى، دىنىي ۋە تەبىئەتنى ئەكس ئەتتۇرىدىغان  ماقال-تەمسىللەرنىڭ بارلىغىنىمۇ ”تۈرك تىللار دىۋانى“ دىن كۆرۇۋالالايمىز.
ئەنە ئاشۇنداق مول مەزمۇنغا ئىگە بولغان ”تۈركىي تىللار دىۋانى“ دىكى ئۆزۈم خاتىرلىگەن 254 ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئۆز ئانا تىلىنى جان تىلىم دەپ بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرگە تۆۋەنچىلىك بىلەن سۇندۇم.

”تۈرك تىللار دىۋانى“ دىكى ماقال – تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر:

1. قۇش قانىتى بىلەن، ئەر ئېتى بىلەن.
2. ئىم بىلسە، ئەر ئۆلمەس (ئىم: ھەربى پارول)
3. قىز بىلەن چېلىشما، تۇغماس بايتال بىلەن چېپىشما
4. ئېرىنچەككە بوسۇغىمۇ داۋان كۆرۈنەر
5. ئوت دېگەنگە ئېغىز كۆيمەس
6. زامان ئۆتەر، كىشى تۇيماس. ئادەم بالىسى مەڭگۈ قالماس.
7. قازان ئېيتۇر تۈۋۈم ئالتۇن، چۆمۈچ ئېيتۇر مەن نەدىمەن؟
8. ئېگىر بولسا، ئەر ئۆلمەس.(ئېگىر: بىر خىل دورا ئۆسۈملۇك يىلتىزى، قوساق ئاغرىقىغا پايدىسى بار.)
9. تۈلكە ئۆز ئىنىگە ئۈرسە، قوتۇر بولار.
10. ئېغىز  يېسە، كۆز ئۇيىلار.
11. ئۆكۈزنىڭ ئايىغى بولغىچە، موزاينىڭ بېشى بولغان ياخشى.
12. جان ئېسەن بولسا، تاڭقالارلىق ئىشلارنى كۆپ كۆرەر.
13. ئوۋچى قانچە ھىلە بىلسە، ئېيىقمۇ شۇنچە يول بىلىدۇ.
14. ئېغىلدا ئوغلاق تۇغۇلسا، ئېرىقتا ئوتى ئۈنەر.
15. سودىگەرنىڭ ئوزۇقى ئېرىغ بولسا، يول ئۈستىدە يەر.
16. ئۇچا يېغىرى ئوغۇلغا قالار.
17. بارى ئالدىغا قويۇلسا، يوققا سانالماس.
18. كۈندە يېرىق يوق، بەگدە يېنىۋېلىش يوق.
19. ئىشچاننىڭ ئېرىنى ياغلىق، ھۇرۇننىڭ بېشى قانلىق.
20. ئېلىمچى ئارسلان، بېرىمچى چاشقان.
21. ئاتان يۈكى ئاش بولسا، ئاچقا ئاز كۆرۈنەر.
22. ئېسەن ئادەمدە ئالدىراش يوق.
23. ئاچ نېمە يېمەس، توق نېمە دېمەس.
24. ئاغرىقنىڭ ۋەسىيىتى، ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى.
25. ھىلە بىلەن ئارسلان تۇتۇلار، كۈچ بىلەن قارانچۇقمۇ تۇتۇلماس.
26. تولۇن ئاي قول بىلەن كۆرسىتىلمەس.
27. سۈرەن چىقسا، ئۇرۇق-تۇققان جەملىشەر، يېغا (دۈشمەن) كەلسە، خەلق توپى تەۋرىشەر.
28. ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا.
29. بەلگە بولسا يولدىن ئازماس، بىلىم بولسا سۆزدىن قايماس.
30. مېھمان كەلسە قۇت كېلەر.
31. قاچىنىڭ ئاغزى كىچىك بولسا، پەركانىڭ چوڭىنى قوي.
32. ئەركەچ ئەتى ئەم بولار، ئۆچكە ئەتى يەل بولار.
33. يىراق يەر خەۋىرىنى كارۋان كەلتۈرەر.
34. ئۆزگە كىشىنىڭ مالى، مال سانالماس.
35. ئورتاق ئەردەم ئارتۇق ئالماس.
36. تاغنى ئوقرۇق بىلەن ئەگكىلى بولماس، دېڭىزنى قېيىق بىلەن بۆگكىلى بولماس.
37. ئەسىرىگەن ئەرگە تېگەلمەس، ئالدىراڭغۇ ئۆيىگە يېتەلمەس.
38. چورۇق بولسا ئادەم ئۈلدىماس، ئىچلىك بولسا ئات يېغىر بولماس.
39. ئەردەم باشى تىل.
40. ئەندىز بولسا، ئات ئۆلمەس.
41. ئىتقا ئۇيات كىرسە، ئۇلتاڭ يېمەس.
42. بويتاققا ئەللىك قېرى بوزدىمۇ ئىشتان چىقماس.
43. ئوغلاق يىلىكسىز، بالا بىلىمسىز بولماس.
44. بەش بارماق تەكشى ئەمەس.
45. ئارپىسىز ئات قىر ئاشالماس، يادەمچىسىز ئالپ سەپنى يىمىرەلمەس.
46. ئېرىنچەككە بۇلۇت كۆلەڭگىسى يۇك بولۇر.
47. ئالپلارنى خار قىلما، يۈگۈرۈك ئاتنى يېغىر.
48. ئەشكە تېۋىنسا، ئوغۇل تاپار.
49. ئېمىكلىك خوتۇن ئىشتىھالىق بولۇر.
50. زامان تاغ بېشىنى چەنلەپ ئوق ئاتسا، تاغ بېشىمۇ پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ.
51. كۈمۈش كۈنگە قونسا، ئالتۇن ئۆز ئايىغى بىلەن كېلۇر.
52. ئوتنى يالقۇن بىلەن ئۆچۈرگىلى بولماس.
53. ئەت تىرناقتىن ئايرىلماس.
54. ئىت چىشلىمەس، ئات تەپمەس دېمە.
55. ئالپلار بىلەن ئۇرۇشما، بەگلەر بىلەن تىركەشمە.
56. ئىككى بۈغرا ئەكىشەر، ئارىدا كۆكۈيۈن يانجىلار.
57. ئۇسسىغانغا ئالۋۇن(سەرراپ) پۈتۈنلەي سۇ كۆرۈنەر.
58. قۇرۇق ياغاچ ئېگىلمەس، قۇرغان كىرىچ تۈگۈلمەس.
59. تاشنى چاينىغىلى بولمىسا، سۆيۈش كېرەك.
60. ماختانچاق ئىشتىنىنى بۇلغار.
61. تاي ئات بولسا، ئات تىنۇر. ئوغۇل ئەر بولسا، ئاتا تىنۇر.
62. قۇلاق ئىشىتسە كۆڭۈل بىلەر، كۆز كۆرسە ئۈدۈك(ھەۋەس) كىلەر.
63. قورال تەييارلانسا، قۇلۇنلۇق بولار. قورالنى ئۇنۇتسا، تۇتقۇن بولار.
64. ياۋاش بىلەن ئۇرۇش، يۈزسىز بىلەن ئېيتىشما.
65. ئىشتىنى پۈتۈن خالىغان يېرىگە ئولتۇرار.
66. تاپقۇش ئىسقىرتسا، ئۆلۇم چىقار.
67. كېڭەشلىك ئىش ئۈزلىشار، كېڭەشسىز ئىش بۇزۇلار.
68. سىنىمىسا ئېزىقىدۇ. ساقلانمىسا ئۇتقۇزىدۇ.
69. تۈندە بۇلۇت ئۆرتەنسە، خوتۇن ئوغۇل تۇقاندەك بولار.تاڭدا بۇلۇت ئۆرتەنسە، ئۆيگە يېغا كىرگەندەك بولار.
70. پەزىلەت تىلە، ئۆگىنىش بىلەن مەغرۇرلانما، پەزىلەتسىز تۇرۇپ مەغرۇرلانسا، سىناقتا ھودۇقىدۇ.
71. قاغا غازنى دورىسا، پۇتى سۈنار.
72. ياقىسىدىن يالايمەن دەپ، ئىلىكىدىكىدىن ئايرىلىپتۇ.
73. بىر دەرۋىشنىڭ بېشى ئاغرىسا، ھەممە دەرۋىشنىڭ بېشى ئاغرىماس.
74. ساقالىنى ئوينىغان، ساقاقنى پىچار.
75. ئاي تولۇن بولسا، قول بىلەن ئىملەنمەس.
76. ئېلىم كەچ قالسا، ئۇنىڭغا پۇت چىقىدۇ.
77. ئۇلۇغنى ئۇلۇغلىسا قۇت بولۇر.
78. دۈشمەننى سەل چاغلىسا، باشقا چىقار.
79. بۈك-باراقسان سۆگەتكە قۇش قونار، چىرايلىق قىزغا سۆز كېلەر.
80. بەخت-دۆلەت بەرسە ئىگەم قۇلىغا، كۈندە ئىش يۈكسىلىپ يۇقۇرى ئۆرلەر.
81. تەسكەيدە قار ئۆكسۈمەس، قويدا ياغ ئۆكسۈمەس.
82. بېخىل كىسىنىڭ داڭقى چىقماس.
83. كۈل پۈۋلىگۈچە، چوغ پۈۋلىگەن تۈزۈك.
84. قارا بۇلۇتنى يەل ئاچار، ھۆكۈمەت ئىشىكىنى پارا ئاچار.
85. سۆگەت سۆللۈكى بىلەن، قېيىن قاتتىقلىقى بىلەن.
86. قوش قىلىچ بىر قىنغا سىغماس.
87. بارىدا مىس، يوقىدا ئالتۇن.
88. قاچ-قاچ بولسا، ھېچكىم بىر-بىرىگە قارىماس.
89. ئۇ كېچىكنى سۇ ئېلىپ كەتتى.
90. بېلىقنىڭ ئۆزى سۇدا، كۆزى تاشقىرىدا.
91. ياياقنىڭ ئېتى چورۇق، كۈچى ئوزۇق.
92. قۇرۇق قوشۇق ئېغىزغا يارىماس،قۇرۇق سۆز قۇلاققا.
93. قوناق بېشىنىڭ سىيرەك بولغىنى ياخشى.
94. پىچاق قانچە ئىتتىك بولسىمۇ، ئۆز سېپىنى يونۇيالماس.
95. تېزەك قاردا يانماس، ياخشى-يامان قېتىلماس.
96. تۆشۈك سۇدا بىلىنەر.
97. ئاچ ئالدىراڭغۇ، توق بىغەم
98. ئالپ سەپتە سىنىلار، دانا يىغىندا.
99. قاينام دەريا كېچىكسىز بولماس.
100. قىلىقلىناي دېسە قىزىل كىيەر، يارىناي دېسە يېشىل كىيەر.
101. ئوت تۈتۈنسىز بولماس، يىگىت گۇناھسىز بولماس.
102. ساپان ۋاقتىدا پۇختىلىق بولسا، خامان ۋاقتىدا جاڭجال بولماس.
103. قېرىنداش دېسە قارىمىغان، قۇدا دېسە قاراپتۇ.
104. قېرىلار سۆزى بىكار كەتمەس، تال چىۋىق باغ يېشىلمەس.
105. ئېلىمچى ئارسلان، بېرىمچى چاشقان.
106. خاننىڭ ئىشى بولسا، خېنىمنىڭ ئىشى قېلىپ تۇرار.
107. قوغۇن تاللانسا، ئىگىسىمۇ ئىككى قولى بىلەن تاللار.
108. تىلەمچىگە بەر مىڭ ياڭاق، تايانغىلى بەر تاياق.
109. قۇلان پادىسى يول باشلىغۇچىسىز بولماس.
110. قاغىنىڭ قېرىسىنى كىم بىلەر، كىشىنىڭ ئالىسىنى كىم تاپار.
111. قاغا ئاچلىق-تەشنالىق دەردىنى بىلسە، ئۇ مۇز چوقۇيدۇ. ئوۋچى يوشۇرنۇپ ياتسا،تۇزاقتىكى دانغا يېقىنلىشىدۇ.
112. قۇت بەلگۈسى بىلىك.
113. ئۈچرىغانلا كىشى ئۆز بولماس، يات بىلەن تۇغقان تەڭ بولماس.
114. ئۆلگۈسى كەلگەن چاشقان، مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىپتۇ.
115. بۆرىنىڭ ئورتاق، قۇزغۇننىڭ دەرەخ بېشىدا.
116. ئۆيدىكى موزاي ئۆكۈز بولماس.
117. قىردىكى قىرغاۋۇلنى ئوۋلايمەن دەپ، ئۆيدىكى توخۇنى قولدىن چىقىرىپ قويما.
118. كۆسەي ئۇزۇن بولسا، قول يەتمەس.
119. بەختسىز قۇدۇققا چۈشسە، قۇم ياغار.
120. ھەرقانچە ئەخمەق بولسىمۇ، ھەمراھ ياخشى. ھەرقانچە ئەگرى بولسىمۇ، يول ياخشى.
121. ئۆلۇكنىڭ يۈزى سوغۇق.
122. ئۆز كۆز ئەر قىشلاق.
123. يەر باستۇرۇقى تاغ، خەلق باستۇرۇقى بەگ.
124. چوققا تاشتا ئوت بولماس، تازچاقتا ئۇيات بوماس.
125. ياخشى سۆز قەدەھكە ئىگە قىلۇر.
126. مالنى سويۇپ قۇيرۇقىغا بارغاندا، پىچاقنى سۇندۇرۇپ قويما.
127. غاز توپى باشلامچىسىز بولماس.
128. ئېشەك :“بېشىم ئامان بولسا دېڭىزدىن سۇ ئىچىمەن“ دەپتىكەن.
129. ئات قاشقىسى ئاي بولماس.
130. گۆرىستاندا ئۆي بولماس، توپىلاڭ يەردە ئوۋ بولماس.
131. خامان تەپمەك سۈندۈكنىڭ ئىشى ئەمەس.
132. ئۆكۈز بولىدىغان كالا، موزاي چېغىدىلا بەلگۈلىك بولىدۇ.
133. يۈزىگە قارىما، ئەردىمىنى تىلە.
134. ھەي ئۇيغۇر، ياغاچ كەتسەڭ ئۇزۇن كەس، تۆمۈر كەتسەڭ قىسقا.
135. ئىچى پۇشمىسا بوز قۇش تۇتار، ئالدىرمىسا ئاق قۇش تۇتار.
136. ئالدىراقسان چىۋىن سۈتكە چۈشەر.
137. مۈشۈك بالىسى مىياڭلاپ تۇغۇلار.
138. تايغاننىڭ يۈگۈرۈكىنى تۈلكە سۆيمەس.
139. زورلۇق-زومبۇلۇق ئىشىكتىن كىرسە، ئىنساپ ۋە قائىدە-يوسۇن تۈڭلۈكتىن چىقار.
140. بالا سۇ تۆكەر، چوڭنىڭ يانپىشى سۇنار.
141. تىكمىگۈچە ئۈنمەس، تىلىمىگۈچە تېپىلماس.
142. چاقماق چۈشسە ئوت تۇتىشار، سۆز ئاڭلىتىلسا مەقسەت بىلىنەر.
143. ئەل قالار، ئادەت قالماس.
144. بىر قاغا بىلەن قىش كەلمەس.
145. بارىنى ئوتتۇرغا قويسا، يوققا سانالماس.
146. تۇتۇشمىغۇچە ئارا تۈزەلمەس، شامال چىقمىغۇچە ھاۋا ئېچىلماس.
147. تازنىڭ كەلىدىغان يېرى بۆكچىنىڭ دۈكىنى.
148. كىم تۈتۈن قوپۇرسا، ئۆزى ئىسلىنۇر.
149. يۈكىنى كۆتەرگەن تۆگە چۆمۈچنىمۇ كۆتۇرىدۇ.
150. ئاتا بالىسى ئاتىسىدەك تۇغۇلار.
151. كۆككە تۈكۈرسە يۈزىگە چۈشەر.
152. ئادەم بالىسى مۇڭلىنىۋەرمەس، ئىت بالىسى يېتىۋەرمەس.
153. سۆكۈشۈپ ئۇرۇشار، ئارىدا تون تىتىلار.
154. كىچىكلەر چوڭلارغا تەڭ تۇرالماس، قۇرغۇي شۇڭقارغا قارشى چىقالماس.
155. تاغ تاغقا قوۋۇشماس، ئادەم ئادەمگە قوۋۇشۇر.
156. مۈشۈك قوزۇقتىكى چاۋا ياغقا تېگەلمەي، كىشىنىڭ مېلى ماڭا ياراشماس دەر.
157. ياخشىلىقنى سۇنىڭ ئايىغىغا تاشلاپ، بېشىدىن ئىزلە.
158. يوتقاندىن ئارتۇق پۇت سۇنۇلسا ئۈششۈيدۇ.
159. ئارسلان ھۆركىرسە، ئات ئايىغى كالۋالىشىدۇ.
160. سۆزگە مەززە قىلسا، تۇتقۇن بولۇر.
161. كۈزنىڭ قانداق كېلىشى يازدىن مەلۇم بولىدۇ.
162. ئەردەمسىزدىن قۇت كېتىدۇ.
163. تۆگە سىلكىنسە، ئېشەككە يۈك چىقار.
164. كىچىكىدە قاتتىق تىرىشسا، چوڭ بولغاندا سۆيۈنەر.
165. بويۇنتاۋلىق قىلغاننىڭ بوينى زەنجىرلىنىدۇ.
166. ئۆي ئىگىسى مېھماننى تويدۇرسا، مېھماننىڭ كۆزى ھەمىشە يولدا بولىدۇ.
167. تاتنىڭ(مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتىدۇ) كۆزىگە ئۇر، تىكەننىڭ تۈۋىگە.
168. تاتسىز( پارىسلارنى كۆزدە تۇتىدۇ) تۈرك بولماس، باشسىز بۆك بولماس.
169. قىلىش داتلاشسا ئىش بۇزۇلىدۇ، ئادەم تاتلاشسا ۋۇجۇدى بۇلغىنىدۇ.
170. ئەرنىڭ سۆزى بىر، ئېگەرنىڭ كۆكى ئۈچ.
171. ئىككى بۇغرا ئېكىشەر، ئارىدا كۆكۈيۈن يانجىلار.
172. كېپىل بولغۇچە، ئوت تۇت.
173. زامان قېرىتقانغا بوياق ئەيىب ئەمەس.
174. ئاتىسى ئاچچىق ئالما يېسە، ئوغلىنىڭ چىشى قامار.
175. تۈلكە ئۆز ئىنىغا ئۇرسە، قوتۇر بولۇر.
176. ئاتنىڭ بەشىنى نوختىلاپ يە.
177. تارتۇقلانغان كېلىن ياۋاش كۈيۆ تاپار.
178. ئىش پەيتىدە، سودىگەر پايدىدا.
179. ئوت تۈتۈنسىز بولماس، يىگىت گۇناسىز.
180. ئۇپرىغان يا قېپىدىن، مەزمۇت يا چىقىدۇ.
181. نەرسە يوقاتقان كىشى، ئانىسىنىڭ قوينىنىمۇ ئاختۇرىدۇ.
182. كۆپ سۆزنى چۈشەڭىلى بولماس، تىك قىيانى يىقىتقىلى بولماس.
183. كىمنىڭ يېنىدا قاشتېشى بولسا، ئۇنىڭغا چاقماق تەگمەيدۇ.
184. تاغاق سۆڭىكى بۇلغانسا، يۇرتقا پاراكەنچىلىك چۈشىدۇ.
185. يىپەكلىك ياماق يىپەك رەختكە، يۇڭ ياماق يۇڭ رەختكە لايىق كېلىدۇ.
186. تۆشۈك مارجان يەردە قالماس.
187. ئاشنىڭ تاتقى تۇز بىلەن، لېكىن تۇز ئۆزىنى قاچىلاپ يېگىلى بولماس.
188. قارا كۈن كەلمىگىچە قارا يالغادىن كەچمە.
189. ئانىسى ھىلىگەر يۇپقا ياپار، ئوغلى زېرەك قوشلاپ ئالار.
190. چاپان قانچە كونا بولسىمۇ يامغۇرغا يارار.
191. يىلان يارپۇزدىن قاچىدۇ. ئۇ نەگە بارسا، يەنە يارپۇزغا دۈچ كېلىدۇ.
192. ياتنىڭ ياغلىق لوقمىسىدىن ئۆزنىڭ قانلىق مۇشتى ياخشى.
193. دۈشمەن بولسىمۇ مېلى بولسۇن. چۈنكى ھېچبولمىغاندا قالايدىغان تېزەكى قالىدۇ.
194. ياخش ئوت كۆيمەس، ئەلچى ئۆلمەس.
195. خىزمەت تاشنى يارار، تاش باشنى.
196. تۆگە مىنىپ قوي ئارىسىغا يوشۇرۇنالماس.
197. تەلەيلىككە قوش كېلەر.
198. كىشى مەڭگۈ ياشىماس، گۆرگە كىرسە ئارقىغا يانماس.
199. قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس.
200. ئاتسىنىڭ تونى ئوغلىغا يارىسا، ئاتىسىنى خالىماس.
201. كېچىلەپ يۈرسە كۈندۈزى سۆيۈنەر، كىچىك ئۆيلەنسە ياشانغاندا سۆيۈنەر.
202. كىشى سۆزلىشىپ، ھايۋان ھىدلىشىپ.
203. شاراب بولماي تۇرۇپ،سىركە بولما.
204. قۇلان قۇدۇققا چۈشسە، پاقا ئايغىر بولۇر.
205. مۇزدىن سۇ تامار.
206. قورققان كىشىگە قوي بېشى قوش كۆرۈنەر.
207. سۇ بەرمىگەنگە سۈت بەر.
208. تىلى يامان ئەردىن، يالغۇز تۇللۇق ياخشى.
209. بالىنىڭ ئىشى ئىش بولماس، ئوغلاق مۈڭگۈزى ساپ بولماس.
210. چىپار ئات يۈك كۆتۈرەلمەس.
211. توغرا كەتكەن كېيىكنىڭ كۆزىدىن باشقا يارىسى يوق.
212. تونۇش ئەمەس كىشىدىن، تونۇش شەيتان ياخشى.
213. ھاسىسى بار تېيىلماس. گۇۋاھچى سۆز بىلەن ئىشەنچ قازىنالماس.
214. تۆگە چوڭ بولغىنى بىلەن، مايىقى چوڭ ئەمەس.
215. بىر تويىننىڭ بېشى ئاغرىسا، ھەممە تويىننىڭ بېشى ئاغرىماس.
216. ھەمرالىرىغا ئاچچىقلىنىپ، قوشۇنغا گەپ قىلماپتۇ.
217. قۇرۇلغان كىرىچ تۈگۈلمەس، سالما بىلەن تاغ ئېگىلمەس.
218. ئىپارلىق خالتىدىن ئىپار كەترسە، ھىدى قالار.
219. قېلىن بۇلۇتنى بوران سۈرەر، قاراڭغۇ ئىشنى پارا ئاچار.
220. بۆرە قوشنىسىنى يېمەس.
221. يۇرت قالار، تۆرۈ قالماس.
222. بىتەلەي قۇدۇققا كىرسە، شامال ئېلىپ چىقار.
223. قۇش بالىسى يىرگىنچلىك، ئىت بالىسى يېقىملىق.
224. دوزاقنىڭ ئىشىكىنى پارا ئاچىدۇ.
225. كۈنداشنىڭ كۈلىگىچە دۈشمەن.
226. بۇغداينىڭ باھانىسىدە، قارىمۇق سۇ ئىچىپتۇ.
227. يوشۇرۇلغان نەرسە كېلىندە.
228. بىر تۈلكىنىڭ تېرىسى ئىككى قېتىم سويۇلماس.
229. يېپىنچىلىق ھۆل بولماس، ئېغىز دۇرۇقلۇق چاپچىيالماس.
230. دالىدا بۆرە ھۇۋلىسا، ئۆيدە ئىتنىڭ باغرى تارتىشار.
231. ئىنساننىڭ ئېتى تىرىكلىكتە تاتلىق.
232. موماي ئۇسۇل بىلمەس، يېرىم تار دەر.
233. ئارسلان قېرىسا، چاشقاننىڭ ئۇۋاسىنى كۆزىتەر.
234. تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان، ھاۋانىڭ گۈلدۈرلىگىنىدىن قورقماس.
235. چاۋا ياغ سۇ يېغىنىڭ ئورنىنى باسالماس.
236. ناباب يەرگە تۈگمەن قۇرسا، كۈتمىگەندە يار كېتەر.
237. كەڭ تون ئۇپرىماس، كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس.
238. قۇش تۇزاققا يەم ئۈچۈن ئىلىنەر.
239. ئادەمگە مۇڭ تېگەر، تاغ تۇمشۇقىغا يەل.
240. بىرلەپ-بىرلەپ مىڭ بولار، تاما-تاما كۆل بولار.
241. ئۈسكەك ئۇيغا تەڭرى مۈڭگۈز بەرمەس.
242. كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق.
243. ياخشى ئادەمنىڭ سۆڭىكى چىرىسىمۇ، نامى قالىدۇ.
244. قالىڭ مال بەرسە قىز ئالار، كېرەك بولسا قىممەتكە ئالار.
245. كۆپ سۆيۈنۈپ كەتسە، قاتتىق ئۆكۈنەر.
246. تويىن تەڭرىگە تېۋىنغاق، لېكىن تەڭرى ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن مەمنۇن ئەمەس.
247. ئازماس مەرگەن يامغۇر، يېڭىلمەس ئالىم ئەكس سادا.
248. ئىككى قوشقارنىڭ بېشى بىر قازاندا پىشماس.
249. يالغۇز غازنىڭ ئاۋازى چىقماس.
250. ئادەم بالىسى يوقىلار، ياخشى ئېتى مەڭگۈلۈك قالار.
251. قېرى ئۆكۈز پالتىدىن قورقماس.
252. سۇنى كۆرمىگۈچە ئۆتۈك سالما.
253. يېلىقسىمۇ ياغ ياخشى، كۆيدۈرسىمۇ كۈن ياخشى.

20.10.2018، گېرمانىيە

https://web.whatsapp.com/

Share
3918 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.