logo

trugen jacn

تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتايغا زىيارەتكە كەلگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بىخەتەرلىك ھەمدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك تۈركىيەدىكى خىتايغا قارشى مەزمۇندا سۆز قىلغۇچى ھەرقانداق ئاخبارات ۋاسىتىسىنى ھەمدە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى يوقىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چاۋۇشئوغلۇ سۆھبەتتىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ «بىز خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆز ئامانلىقىمىزدەك كۆرىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەدە ھېچكىمنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشى ياكى خىتاينى نىشان قىلىشىغا يول قويمايمىز. شۇنىڭدەك مۇشۇنداق مەقسەتتىكى ھەرقانداق ئاخبارات ۋاسىتىسىنى يوقىتىش چارىسىنى يولغا قويىمىز» دېگەن.

«ئاسىيا خەۋەر قانىلى» نىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە تىلغا ئېلىنغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تېمىسىنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىن قېچىپ ئوتتۇرا شەرققە كەلگەن ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن، شۇنىڭدەك خىتاي تەرەپنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھېچقانداق دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسى مەۋجۇت ئەمەس» دەپ يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/turkiye-xitay-08032017162737.html

Share
1136 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.