logo

trugen jacn

تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوگان خىتاينى ئۆز پارتىيەسى نامىدىن قاتتىق ئەيىبلىدى

779b6a5d-14af-4dde-bc9e-950766fecbae

 ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، بارلىق مال-مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئورۇن ئالغاندىن كېيىن، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلىرىدىن بىرى بولغان مىللەت ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوگان ئەپەندى ئىلھام توختىنى خىتاينىڭ بۇنداق ئېغىر جازالىشىنىڭ خىتاي تارىخىغا قارا كۈن بولۇپ يېزىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئىلھام توختى مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. ئىلھام توختى دۇنيا بويىچە تونۇلغان بىر ئىلىم ئەھلى ۋە زىيالىي. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئوي-پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن خىتايدا تۈرمىگە تاشلانغان، مەن بۈگۈن ئىگىلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا بۈگۈن خىتاي سوتىدا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئىلھام توختى ھېچكىمنى تېررور پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلمىدى. خىتاي دۆلىتىنى پارچىلايمەن، كوممۇنىست پارتىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايمەن دېمىدى. ئىلھام توختى پەقەتلا خىتاينىڭ ئاپتونومىيە قانۇنى ئىجرا قىلىنسۇن، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ئىجرا قىلىنسۇن دېگەچكە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى. ئىلھام توختىنىڭ بەزى ماقالىلىرىنى مەنمۇ ئوقۇغان، ماقالىلىرىدە خىتاي بۆلۈنسۇن دەيدىغان كۆز قاراش يوق. ئۇنىڭ ماقالىلىرىدە ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىققا چاقىرىدىغان ھېچقانداق كۆز قاراش مەۋجۇت ئەمەس. ئەپسۇسكى خىتاينىڭ ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشى ئېغىر ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن خىتاينىڭ تارىخىغا قارا كۈن بولۇپ يېزىلىدۇ، خىتاي بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ.

پارلامېنت ئەزاسى در. سىنان ئوگان ئەپەندى يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ قاتتىق ئېغىرلاشقانلىقىنى، خىتاينىڭ سىياسىتىنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-كېيىنكى كۈنلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا. ئەپسۇسكى بۇ بېسىم سىياسىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇربانلىقى ئىلھام توختى بولدى. خىتايدا بۈگۈن كۆپ ساندا ئۇيغۇر قاماقخانىلاردا ياتماقتا، ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى. خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ زۇلۇم سىياسىتىنى توختىتىشى كېرەك. مەن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى ئەيىبلەيمەن.

ئۇ، دۇنيادا چوڭ دۆلەت بولىمەن دەۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى، قانۇن دۆلىتى بولمىسا چوڭ دۆلەت بولالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ دۆلىتى بولىمەن دەۋاتقان خىتاينىڭ ئالدى بىلەن دېموكراتىيىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئىنسانلارنى ئوي-پىكرىنى بايان قىلدى دەپ تۈرمىگە تاشلاپ، قانۇن يوللىرىنى توسۇپ قويۇپ، خىتاي چوڭ دۆلەت بولالمايدۇ، ئەڭ چوڭ دىكتاتور بولالايدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ قىلغىنى ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى بىتەرەپ سوتتا ئادىل سوتلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر جىنايەت سادىر قىلغان بولسا قانۇن ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئىلھام توختىنىڭ سوتى پۈتۈنلەي سىياسىي بىر قاراردۇر. ئەركىن دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەر بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدۇ. چوقۇم خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى قايتا سوتلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىدۇ دەپ قارايمەن. ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدۇ، بىز ئۆكتىچى پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىلھام توختىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان بۇ قانۇنسىزلىقلارنى ئەيىبلەيمىز.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشى بىلەن بۇ ئىشنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ مۇئاۋىنى رەئىس سېيىت تۈمتۈركنىڭ ئۆزلىرى ماختىغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ خىتاينى ئەيىبلەشكە چاقىرىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بىز خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيمىز، ئەمما پەقەت بىزنىڭ ئەيىبلىشىمىز يەتمەيدۇ. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭمۇ بۇنى ئەيىبلىشى كېرەك. د ئۇق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينى ئەيىبلەشكە چاقىرسۇن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمەت بىزگە ئىگە چىقتى دېگەنتى، ھۆكۈمەت پەقەتلا سايلام ۋاقتىدىلا ئەمەس، ھەر دائىم ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەك. مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ ئىلھام توختى توغرىسىدا بايانات بېرىشكە چاقىرىمەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/ilham-toxti-09232014134531.html

Share
1810 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.