logo

trugen jacn

تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش كومىتېتى رەئىسى يەنەرئوغلۇ: ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتى خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە بېرىلگەن ئەڭ گۈزەل جاۋاب

f630ddee-610b-41f1-a445-393d693c5586

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش كومىتېتى رەئىسى يەنەرئوغلۇ، خىتاي تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن، ئۇيغۇر لىدەر ئىلھام توختىغا شىۋېتسارىيەدە ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ خىتايدىكى نالسىن ماندېلا دەپ قارىلىۋاتقان ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكىنىڭ ئەھمىيەتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتىدى.

مەزكۇر بايانات 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئورۇن ئالدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ تارقىتىلدى.

پارلامېنت ئەزاسى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى كومىتېتى رەئىسى مۇستافا يەنەرئوغلۇنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «شەخسى خەۋپلەرگە قارىماستىن كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرغان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى پائالىيەتچىلىرىگە بېرىلگەن، خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇقى نوبېل مۇكاپاتىمۇ دەپ ئاتالغان مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتى بۇ يىل ئىلھام توختىغا بېرىلىپتۇ. بۇ مۇكاپاتنىڭ خىتايدىكى نالسېن ماندېلا دەپ قارىلىۋاتقان ئىلھام توختىغا بېرىلىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ مۇكاپات خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى دۇنياغا تېررورچى، بۆلگۈنچى دەپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىغا بېرىلگەن ئەڭ گۈزەل جاۋابتۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى بېسىم سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن ئىلھام توختى، خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن تىنچلىقنىڭ سېمۋولى دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەتىگە ھۆرمەت كۆرسىتىدىغان بىر ۋەزىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىلھام توختىنىڭ بۇ كۈرەشلىرى پۈتۈن دۇنياغا ئۆرنەك.»

بىز بۇ بايانات توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئەسەرلىرىنى تۈركچە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

yeneroglu-yener-oghlu-ilham-toxti-martin-ennalis-mukapati-bayanat.jpg
يەنەرئوغلۇ ئەپەندىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتى RFA/Erkin Tarim

دوكتور ئەركىن ئەكرەم دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۈچتەن ئىككىسى غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ئوخشاش قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، تۈركىيەمۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە بولغاچقا، بۇ مۇكاپات ئارقىلىق خىتاينى تەنقىد قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى چېكىنىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش كومىتېتى رەئىسى يەنەرئوغلۇ ئەپەندىنىڭ «ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتى خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە بېرىلگەن ئەڭ گۈزەل جاۋاب» دەپ بايانات بېرىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىلھام توختى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ چەتئەلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دەۋا بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىلھام توختىنى قوللاپ قۇۋەتلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بىز بۇ باياناتنى ئېلان قىلغان تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى كومىتېتى رەئىسى مۇستافا يەنەرئوغلۇ ئەپەندى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەتبۇئات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى زەينەپ ئۆزچەلىك خانىمغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇ، مۇستافا يەنەرئوغلۇغا تەلىپىمىزنى يەتكۈزگەنلىكىنى، ئۇ بەكلا ئالدىراش بولغاچقا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى دېدى.

تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش كومىتېتى رەئىسى يەنەرئوغلۇ 6 – ئاينىڭ 22 – كۈنى قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىن يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىگەن ئىدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش كومىتېتى رەئىسى يەنەرئوغلۇ ئىلھام توختىغا شىۋېتسارىيەدە ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-martin-mukapati-10142016221655.html

Share
1195 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.