logo

trugen jacn

تۈركىيە-سۈرىيە چىگراسىدا 7 نەپەر ئۇيغۇر تۇتۇلدى

69384

تۈرك ئارمىيەسى باش قۇماندانلىق شىتابىنىڭ تور بىتىدە مۇنۇ خەۋەر ئىلان قىلىندى؛ ”2014.يىلى 2.ئاينىڭ 20.كۈنى كىچە سائەت 22 دە تۈركىيە-سۈرىيە چىگرىسىنى ساقلاۋاتقان تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 2.نىنجى چىگرا مۇداپىيە قىسىملىرىغا تەۋە ھاتاي ۋىلايىتىنىڭ پۇللۇيازى چىگرا پونكىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە تەۋە چىگرادا تۈركىيەدىن سۈرىيەگە قانۇنسىز ئۈتۈپ كىتىۋاتقان 7 نەپەر خىتاي پۇخراسى شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر پوستا تۇرىۋاتقان ئەسكەرلىرىمىز تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ،سوتقا تاپشۇرۇلۇپ بىرىلدى“ دىيىلگەن

دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا 2.ئاينىڭ 19.كۈنى تۈرك ئارمىيەسىنىڭ خىتاينىڭ راكىتا قوغدۇنۇش سىستىمىسىنى سىتىۋىلىش توغرۇلۇق ئاخىرقى قارارغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا كەڭ تۈردە خەۋەر تارقىلىپ بىر كۈن كىيىن تۈركىيە چىگرىسىدا 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ چىگرىدىن سۈرىيەگە قانۇنسسىز ئۆتۈش ۋە تۈرك ئارمىيىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇشى دىققەت قوزغىدى

مەنبە

 

http://www.yenisafak.com.tr/gundem/7-uygur-turku-suriye-sinirinda-yakalandi-2087342

http://www.dunya.com/sinirda-7-cinli-yakalandi-253802h.htm

 http://www.ahaber.com.tr/gundem/2015/02/21/suriye-sinirinda-7-cinli-yakalandi

 

Share
2326 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.