logo

trugen jacn

تۈركىيە سىياسىي ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم سايلىمى ئاخىرلاشتى

140810204510_erdogan_emine_balcony_salute_512x288_reuters

غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرگە كۆرە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ 52% سىنى ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ 12- نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى بولدى

غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرگە كۆرە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ 52% سىنى ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ 12- نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى بولدى
سايلاملارغا ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى 73% بولدى، تاشلانغان ئىناۋەتلىك بېلەت سانى 38 مىليونغا يېقىنلاشتى. چەتئەللەردە ياشايدىغانلارنى قوشقاندا 56 مىليونغا يېقىن سايلىغۇچىنىڭ 73% ى تۈركىيەنىڭ يېڭى جۇمھۇر رەئىسىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى
غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرگە كۆرە، باش مىنىستىر ئەردوغان ئۈچ نامزات ئىچىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى؛ ئەردوغان ئىناۋەتلىك بېلەتلەرنىڭ 52% گە يېقىنى ئېلىپ يېڭى جۇمھۇر رەئىس بولدى. سايلامدا ئورتاق نامزات ئەكمەلۇددىن ئىھسانئوغلۇ ئىككىنچى، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ نامزاتى سەلاھاتتىن دەمىرتاش ئۈچىنچى بولدى. ئىھسانئوغلۇ 38% ئەتراپىدا، دەمىرتاش 9.7% ئاۋازغا ئېرىشتى
بېلەت تاشلىغۇچىلار نىسبىتى 73% ئەتراپىدا بولدى، تاشلانغان بېلەتلەرنىڭ 39 مىليونىنىڭ 38 مىليونى ئىناۋەتلىك ھېسابلاندى. تۈركىيەنىڭ مىقياسىدىكى 55 ۋىلايەتتە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 15 ۋىلايەتتە ئەكمەلۇددىن ئىھسانئوغلۇ، 11 ۋىلايەتتە سەلاھاتتىن دەمىرتاش رەقىبلىرىدىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشتى

http://www.trt.net.tr/uyghur/%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83%D9%89%D9%8A%DB%95-%D8%AE%DB%95%DB%8B%DB%95%D8%B1%D9%84%D9%89%D8%B1%D9%89/2014/08/10/%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83%D9%89%D9%8A%DB%95-%D8%B3%D9%89%D9%8A%D8%A7%D8%B3%D9%89%D9%8A-%DA%BE%D8%A7%D9%8A%D8%A7%D8%AA%D9%89%D9%86%D9%89%DA%AD-%D8%A6%DB%95%DA%AD-%D9%85%DB%87%DA%BE%D9%89%D9%85-%D8%B3%D8%A7%D9%8A%D9%84%D9%89%D9%85%D9%89-%D8%A6%D8%A7%D8%AE%D9%89%D8%B1%D9%84%D8%A7%D8%B4%D8%AA%D9%89-59832

TRT

Share
1585 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.