logo

trugen jacn

تۈركىيە تەسىراتلىرىم:ھېسداشلىق ۋە ۋىتامىن

 

   تونۇتۇشتىكى خاتالىقمۇ ياكى تونۇۋېلىشتىكى خاتالىقمۇ بىلمىدىم، كۆپىنچە تۈركلەر ئۇيغۇرلا دېسە بىر كۆز يېشى؛ بىر دەرت-ئەلەمنى ئېسىگە ئالىدۇ( 2000 ‏-يىللاردىن ئىلگىرى شۇنداق) ؛ شۇڭا ئۇچراشقىنىڭىزدا ئۇيغۇرلۇقىڭىزنى بىلسە   يا دۈمبىسىنى قىلىپ قاچىدۇ ۋە ياكى باغرىغا  بېسىپ دۈمبىڭىزنى سىلايدۇ؛ ئەلۋەتتە قاچىدىغىنىدىن قۇچاق ئاچىدىغىنى كۈپ؛ ئەمما مەن كېيىنكىسىدىن،  يەنى دۈمبەمنىڭ سىلىنىشىدىن بەكرەك راھەتسىز ، بولۇپمۇ تۈركىيەگە كونىرىغانسېرى.  شۇڭا ئونۋېرستىكى ئوقۇش ھاياتىم  باشلانغاندا ئۇيغۇرلۇقىمنى بەك بازارغا سالمىدىم، يەنى زۆرۈر تېپىلمىغىچە تىلغا ئالمىدىم:
    تۈرك دۇنياسى ئەدەبىيات كۇرجىكىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى بىر دەرسلىكى، مۇئەللىم بىزگە ئۆز ئەدەبىياتىمىزدىن بىر دەرۋنىڭ تارىخىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ياكى خۇلاسىلەپ بېرەلەيدىغان بىر بېيىتنى تونۇشتۇرىشىمىزنى تاپشۇردى؛ نۆۋەت ماڭا كەلگەندە نىمشېھىتنىڭ “ شۇم پەلەك “ ماۋزۇلۇق مۇخەممىسىدىن
تۆۋەندىكى بېيىتنى ئوقۇدۇم:
  بىلمىدۇق، قۇش ئۇۋىسىغا شۇم يىلان مېھمان ئىكەن،
ئالدىنىپ كەتتۇق رەقىپكە ھېلىگەر دەۋران ئىكەن……
    مۇئەللىمىم تاپشۇرۇقىدىن چەتنەپ شۇنداق دېدى:
—ئالدى-كەينىدىن بىر نەچچە مىسرا ئوقۇ!
— قان بىلەن زەرداپقا تولغان داۋساقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك،
  — ئورتىنىپ كۈل بولغۇسى تەختى-راۋاقىڭ ئەي شۇم پەلەك،
     مۇئەللىمدىن بۇيرۇق:
— يەنە داۋاملاشتۇر:
مىسرا تەرتىۋىنى قايرىپ قويۇپ، ئېسىمغا كەلگەنلىرىنى دىكلاماتسىيە  قىلىشقا ئۆتتۈم:
…………
— تاغمىدۇر، يا تاشمىدۇر قايغۇدا قاتقان باشىمىز؟!
     يوقمۇدۇر، دۇنيادا بىزنىڭ ئىچكۆيەر يولداشىمىز!
………….

  “ ئۇيغۇرمۇسەن؟“ دېدى مۇئەللىمىم ، مەن “ شۇنداق“ دەپ جاۋاپ بەردىم .
— بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلۇقۇڭنى  نىمە ئۈچۈن دېمىدىڭ؟
— زۆرۈرىيەت ھېس قىلمىدىم.
— جىددىي زورۇر ئىدى— دېدى  مۇئەللىمىم ۋە بۇرۇن ساۋاقداشلىرىم قاتارىدا پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە ماڭا بېرىلگەن كىتاپلارنىڭ  ھەممىنى كەچلىك تەكراردا  قايتۇرۇپ ئەكىلشىمنى تاپشۇردى، دېگىنىنى قىلدىم، 30غا يېقىن كىتابنىڭ 20سىنى يەڭگۈشلەپ  قولۇمغا تۇتقۇزدى. مۇئەللىمنىڭ بۇ جەرياندا دېيىشىچە قازاق-قىرغىز ساۋاقداشلىرىمغا تەۋسىيە قىلىنغان كىتابلار ماڭا كېرەكسىز ھەتتا زىيانلىقمىش، ئەزەربەيجانلىق ۋە تۈركمەن ساۋاقداشلىرىغما تاپشۇرۇلغان كىتابلارنى ئوقۇشۇمغا تېخى بالدۇرمىش. دۇنيادىكى بەزى ئىلغار نەزەرىيەلەر بىزگە ھازىرچە سوغۇق كېلەرمىش، دۇنيادا ئەيىپلىنىۋاتقان بەزى ئېقىم، بەزى گۇرۇھلار بۈگۈنچە  بىز ئۈچۈن دورا  ۋە  بىزنىڭ جېنىمىزغا جان ، تېنىمىزگە كۈچ قاتارمىش؛  مېنىڭ ئىسلاھاتتىن ئېغىز ئېچىشىم كۈلكىلىكمىش ،  ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆز ئورنۇمنىڭ نەدىلىكىنى، ھالىمنىڭ دەرىجىسىنى توغرا بىلىشىم كېرەكمىش؛ يەنى مەن تەرەققىيات -ئىلگىرىلەش ئەمەس ئورنۇدىن قانداق دەس تۇرۇشنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇشۇم زۆرۈرمىش.
    گەپلىرى دەسلەپتە تېتىمىدى، ئەمما ئاخىرىدا  ئىزاھات ۋە مىساللىرىنى  ئاڭلىغىنىمدا رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدىم ۋە ئۆزۈمنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولدۇم:
  —   راست گەپنى قىلسام  مەن بۇ ئوقۇش ھاياتىمدا كىتابنى قولتۇقۇدىن چۈشۈرمەيدىغان، يولنىڭ چېتىدە  مېڭىپ  ياتىقى بىلەن كۈتۈپخانا ئارسىدىلا قاتنايدىغان ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولغۇم يوق. مەن دەرسلەرنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ مېڭىش شەرتى ئاستىدا مەكتەپنىڭ پۇتبول مەيدانلىرىدا يۈگۈرگۇم، ۋالىبول مەيدانلىرىدا چۇقان سالغۇم، ئەدەبىيات-سەنئەت  سورۇنلىرىدا مىكراپوننى قولۇمدىن چۈشۈرمىگۈم، نامايىش سەپلىرىدە بايراق كۆتۈرۈپ چاپقۇم  مەكتەپ باغچىلىرىدا  قىزلار بىلەن مۇڭداشقۇم، ئوغۇللار بىلەن نۆۋىتى كەلسە مۇشتلاشقۇم، تۈركىيەنىڭ ئوڭ-سول ئىدىيەبازلىق كۈرەشلىرىدە سەپ تۇتقۇم، ماۋچى- مىللەتچى جىدەللىرىدە كالتەك  تۇتقۇم بار.
  — شۇنىڭ ئۈچۈن مىللىتىڭدىن بىر مەھەل تاندىڭ؟
بۇ سوئالنى ۋاقتىنچە جاۋابسىز قالدۇردۇم. مۇئەللىمىم سوئالىنى يېڭىلىدى:
— بۇ مەقسەتلىرىڭ بىلەن مىللىي كىملىكىڭنى يوشۇرۇشۇڭنىڭ ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟
—  ئەتراپىڭىزدا ئىچ ئاغرىتىپ بېقىلغان كۆزلەر، مەرھەمەھەت بىلەن سۇنۇلغان قوللار بولسا، بۇ مەيداندا رىقابەت مۇھىتى ۋە كەيپىياتى بولمايدۇ؛ بۇ مەن ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا  چېلىشماي تۇرۇپ يىقىلىش.
— دېمەككى مىللتىڭنىڭ  تۈركىيەدىكى  تونۇلۇشى، بىلىنىشىدىن بىئارامسەن؟
— تونۇلۇشىدىن ئەمەس، كەمتۈك تونۇلۇشىدىن :مەن يىغلاۋاتقانلا ئەمەس، نۆۋىتى كەلگەندە ھۆكۈرەلەۋاتقان؛ پېتىقلىنىۋاتقان-دەسسىلىۋاتقانلا  ئەمەس، ئېپى چىققاندا بىر-ئىككى پەشۋانى ياندۇرالاۋاتقان؛  قېرىنداشلىرى كۆتۈرۈپ دۈمبىسىگە ئېلىپ ماڭمىسا يولدا قالىدىغان ئەمەس، قولىنى  ئۇزۇتۇپلا قويسا ئورنىدىن  دەست تۇرالايدىغان ؛ كۆزىدىن دەرت-ئەلەملا ئەمەس مۇھەببەت-نەپرىتى  چاقنايدىغان تىرىك-ھايات بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادى بولۇپ تونۇلۇشنى خالايمەن.رېئاللىقمۇ بۇ!
   مۇئەللىمىمنىڭ تەنقىدىي پوزىتسىيەسى سەل يۇمشىغاندەك بولدى، بۇ پۇرسەتتە  مۇئەللىمىمگە دەرس ئۆتۈشكە ئاتلاندىم:
—- ھېسداشلىق بىر ۋىتامىنغا ئوخشايدۇ، ئۇ قورساق تويغۇزمايدۇ، كېسەلنى ئورنىدىنمۇ تۇرغۇزالمايدۇ؛ پەقەت كېسەلگە بويۇن ئەگمەسلىككە مەدەت بولالايدۇ؛ شۇڭا كىملىكىمنى يوشۇرغۇنۇم مىللىتىمدىن تېنىش ئەمەس،ھېسداشىقتىن قېچىش، مەرھەمەتتىن ئۇزاق تۇرۇش، مانا  بۇ ئۇيغۇر روھىي!
مۇئەللىمىم دولامنى قاقتى:
— : دۇنيادا ئوقۇپ ئۈگۈنىدىغان نەسرىلەر بار، ياشاپ ئۈگۈنىدىغان نەرسىلەر بار، سېنىڭ دېگەنلىرىڭ  ھاياتتىن ئېلىنغان دەرسلار!!!
دولامنىڭ قېقىلىشىدا گەپلىرىمنىڭ توغرىلىقىغا  بىر تەستىق بار، تېخىمۇ مۇھىمى  بايا ماڭا رەھىمسىزلەرچە كەيدۈرۈلگەن  ”مىللەتتىن تېنىش“ دېگەن بۇ لەنىتىي  قالپاقتىن ئازات قىلىش بار، شۇڭا ”ئۇھ!“ دەپ راھەت بىر نەپەس ئالدىم

http://bbs.bagdax.cn/thread-32836-1-1.html

Share
1154 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.