logo

trugen jacn

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى باھاسىدا پۈتۈشتى

رۇسىيەنىڭ «موسكۋا كومسومولى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە تۈركىيەنىڭ رۇسىيە تەرەپتىن «س-400» تىپلىق زېنىت راكېتا سىستېمىسى سېتىۋېلىش باھاسىدا پۈتۈشكەن. دەسلەپكى پۈتۈشۈم بويىچە تۈركىيە رۇسىيەنىڭ ئەڭ زامانىۋى «س-400» تىپلىق زېنىت راكېتا سىستېمىسىدىن ئىككى يۈرۈشنى بۇ يىل ئىچىدە سېتىۋالىدىغان بولۇپ، بۇ بىر يۈرۈش راكېتا سىستېمىلىرىنىڭ باھاسى ئىككى يېرىم مىليارد دوللارغا توختىغان. لېكىن، رۇسىيەنىڭ «روسوبورونېكسپورت»، يەنى رۇسىيە دۆلەتلىك ھەربىي تېخنىكا قوراللىرىنى ئېكسپورت ۋە ئىمپورت قىلىشنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ۋەكىلى تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشنى خالىمىغان.

ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ خىتايدىن مۇنداق راكېتا سىستېمىسى سېتىۋالىدىغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر كۆپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئەمما، كېيىن تۈركىيە بۇنى خىتايدىن سېتىۋېلىشنى رەت قىلىپ، رۇسىيە تەرەپ بىلەن سۆزلەشكەن شۇنىڭدەك باھا مەسىلىسىدە كۆپ پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى.

بۇ يىل ماي ئېيىدا رۇسىيە ۋە تۈركىيە پرېزىدېنتلىرى پۇتىن ۋە ئەردوغان ئۇچرىشىشىدا پۇتىن تۈركىيەگە قاراتقان بارلىق ئىقتىسادىي ئىمبارگونى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەزكۇر سودا ھەققىدىكى سۆزلىشىشلەر تېزلەشكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/turkiye-rosiye-s400-kelishimi-07162017213147.html

Share
1099 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.