logo

trugen jacn

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئۇتتۇرىسىدا ۋىزا ئەمەلدىن قالىدىغان بولدى

6. Büyükelçiler Konferansı

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، 2016 – يىلدىن باشلاپ خىتاي بىلەن ئۆزئارا ۋىزا رەسمىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بولۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، 2016 – يىلدىن باشلاپ خىتاي بىلەن ئۆزئارا ۋىزا رەسمىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بولۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سالى گۇرۇھىنىڭ بۇ ھەپىتىلىك شەرەپ مېھمىنى بولغان مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، 2016 – يىلىق خەلقئارا ئېكىسپروت يەرمەنكىسى، گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى، ئانتاليا ساياھەت ئىشلىرى ۋە قاتناش مەسلىسى قاتارلىق تېمىلاردا مەخسۇس توختالدى.
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ كېلەر يىلى خىتاي بىلەن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى، تۈركىيە پۇقرالىرنىڭ خىتايدا ۋىزىسىز ساياھەت قىلالايدىغان بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقىتىكى خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 14 يىلدىن بۇيان يىلسىرى تېخىمۇ ياخشى خىزمەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
سالى گۇرۇھىنىڭ يىغىنىمۇ ئۇدۇل موڭغۇلىيەدىن كېلىپ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، موڭغۇلىيەدە %5.5 ئىقتىسادىي تەرققىيات كارۈلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ بۇ نىسبەتنى ئاز كۆرۈۋاتقانلىقىنى، موڭغۇلىيەنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تەرەققىياتتا خىتاينىڭ ئارقىدا قالماسلىق، %8 پىرسەتلىك ئېشىشتىن تۆۋەنلەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
مەۋلۈت چاۋۇش ئوغلۇ، تۈركلەرنىڭ تۈنجى يازما ياداكارلىقلىرى ساقلىنىۋاتقان ئورخۇن ۋادىسىغا بارغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «موڭغۇلىيەدە تۈرك تارىخىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابىلنىدىغان تۈنجى يازما يادىكارلىقلارنى كۆرۈش باردىم. تارىخىمىز ھەقىقەتەن ئىنتايىن قىممەتلىك. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەردە بىر مۇزىيىمىز بولىدۇ، بۇ يادىكارلىقلارغا يېتىپ بارىدىغان توپا يوللارنى ئاسفالت يول قىلىپ ياساپ چىقتۇق. 10 مىڭ مېتىر يول ياسىدۇق. ئىنشائاللاھ جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇزىيىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى ئۆزى كېسىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە موڭغۇلىيەگە ئايروپىلان قاتنىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى قاتناشنى باشلىدى» دەپ خوش خەۋەر بەردى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى 
Share
1531 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.