logo

trugen jacn

تۈركىيە ئون نەپەر پۇقراسىنىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى دەلىللىدى

150114143257_pudong_624x351_afp_nocredit

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 10 نەپەر پۇقراسىنىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇلار بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك تېررورلۇققا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى. چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان يەر شارى ۋاقتى گېزىتى 10 نەپەر تۈركنىڭ خىتايدا «تېررورچى ئەتكەسچىلىكى ۋە پاسپورت ئۆزگەرتىپ ياساش» قا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار خەۋىرىدە، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز پاسپورتلىرىنى ئەتكەسچىلەرگە بېرىش ئارقىلىق 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قانۇنسىز ھالدا چېگرادىن چىقىشىغا ياردەم قىلماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شاڭخەيدە قولغا ئېلىنغان 10 پۇقراسىنىڭ 8 ئىنىڭ ئەر، ئىككىسىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5-نويابىر ۋە 15-نويابىر كۈنلىرى خىتايغا بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن. ئاخىرى، 24-دېكابىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نەپىرىنى «قانۇنسىز ھالدا چېگرادىن چىقىشقا تەشكىللەش» جىنايىتى بىلەن رەسمىي ھالدا قولغا ئالغان. قالغان 8 نەپىرىنى «پاسپورت سېتىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. ھازىر ئۇلارنىڭ داۋاسى جىنايى ئىشلار سوتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

تۈركىيە دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھازىر شاڭخەيدىكى بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، تۈرك دىپلوماتلارنىڭ ئۇلارنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ سوتى 2-ئاينىڭ 25-كۈنلىرى ئەتراپىدا باشلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي مەتبۇئاتى ساختا تۈرك پاسپورتى ئارقىلىق چېگرادىن قاچماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستان، پاكىستان ۋە سۈرىيەگە بارماقچى بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يېنىدىن تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بىراق كۆزەتكۈچىلەر بۇ كىشىلەرنىڭ پەقەت خىتايدىكى زۇلۇمدىن قاچماقچى بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/turkiye-xitay-01152015170507.html

Share
1417 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.