logo

trugen jacn

تۈركىيەنىڭ سامسۇن ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

5(519)

ئەركىن تارىم

2015-u0311-erkin.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

11 – مارت كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان سامسۇن شەھىرىدە «مەزلۇم جۇغراپىيەلىك رايونلارغا سەپەر»ماۋزۇلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئاخىرلىشىدىغان 10 كۈن داۋاملىشىدىغان پائالىيەت جەريانىدا سامسۇن دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر كېمىنىڭ ئىچىدە ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى خەلقلەر دۇچار بولۇۋاتقان بېسىم ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر قويۇلغان. ئارقىدىن ھەر كۈنى بىر ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشى ئۆز رايونىدىكى زۇلۇمنى ئاڭلاتماقتا.

11 – مارت كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە سامسۇن جانىك رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئوسمان گەنچ ئەپەندى، سامسۇندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. بۇ پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى خامىت گۆكتۈرك ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن. بۇ دوكلات سامسۇن ۋىلايەتلىك تېلېۋىزيەدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلغان. بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خامىت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
7(402)
خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى سامسۇندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ئارىسىغا كىرگەنلىكىنى بايان قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/samsun-uyghur-03112015203856.html

Share
2007 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.