logo

trugen jacn

تۈركىيەنىڭ دېنىزلى شەھىرىدە ئۈچ مەيدان ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيەنىڭ غەربىي-جەنۇبىغا جايلاشقان دېنىزلى شەھىرىدە بۈگۈن ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ يەردە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى.

تۈركىيەنىڭ دېنىزلى شەھىرىگە «3-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق شائىرلار ئۇچرىشىشى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم بۈگۈن ئەتىگەن دېنىزلى ئوقۇتقۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە دوكلات بەردى. مەزكۇر مەكتەپتىكى پائالىيەتكە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 700 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بايان قىلىنغان «بىز كىم» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم مەزكۇر مەكتەپتە بەرگەن دوكلاتىنى ئۆزى يازغان «بىز كىم» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن باشلايدۇ:

بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى،
بىز ۋەتەن ئۈچۈن جېنىمىزنى بېرىمىز،
بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىرىمىز.
. . . . . . . . . . . . . . . . . .

شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم دوكلاتىدا بىر تۈرك شائىرنىڭ «ئۇزاقتا بىر يېزا بار، ئۇ يېزىغا بارساقمۇ-بارمىساقمۇ، ئۇ يېزا بىزنىڭ» دېگىنىدەك «شەرقىي تۈركىستان سىلەرنىڭمۇ يۇرتۇڭلار» دېگىنىدە زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرايدۇ.

ئارقىدىن شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم دېنىزلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئوسمان زولان ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقى بىلەن ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلغان

مەكتەپنىڭ كىرىشىدىكى كارىدورنىڭ ئىچىدىكى تام گېزىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەسىمى ئېسىلغان بولۇپ، نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمنىڭ شېئىرلىرى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ماقالىلەر ئېسىلغان. نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم بۇ مەكتەپكە كىرگەندە 700 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى بايان قىلدى. نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئۆزىگە 1 يېرىم سائەت ۋاقىت بېرىلگەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سائادەت ئاسلان خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارا شائىرلار ئۇچرىشىشى پائالىيىتىگە كەلگەن نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمنىڭ ئىسمىنى مەكتەپكە بەرگەنلىكىنى، مەكتەپنىڭ ئالدىن تەييارلىق قىلىپ، بۈگۈن مەكتىپىدە دوكلات بەرگۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دېنىزلى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەر بىر مەكتەپكە بىر شائىرنىڭ ئىسمىنى ئەۋەتتى. بىزگە نۇرئەلا خانىمنىڭ ئىسمىنى بەردى. بىز ئۇ كېلىشتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلدۇق. ئۇ، توغرىلىق مەلۇماتلارنى يىغىپ بىر تام گېزىتى تەييارلىدۇق. بۈگۈن ئۇنى مەكتىپىمىزگە چاقىرىپ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلات بەرگۈزدۇق.»

سائادەت ئاسلان خانىم بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئىنتايىن پايدىلىق بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «پائالىيىتىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. ئوقۇغۇچىلىرىمىز شەرقىي تۈركىستاندا بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن ياكى ھازىر مەيدانغا كېلىۋاتقان ۋەقەلەر توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولدى.»

دېنىزلى ئوقۇتقۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سائادەت ئاسلان خانىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇماتى بارلىقىنى، بۈگۈنكى دوكلاتتا تېخىمۇ كۆپ يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستاننى بىلىمىز، ئەمما پەقەت تاراتقۇلاردا چىققان خەۋەرلەردىن بىلىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق بىرسىنىڭ ئاغزىدىن بۇلارنى ئاڭلاش تېخىمۇ تەسىرلىك بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇ يەردە بېسىمغا چىدىيالماي چەتئەلگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر قالغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاغزىدىن ئۇ يەردىكى بېسىمنى ئاڭلاش بۇ بەكلا مەنىلىك ئىش


شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقان ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمنىڭ بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە ئۈچ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ھەققىدە توختالدى.

مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمنىڭ 7 ياش ۋاقتىدا تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى، ئۆمۈر بويى ھارماي-تالماي مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى، بۈگۈنكى پائالىيىتىنى كۆرۈپ پەخىرلەنگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم 15-دېكابىر كۈنى ئاخشىمى «3-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق شائىرلار ئۇچرىشىشى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغان.

شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىمنىڭ ھازىرغىچە ئىككى شېئىرلار توپلىمى، «ئۇيغۇر تائاملىرى» ناملىق كىتابى تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ سىرتىدا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دوكلاتلارنى بېرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتماقتا. ئۇ ئىلگىرى يەنە «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتابنى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/turkiyede-uyghurlar-tonushturuldi-12152017185207.html

Share
1908 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.