logo

trugen jacn

تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە «زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا لىكسىيە سۆزلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

6- ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى كەچتە، تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە «ئاسارەت ئاستىدىكى تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستان» نامىدا لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇرسادىكى ئاي يۇلتۇز ياشلىق ۋە تەنتەربىيە جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى، ئۇلۇغتاغ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بەزى ئوقۇتقۇچى ۋە بۇرسادا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن بۇرسادىكى ئۆردەكلى كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت سالۇنىدا زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتتە ئۇلۇغتاغ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتۇر ئەردەم ئۆزدەمىر شەرقىي تۈركىستاننى قىسقىچە تۇنۇشتۇردى. ئارقىدىن دوكتۇر ھامۇتخان گۆكتۈرك شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنىش سەۋەبى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى تەپسىلىي تۇنۇشتۇردى.

دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بىرە پىلانى بارمۇ؟ دېگەن ھەقتە سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئەما كۆرەلەيدىغان، گاس ئاڭلىيالايدىغان، گاچا سۆزلىيەلەيدىغان زۇلۇم بولۇۋاتسا تۈركىيە نېمىشقا سۈكۈت قىلىدۇ دەپ بىلگە قاغاننىڭ تىلى بۇيىچە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ پۇلىغا ئالدانماسلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سۈكۈتىنى بۇزۇشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇرسادىكى ئويغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئابدۇقادىر سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

ئاخىرىدا، ھامۇتخان گۆكتۈرك پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ۋە سۆز قىلغان بەزى شەخسلەرگە رەھمەت ئېيتىپ سوۋغا تەقدىم قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ سالامىنى يەتكۈزدى.

پائالىيەتكە كۆپ ساندا تۈرك، ئەزەرى قېرىنداشلارمۇ قاتناشتى.

43217388_474135073092423_7584956147891699712_o

http://turkistantimes.com/uy/news-3555.html

 

Share
3103 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.