logo

trugen jacn

تۈركىيەدە 2016-يىلى ئىلھام توختى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر جانلاندى

 

turkiye-tv-ilham-toxti-2

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيەدە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۈچۈن 2016-يىلى ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ئەڭ جانلانغان بىر يىل بولغانلىقى مەلۇم.

ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن 2014-يىلى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھامۇتخان كۆكتۈرۈك ۋە تۈرك ژۇرنالىست يۈچەل تاناي ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە تاراتقۇلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىلھام توختى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

2016 يىلىدا تۈركىيەدە ئىلھام توختى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ئالدىنقى يىللاردىكىدىنمۇ جانلانغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. بولۇپمۇ تۈركىيە مەتبۇئات ساھەسىدە 2016-يىلى ئىلھام توختى تونۇشتۇرۇلغان كىتاب، مەخسۇس ماقالە-ئانالىزلار، ۋە تېلېۋىزىيە سۆھبەت پروگراممىلىرى ئەڭ كۆپ ئېلان ئىلىنغان بىر يىل بولغان.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ۋە تەتقىقاتچى ھامۇتخان كۆكتۈرۈك ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھامۇتخان ئەپەندى يېتەكچىلىكىدىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر خەۋەر ئاگېنتلىقى يەنى «ئۇيغۇر نېت» تورىدىلا 2016-يىلى ئۇيغۇر، تۈرك، خىتاي ۋە ئىنگلىز تىلى قاتارلىق 4 خىل تىلدا مەخسۇس ئىلھام توختى ئەپەندىگە بېغىشلانغان كۆپلىگەن ئانالىز-ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر تور بېكىتىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى، ب ب س ئاگېنتلىقى، نىيۇيورك ۋاقتى، ۋاشىنگتون پوچتىسى ۋە تۈركىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن ھۆرىيەت گېزىتى، يېڭى چاغ گېزىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىق تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزلار، سۆھبەت پروگراممىلىرىدىن 650 پارچىسى كۆچۈرۈپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 260 پارچىسى ئۇيغۇرچەدۇر.

2016-يىلى تۈركىيەدىكى تونۇلغان تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئىلھام توختى ھەققىدىكى مەخسۇس فىلىم ۋە سۆھبەت پروگراممىلىرى ئەڭ كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر يىل بولغان.

ھامۇتخان كۆكتۈرۈك ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەڭگۈ تۈرك تېلېۋىزىيىسى، قانال ت،دۆلەتلىك ت ر ت تېلېۋىزىيىسى، قانال 24 قاتارلىقلاردا مەخسۇس ئىلھام توختىغا بېغىشلانغان ھۆججەتلىك فىلىم ۋە سۆھبەت پروگراممىلىرى بېرىلگەن.

ھامۇتخان كۆكتۈرۈك ئەپەندى 2016-يىلىنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەتتا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى نامىدىن ئېلان قىلىنغان ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش بايانات-چاقىرىقلىرى، ئىمزا توپلاش، نامايىش قىلىش پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.

مەلۇم بولۇشىچە 2016-يىلى تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە شۆبىسى، تۈرك ئوچاقلىرى، ئۆلكە ئوچاقلىرى، ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى، تۇران تەتقىقات جەمئىيىتى قاتارلىقلار مەخسۇس ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە بايانات چاقىرىقلارنى ئېلان قىلىش، ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان رەسىملىك كىتابچە قاتارلىقلارنى بېسىپ تارقىتىش، ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە ئىمزا توپلاش، نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان.

تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقات كومىتېتى باشلىقى ئاق پارتىيە ئىستانبۇل ۋەكىلى مۇستافا يەنەر ئوغلۇ ئىلھام توختى ئەپەندىگە مارتىن ئەننالىست خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تۈرمىسىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسى مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەت ئەربابلىرىدىن سابىق پارلامېنت ئەزاسى سەدى سومۇنچ ئوغلۇ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان ژۇرنالىست يۈچەل تاناي ئەپەندى قاتارلىقلار ئىلھام توختى ھەققىدە بىرقەدەر كۆپ ماقالە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان ۋە پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان شەخسلەر ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالە ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان تۈركىيەدە تونۇلغان يازغۇچى، ژۇرنالىست يۈچەل تاناي ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ۋە ئۆزىگە ئوخشاش بىر تۈركۈم تۈرك ژۇرنالىستلارنىڭ 2016-يىلىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يازغان ماقالە ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم سالمىقىنى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېغىشلانغان ئەسەرلەر ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزىنىڭ كۆپ قىسىم يازمىلىرى ۋە تەتقىقاتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن يۈچەل تاناي ئەپەندى، 2016-يىلى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالە-ئەسەرلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېغىشلانغان ماقالە-ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەم ئۆزىنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە شۆبىسى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۈچەل تاناي ئەپەندى يەنە 2016-يىلى تۈركىيەدىكى تاراتقۇلاردا ئىلھام توختى سۆز تېمىسى بولغان ماقالە-ئەسەر، سۆھبەت پروگراممىلىرى، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى كۆپەيگەن، تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭمۇ مەخسۇس ئىلھام توختى ھەققىدە بايانات-چاقىرىقلارنى ئېلان قىلغان، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پائالىيەتلىرىدە ئىلھام توختىنى تېما قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. يۈچەل تاناي ئەپەندى ئىلھام توختى تېمىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ۋە مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيەدە ئىلھام توختى ھەققىدىكى كىتابلار تېخىمۇ كۆپ نەشر قىلىنىشى، پائالىيەتلەر تېخىمۇ كۆپىيىشى ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە كۈن تەرتىپكە كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىشىنىڭ زۆرۈر ۋە تەخىرسىزلىكىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-turkiye-12222016150828.html

Share
2241 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.