logo

trugen jacn
11 ئاپرېل 2015

تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت ئەزاسى سايلىمى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئانالىز

image

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردە پارلامېنت ئەزاسى سايلىمى ئىنتايىن مۇھىم. مەزكۇر پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدىن كېيىن ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ، پارلامېنت ئەزالىرى قانۇن چىقىرىدۇ، ھۆكۈمەت مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىدۇ.

پارلامېنت ئەزالىرى قانۇن ماقۇللاپلا قالماستىن دۇنيادىكى مەسىلىلەرنى پارلامېنتنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىپ، ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى، شۇڭا 6-ئاينىڭ 7-كۈنى تۈركىيە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلام ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەكلا مۇھىم.

4-ئاينىڭ 7-كۈنى تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر سايلامغا قاتنىشىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۈركىيە ئالىي سايلام ئىدارىسىگە تاپشۇردى. بۇ نامزاتلارنىڭ ئىسىملىرىغا قارايدىغان بولساق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى دىققىتىمىزنى تارتتى.

بىز بۇ قېتىمقى سايلامدىكى نامزاتلار توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇللىرىدىن ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، بۇ قېتىمقى سايلامدا چوقۇم سايلىنالايدىغان نامزاتلار ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەردىن ئىسلام كونفېرەنسىيەسى تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى پروفېسسور ئەكمەلەتتىن ئىھسانوغلۇ، تۈركىيە 21-ئەسىر ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتى مۇدىرى پروفېسسور ئۈمىد ئۆزداغ، قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئابدۇلقادىر يۇۋالى، سابىق دۆلەت مىنىستىرى پروفېسسور ئەخەت ئەندىجان قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇلارنىڭ مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن نامزات بولغانلىقىنى، بۇلار تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرگەن تەقدىردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدە 1976-يىلىدىكى سايلامدا ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن نامزات بولغان، بۇ قېتىم پەرھات قۇربان تانرىتاغلى نامزات نامزاتى بولغان بولسىمۇ رەسمىي نامزاتلىققا تاللىنالمىغان، ئەسەر ساقا خانىم بولسا قەيسەرىدىن 7-قاتاردىن نامزاتلىققا قويۇلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/turkiye-saylam-04092015153020.html

Share
1507 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.