logo

trugen jacn

تۈركىيەدە ئۆتكۈر ساداسى

image

شۇ چاغلاردا يۈرەكتىن سۆيگەن كىشىلىرىنى قەلب تۆرىدە ئەزىزلەيدىغان ئۇيغۇرنىڭ «ئالىم ئۆلدى، ئالەم ئۆرۈلدى» دەپ چەككەن پىغانى ئالدىدا، ھەممىمىز چارەسىز ئىدۇق.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2015 – يىلى بەشىنجى ئۆكتەبىر مەرھۇم شائىر ۋە يازغۇچىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ يىگىرمە يىللىقى. يىگىرمە يىل بۇرۇنقى شۇ كۈندە 1995-يىلى 5- ئۆكتەبىردە سارە ئىسىملىك بىر قىز قار – يامغۇر تۆكۈلۈپ ئالدىمىزغا كەلگەندە ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالماي كۆز ياشلىرىمىز بىلەن ئۇ قىزغا جۆر بولغانلىقىمىز ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمىزدە تۇرۇپتۇ. دېيىلگىنى ئۆتكۈرىمىزنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى ئىدى. مۇساپىرەتتىكى بارلىق تارتىراڭغۇ كۈنلەردىن پەرقسىز، نۇرسىز، روھسىز شۇ كۈندە ئۆتكۈرسىز قالغان ئىدۇق. ماتەملىك پىغانلىرىمىزنى ساۋاقداشلار بىلەن قانداق ئورتاقلىشىش توغرىسىدا سارە سىڭلىمىز بىلەن ھەمسۆھبەت بولدۇق. ئۇ چاغلاردا ئۇستازىمىز ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى قوللاۋاتقان ‹ئەنجۈمەن› ناملىق بىر ئىلىم سورۇنىمىز بار ئىدى. ئادەتتە، ئەنجۈمەنىمىز ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولغاچقا، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ تويۇقسىز پائالىيەت تەشكىللەشكە ئامالسىز ئىدۇق. ئۇيان چاپە، بۇيان چاپە سارەنىڭ كۆزلىرىدەك مۆلدۈرلىگەن ياشلىق كۆزلەردىن كۆزلىرىمىزنى تەستە قاچۇرۇپ، ئىمكان بولمىغانلىقىنى ئەنجۈمەن تەشنالىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق. ئەمما، شۇ كۈنكى ياشلانغان كۆزلەر، تۈرۈلگەن قوشۇمىلار، ئۈمچەيگەن لەۋلەرگە ھازىرغىچە يۈز كېلەلمەيمىز. شۇ چاغلاردا يۈرەكتىن سۆيگەن كىشىلىرىنى قەلب تۆرىدە ئەزىزلەيدىغان ئۇيغۇرنىڭ «ئالىم ئۆلدى، ئالەم ئۆرۈلدى» دەپ چەككەن پىغانى ئالدىدا، ھەممىمىز چارەسىز ئىدۇق.
«ئويغانغان زېمىن» دا مەرھۇمدىن قالغان «ئىز» نى بويلاپ تەمتىلەپ يۈرۈپ كەتتۇق، يوللار ئاۋۇدىيۇ يولداشلار ئاۋۇمىدى. كۆز ئالدىمىزدا پەللىلەردە يېڭىپ، داۋانلاردىن ئاشقان بىر بۈيۈك كارۋان تېپىلمىدى. ئۆتكۈرسىز قالدۇق. ھەر قېتىم بېشىمىزغا مۇسىبەت كېلىپ كۆزىمىزگە زۇلمەت تىقىلغاندا، ھەسرەت بىلەن ئۇنى ئەسلىدۇق. خۇددىي بىزگە بىر يول كۆرسىتىدىغاندەك، خۇددىي بىزگە مەشئەل سۇنىدىغاندەك ئۈمىدلەندۇق. نۇرانە سىمالىق ئۇستازىمىز سۇنغان روھىمىزغا، قاغجىرىغان ئارمانلىرىمىزغا، قانىغان قەلبىمىزگە مەلھەم بېرىدىغاندەك ئۇنى كۈتتۇق… لېكىن، ئۆتكۈرسىز كۈنلەردە يەنە ئويلىدۇق. ئالىمىمىزنى ئاللاھنىڭ چاقىرغىنى، ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتكىنى ھېكمەت ئىكەن… ئۇ زۇلمەتكە چىدىيالمايتتى، خورلۇققا يۈز كېلەلمەيتتى، ئازاپتىن يېرىلىپ كېتەتتى، بىلىگە ئاق باغلىغان باغرى قان زېمىننىڭ ھالىغا قاراپ كۆزى ئوچۇق كېتەتتى، يۈرىكى چاك كېتەتتى، يۈزى غەمناك كېتەتتى…
2005- يىلى تۈركىيەدە ئىلمىي زىيارەتتە بولغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» دېگەن رومانلىرىنى ۋە «ئۆمۈر مەنزىللىرى»، «تارىم بويلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنى كىتاب ئوقۇيدىغانلىكى ئۇيغۇرنىڭ ئىشكابىدا دېگۈدەك كۆرۈپ، خاتىرە دەپتىرىگە مۇنداق يازىدۇ:
«تاشتەك ئىرادەم بولسا تىرىشسام، ئۆتكۈردەك ماھارەتكە، جاسارەتكە، ئىناۋەتكە ئېرىشىپ ياشىسام. ئۆتكۈر ئەپەندىمدەك ئۇيغۇرنى تاماسىز مۇھەببىتىم، سەمىمىي ئەمگەكلىرىم بىلەن سۆيۈپ ئۆتسەم. ئانا تۇپراقنى ۋە شۇ تۇپراقتىن ئۈنگەن مېھىرلىك بۇ مىللەتنى ئەزىزلەيدىغانلارنى، ھايات ۋە ھاياتلىقنى باغاشلىغانلارنىڭ ياشلىرىنى سۈرتۈپ، باشلىرىنى تىكلەپ باقسام. مەنزىلى مۇشەققەتلىك بۇ ‹توختىماس›كارۋاننىڭ كۈلكىسىگە كۈلۈپ، ئىززىتىگە جان تىكىپ ئۆتكۈرنىڭ ئىزىدىن ماڭسام.»
2015 – يىلى دېكابىر ئېيىدا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئىلمىي تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاش تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا نېسىپ بولدى. مەسلەكداش دوستلاردىن گازى (غازى) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەققىدە ئىككى قىسىملىق كىتاب يازغان ھۈليا قاساپئوغلۇ خانىمنىڭ مۇشۇ يىل ئىچىدە مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ يىگىرمە يىللىقىغا ئاتاپ مۇراسىم قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ھەممە ئۇيغۇر ھاياجانلاندى. تۈركىيەدىكى داڭلىق ناخشىچى، پارلامېنت ئەزاسى ئۇغۇر ئىشىلاق ئەپەندىنىڭ مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ «ئۇچراشقاندا» ناملىق شېئىرىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن ناخشىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئورۇنلىشى ھەممە ئۇيغۇرنى پەخىرلەندۈردى. ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى ئىنگلىزچە دېكلاماتسىيە قىلغانلىقى ھەممە ئۇيغۇرنى ئالەمچە غۇرۇرلاندۇردى.
ئۆتكۈرسىز كۈنلەردە يىراق قىرلاردا ياڭرىغان سادا بىزنى ئويغاتتى، ئۆتكۈرسىز قالغان ئۇيغۇرغا قانداش بولغان قېرىنداشلارنىڭ پىداكارلىقى بىزنى ئۇياتقۇزدى، ئۆتكۈرسىز كۈنلەردە باغىرلىرىمىزنىڭ تىلىدا جاراڭلىغان ئۆتكۈر نىداسى بىزنى يىغلاتتى، ئۆتكۈرسىز كۈنلەر بىزنى كىم بولۇش ۋە كىم بولماسلىق ھەققىدە ئازاپلىق ئويلارغا مۇپتىلا قىلدى. قولىمىزدىكى كىملىكلەرگە سىغمايۋاتقان، ياراشمايۋاتقان، ياتلىشىۋاتقان سالاھىيەتلىرىمىز بىزنى ئەندىشىلەندۈردى، ئۆتكۈرسىز كۈنلەرنىڭ شۇنچە ئۇزاق مەنزىللەرنى تاماملاپ يىگىرمە يىلغا ياماشقانلىقى بىزنى ئېغىر خىياللارغا مۇپتىلا قىلدى. خىياللار مۇجىمەل ئىدى، مەجھۇل ئىدى. خىيالچان كۆزلىرىمىز ئۆتكۈرنىڭ سىماسىغا، روھىغا، مىراسلىرىغا تىك قارىيالمايتتىhttp://www.trt.net.tr/uyghur/%EF%AD%98%EF%AF%A9%EF%BA%AE%EF%BB%AD%EF%AE%94%EF%BA%AE%EF%BA%8D%EF%BB%A3%EF%BB%A4%EF%AF%A9%EF%BB%BC%EF%BA%AD/2016/04/26/%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83%D9%89%D9%8A%DB%95%D8%AF%DB%95-%D8%A6%DB%86%D8%AA%D9%83%DB%88%D8%B1-%D8%B3%D8%A7%D8%AF%D8%A7%D8%B3%D9%89-489590

Share
2070 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.