logo

trugen jacn

تۈركىيەدىن بورتالاغا قايتىپ كەلگەن 6 ئوقۇغۇچى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇم بولۇشىچە خىتاينىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇرتىغا قايتىپ كېلىش بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، تۈركىيەدىن يۇرتى بورتالاغا قايتىپ بارغان 6 ئوقۇغۇچى ئالدى 12، كەينى 5 يىللىقتىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۈچى قىز، ئۈچى ئوغۇل بولغان بۇ ئالتە ئوقۇغۇچى جەۋلان، كەۋسەر، مۇدەسسەر ۋە سۈرىيە قاتارلىقلاردۇر. بۇلار قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشتىن بۇرۇن بىر يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىدە بىر مەھەل تەربىيەلەنگەن. بورتالا شەھىرىدىكى بىر قاماقخانا خادىمىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، دائىرىلەر، مەزكۇر 6 ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيەدە ھېچقانداق بىر سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغانلىقى ئېنىقلانغان ئەھۋالدىمۇ، ئۇلارغا يۇقىرىقىدەك ئېغىر جازا بەرگەن.

بورتالا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن سابىق رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ يۇرتىدۇر. بىز تۈركىيەدىن بورتالاغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بورتالادىكى نۇر بەكرىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن بىرى بولغان بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىغا تەۋە يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسىغا تېلېفون قىلدۇق. دەسلەپتە ۋەزىيەتنى يوشۇرۇشقا تىرىشقان بۇ خادىم، ئارقىدىن، يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى ھەققىدە قىسمەن مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى.

تۈركىيەدىن يۇرتى بورتالاغا قايتقان ئوقۇغۇچلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكى ھەققىدە رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللىغان بىر ئاڭلىغۇچىمىز، غايىب ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككىسىنىڭ، يەنى جەۋلان بىلەن كەۋسەرنىڭ ئاكا-ئۇكا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى. مەزكۇر قاماقخانا خادىمى، كېسىۋېتىلگەن 6 ئوقۇغۇچىدىن ئۈچ نەپىرىنىڭ قىز ۋە 3 نەپىرىنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكى، ئۇلاردىن ئىككىسىنىڭ ئىسمىنىڭ مۇدەسسەر ۋە سۈرىيە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىدە بىر مەھەل تەربىيىلەنگەن بۇ 6 ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيەدىكى مەزگىلدە ھېچقانداق سىياسىي ئىشقا ئارىلاشمىغانلىقى ۋە پەقەت ئوقۇشتىن باشقا ئوي-خىيالدا بولمىغانلىقى ئايدىڭلاشقان. يېقىندا غۇلجا ناھىيىسىدىكى يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىدىكى خادىملار، قىلمىشى جىنايەتكە توشىدىغانلارنىڭ تۈرمە ۋە قاماقخانىغا، ئەمما قىلمىشى جىنايەتكە توشمىغان، لېكىن جىنايى خاھىشى بار دەپ قارالغانلارنىڭ يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ئاپىرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. بورتالادىكى بۇ ئالتە نەپەر ئوقۇغۇچى ئاۋۋال تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەۋەتىلگەن، تەربىيىلەش مەركىزىدە ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان بولسىمۇ ئارقىدىن كېسىۋېتىلگەن.

سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئۆزىنىڭ نۇر بەكرى بىلەن يېقىن تۇغقانلىقىنى رەت قىلمىغان، بۇ خادىم دەسلەپتە يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ شارائىتىنىڭ ياخشىلىقى ھەققىدە مەدھىيە ئوقۇدى، ئۇ ئارقىدىن ئۆزىنىڭ مەزكۇر مەركەزدە تەربىيىلىنىۋاتقانلارنىڭ كىملىك ۋە قىلمىشلىرىنى سوراش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان يۇرتىغا قايتىش بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، پەقەت مىسىردىن قايتىپ كەتكەنلەرنىڭ سانىلا 3 مىڭدىن ئارتۇق. ئەمما باشقا دۆلەتلەردىنمۇ بولۇپ، يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى ۋە ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/qaytqan-oqughuchi-jaza-09192017141053.html

Share
1901 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.