logo

trugen jacn

تۈركىيەدىكى كۈرت سىياسىي پارتىيەسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا، سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيەدىكى ئىسلامچى ياكى تۈركچى سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلار بۇ مەسىلىگە سۈكۈت قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

بىراق بۇ سۈكۈتنى 6‏-ئاۋغۇست كىشىلەر ئويلىمىغان بىر سىياسىي پارتىيە ۋەكىلى بۇ سۈكۈتنى بۇزۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر خىتايغا نوتا تاپشۇرمىغانلىقىغا جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

تۈركىيەدىكى «يېڭى ئاسىيا گېزىتى» نىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيەدىكى ھ د پ، يەنى «خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك توپى» ناملىق كۈرت سىياسىي پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ بۇ مەسىلىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ھ د پ، يەنى «خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك توپى» ناملىق كۈرت سىياسىي پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ

ئۇنىڭ چاۋۇشئوغلۇغا سۇنغان تىلەك سۆزىدە، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ غايەت زور لاگېرغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى، بىر مىليون كىشىنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاينىڭ بىر مىليون ئۇيغۇر تۈركلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى توغرىمۇ؟ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇر بارمۇ؟ ئەگەر بۇ توغرا بولسا، ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ . . . . خىتايدىكى (تۈرك)ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىدىن بۇ توغرىسىدا ئۇچۇر ئېلىندىمۇ؟ ئۇچۇر ئېلىنغان بولسا نېمە ئۈچۈن ئېلان قىلىنمىدى؟ ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرا بولسا، (تۈركىيەنىڭ) خىتايغا نوتا تاپشۇرۇش پىلانى بارمۇ؟ يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ياشايدىغان قانچە ئۇيغۇر، قانداق سەۋەبلەر بىلەن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى؟» دېگەن سوئاللار قويۇلغان.

ھ د پ كۈرت سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى بولۇپ، تۈرك دۆلىتى ۋە مىللەتچى سىياسىي-پارتىيە گۇرۇھلار مەزكۇر كۈرت سىياسىي پارتىيەسىنىڭ «مۇستەقىللىق» خاھىشى بار، دېگەن سەۋەب بىلەن ئۇنىڭغا مۇساپە قويۇپ كەلگەن.

مەنبە:

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/turkiyede-uyghur-09072018172337.html

Share
2232 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.