logo

trugen jacn

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولۇشى كېرەك-2

 

 

-چاتما مۇلاھىزىلەر-

 

ئاپتورى: كاسسىنى

 

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولۇشى كېرەك-2

 

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولۇشى كېرەك ناملىق چاتما مۇلاھىزەمنىڭ 2- قىسمىدا، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ،ئۆزى مۇستەملىكە قىلماقچى بولغان مىللەتنى قانداق سەلبىيلەشتۈرىدىغانلىغى، ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانلىق خۇنۈكلەشتۈرۈش پىلانىنى قانداق تۈزىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىمەن

 

  • سىرلىق ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايون قايتا جانلاندى

 

خىتاينىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان ئىلگىرى خىروىن ئەتكەسچىلىك بازىسى بولۇش بىلەن داڭ چىقارغان ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايون، 2010-يىلىدىن ئېتىبارەن مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى يۈننەن، لائوس،تايلاند ۋە مالايشىيا ئاندىن تۈركىيە ئارقىلىق  ISIS قا توشۇيدىغان ئادەم ئەتكەسچىلىكى رايونىغا ئايلاندى

ئەر-ئايال 15 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر،، ئۇششاق بالا، ھامىلىدار خانىملاردىن تەركىب تاپقان زور بىر قوشۇن كۆرۈنۈشتە، خۇددى گىتلېر گىرمانىيەسىنىڭ سوبىبۇر تۈرمىسىدىن قاچقان يەھۇدىيلاردەك، يۈننەن، لائوس، تايلاند ۋە مالايشىيادىن ئىبارەت بۇ ئۈچ بۇرجەك رايوندىكى قاراڭغۇ ئورمانلىقلىرىدا  تىمىسقىلاپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى زور كۆلەملىك خىتايدىن قېچىش ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتاتتى. توغرىسىنى ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى يېزىۋاتقان ئاتالمىش قېچىشتىن ئىبارەت بۇ درامىدا رول ئېلىۋاتاتتى. كۆپ قىسمى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە بۇ ئۇيغۇرلار ئەركىن دۇنياغا قېچىۋاتىمىز ئەپ ئويلايتتى. ئەمما، ئىنگلىزلاردا بىر گەپ بار ‘ big brother watching you’ دەيدىغان .بۇنىڭ مەنىسى، ئاكاڭ قارغاي سېنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىر قېچىش ھەرىكىتىنى خىتايلار ئىشخانىلىرىدا ئولتۇرۇپ كۆزىتىپ تۇرۇۋاتاتتى. يۈننەن ، لائوس، تايلاند، مالايشىيا، تۈركىيە ۋە سۈرىيەگىچە تۇتاشقان بۇ ئۇزۇن كارىدورغا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنيادا خۇنۈكلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇنداق 3 خىل رەزىل تەشۋىقات مەقسىتى بار ئىدى. 1- قاتتىق ۋاسىتە.بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەرلىرىنى بۇ يول ئارقىلىق سۈرىيەگە ئەۋەتىپ، خەلقئاراغا، ئۇيغۇرلارنى  خەلقئارا تېررورلۇققا باغلاپ خۇنۈكلەشتۈرۈش. 2- يەنە بىر تۈركۈم ئىسلام دىنى خاتا چۈشەندۈرۈلۈپ مېڭىسى يۇيۇلغان ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە يەرلەشتۈرۈپ، تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئىسلام ئەقىدىلىرى بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش ۋە ئۇيغۇر دېسە تۈركلەرمۇ سەسكىنىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان، قېرىندىشىم دەپ قارايدىغان ھالىتىگە تامامەن خاتىمە بېرىش. 3- يۇمشاق ۋاسىتە. بۇ يول ئارقىلىق بىر تۈركۈم جەننەتنى قارا چۈمبەل ئىچىدىن ئىزدەيدىغان، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىنى رەت قىلىپ، ئەرەب ۋاھابىلىرىنىڭ قارا چۈمبىلىنى بۇ مېنىڭ كىيىم-كېچىكىم دەپ قارايدىغان ئاياللارنى تۈركىيەگە تۆكۈۋېتىش ئارقىلىق، قاتتىق ۋە يۇمشاق ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادا رادىكال تېررورىست قىلىپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەت

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكىنىمىزدەك،ھەرقانداق بىر مۇستەملىكىچى ئۆزى مۇستەملىكە قىلغان مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوق قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىشنى تەشۋىقاتتىن باشلايدۇ.ۋە ئەڭ تۆۋەن 10 يىللىق ئەڭ يۇقىرى 50 يىل ۋە ھەتتا 100 يىللىق ‘سېسىتىش ‘پىلانى تۈزىدۇ

بۇ تەشۋىقات شۇنچىلىك ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇكى، مۇستەملىكىچىلەر ھېچقانداق كۈچىمەيلا بۇ مىللەتلەرنى خۇددى ئىچىدىن سېسىپ كەتكەن قوغۇندەك سېسىتىپ تۈگىتىۋەتمەكچى بولىدۇ. تارىختا ئىنگلىزلار ئىندىئانلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتا، نېمىسلار يەھۇدىيلارنى يوق قىلىشتا بۇ ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇپ، ئىندىئانلار ۋە يەھۇدىيلار ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ باشقا مىللەتلەر، ياخشى بوپتۇ ئۇلار ئۆزلىرى ناچار مىللەت دەيدىغان ھالەت شەكىللەنگەن ئىدى

ئالدىدىكى ئىشلارنى قويۇپ تۇرساق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەشۋىقات جەھەتتە خۇنۈكلەشتۈرۈش، قوپالراق ئېيتقاندا سېسىتىش پىلانى 80 يىللاردىن ئېتىبارەن ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ساختا ئاق تاماكىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئەرزان باھادا سېتىلىشىغا كۆز يۇمۇش بىلەن بىرگە ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭغا يانداش يۇقىرى گرادۇسلۇق ھاراقلارنى تۆكمە قىلىپ سېتىپ، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي جەمئىيىتىنى پۇچەكلەشتۈرۈش ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈشكە باشلىدى.بۇ تەشۋىقات نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئۆز-ئۆزىنى بىز ھۇرۇن مىللەت، ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتايلار باي بولۇپ كەتتى، بىز ئەبگالىغىمىزدىن مۇشۇ ھالەتكە كەلدۇق دەپ ئۆزىنى ئۆزى ئىنكار قىلىدىغان چۈشكۈن بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قېلىشقا باشلىغان ئىدى

2000-يىلىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سەلبىيلەشتۈرۇش تەشۋىقاتىنى، دىنى جەھەتكە بۇرىدى. چۈنكى خەلقئارادا دىنى رادىكالىزم ۋە تېررورلۇق مودا بولۇۋاتاتتى. ئەگەر خىتاي ئۇيغۇرلارنى دىنى رادىكالىزم ۋە تېررورىزمغا باغلاپ قويالىسا، ئۇيغۇرلارنى ھەم خىتاي ئىچىدە ھەم دۇنيادا يوق قىلىش ئىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارالايتتى

 

ئىسلام دىنى ياخشى ئىش، ياخشى ئەمەل، گۈزەل ئەخلاق، شۈكرى قانائەت ۋە سەۋر تاقەتتىن ئىبارەت 5 سۆز ئۈستىگە قۇرۇلغان گۈزەل بىر دىندىن ئىبارەت. قۇرئانى كەرىمىدە ئاللانىڭ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى خالىمايدىغانلىقى، چەكتىن ئېشىشنىڭ شەيتاننىڭ ئىشى ئىكەنلىكى، چەكتىن ئېشىشنىڭ ئىماندا مەسىلە پەيدا قىلىدىغانلىقى  ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئايەتلەر تۇرۇپتۇ. خىتاي 2000- يىلىدىن ئېتىبارەن ئۈندىدارنى كەڭرى قويۇۋېتىش ئارقىلىق، چەتئەلدىن كىرگەن بىر تۈركۈم دىنى لېكسىيە CD لار ئارقىلىق، ئەڭ ئاۋۋال بىر تۈركۈم باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدىكى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلاملىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان 10 مىڭدىن 15 مىڭغىچە بولغان ئۇيغۇرنىڭ  كاللىسىنى يۇيۇپ، چەكتىن ئاشقان، بۇرمىلانغان، غەلىتە بىر ئىسلام دىنىنى سىڭدۈردى. ئاندىن مەلۇم ئادەملىرى ئارقىلىق ھىجرەت پەرز تەشۋىقاتىنى كەڭرى تەشۋىق قىلدى.بۇ ھەقتە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ يارتىلىغان سۈكۈت ناملىق سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى، ئىبراھىم خەلپىتىم ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ 2000-يىلىدىن ئېتىبارەن، ناھايىتى راھەت ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ قەشقەردە ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ھىجرەت قىلىش پەرز تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغانلارغا پۇل ياردەم قىلىش پائالىيىتى باشلىغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىنىڭ تولۇق تېكىستىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز

 

خىتاي ھۆكۈمىتى، 2000- يىلىدىن ئېتىبارەن بىر تەرەپتىن، سۆزدە ھەقىقىي ئىسلام دىنى مانا مۇنداق بولىدۇ دەيدىغان، ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئەسىر جاھالەت دەۋرىنى ئەسلىتىدىغان، ئاياللار قارا چۈمبەل ئىچىدىكى بىر ئىدېئولوگىيەنى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بىر قوللار ئارقىلىق سىڭدۈرسە،يەنە بىر تەرەپتىن ئىبراھىم خەلپىتىمگە ئوخشاش كىشىلەر ئارقىلىق ئوچۇق ئاشكارا ھىجرەت پەرز تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى.خىتاي ۋەتەن ئىچىدە ئىبراھىم خەلپىتىملەرنى قوللانسا، ۋەتەن سىرتىدا يەنە بىر تۈركۈم ھىجرەت تەشۋىقاتى قىلىدىغان كۈچلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەرگە چىقىشقا ھىجرەت قىلىشقا كەڭ تەشۋىق قىلدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ‘ھىجرەت پەرزئ تەبلىقىنى ئاڭلىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىرقانچە يىللىق كېسىلىپ كېتەتتى. ئەمما سىرلىق ئىبراھىم خەلپىتىمگە ھېچ ئىش كەلمەيتتى. دەل 10 يىلغا سوزۇلغان دەسلەپكى تەشۋىقات تەييارلىقى پۈتۈپ دىنى جەھەتتە مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيەسى كۆزلىگەن نىشانغا يەتكەندىن كېيىن، خىتاي ئۆزى نىشان قىلغان مۇشۇ ئوبيېكتلار ئارىسىدا، تەخمىن قىلىشىمچە، يۈننەن، لائوس، تايلاند مالايشىياغا  سوزۇلغان قاراڭغۇ ئورمانلىقلاردا قېچىش درامىسىنى ئويناشقا باشلىدى. 2015-يىلىغا كەلگەندە  خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە خەلقىگە سەت كۆرسىتىش تەشۋىقاتى ئاجايىپ مول ھوسۇل بېرىشكە باشلىدى. مەن بۇ مۇلاھىزەمدە، خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ قۇربانى بولۇپ ISIS قا كەتكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالمايمەن. پەقەت تۈركىيەدە قالغان قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدە توختىلىمەن

10 ۋە 20 يىل ئالدىن پىلانلانغان، ئۇيغۇرلارنى تۈرك خەلقىگە سەت كۆرسىتىش تەشۋىقاتىنىڭ قۇربانلىرى بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان جاپالىق سەپىرىنىڭ كۆزلىگەن نۇقتىسى تۈركىيەگە يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ،مىڭ يىلدىن بۇيان، سۇلتان ئەخمەت جامىسى قاتارلىق مۇقەددەس جامىئەلەردىن چىقىدىغان ئەرزان ئاۋازىنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىغان، نۇرغۇنلىغان ئىسلام پەيغەمبەرلىرى، ئالىملىرىنىڭ قەبرىلىرىنى قۇچاقلاپ ياتقان، نۇرغۇنلىغان دىنى مەكتەپ ۋە مەدرىسىلەردە توغرا ئىسلام تەربىيەسى بېرىپ ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يارقىن ئوبرازىنى يارىتىۋاتقان ئىستانبۇلدىكى تۈرك خەلقىنىڭ دىنى ئېتىقادىنى، تۈرك خانىم قىزلىرىنىڭ تۈرك مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلامنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن كىيىم-كېچەكلىرىنى  ياراتماسلىققا باشلىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تۈركىيەدىكى بارلىق خانىم قىزلار ئۇلارغا ئوخشاش قارا چۈمبەلگە چۈمكىنىشى كېرەك ئىدى. مانا بۇ ھەقىقىي ئىمان ۋە ئېتىقاد ئىدى.تۈركىيەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادى ۋە كىيىنىشىنى بولسا ئابىياملا كۆزگە ئىلمايتتى. مەسىلە خىتاينىڭ كۆزلىگەن نىشانى بويىچە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەپ، تۈركىيەدە بۇرۇندىن ئىستىقامەت  قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئىسلام ئىدېئولوگىيەسى ۋە ئىسلام ئەقىدىسى ھەققىدە توقۇنۇش ۋە سۈركىلىش بولۇش دەرىجىسىدىن ھالقىپ، تۈركلەر بىلەنمۇ سۈركىلىش ۋە توقۇنۇش پەللىسىگە كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى. دەل قازاندا قايناۋاتقان سۇ تاشاي-تاشاي دەپ قالغاندا، دەل خىتاي تۈركىيەدە 90 -يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوينالغان، سەن دېموكراتچى مەن دىنچى درامىسىنىڭ داۋامىنى تۈركىيەدە ئويناشقا رىپىتىس قىلىۋاتقاندا، دەل ئۇيغۇر بىلەن ئۇيغۇر ئۆز ئارا بىر- بىرىنى ئېتىشىپ تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ئالدىدا سەتلىشىشكە تاس-تامان قالغان بىر مەزگىلدە، يەنى 2017-يىلى يېڭى يىل كېچىسىدە ئىستانبۇلدىكى reyna كېچىلىك بەزمىخانىسىدا يۈز بەرگەن قەتلىئام بىلەن، خىتاي بۇ درامىنىڭ پەردىسىنى ۋاقىتلىق يېپىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. خىتايلار ئۆز يېغىدا ئۆزىنى قورۇش دەيدىغان كونا تاكتىكىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىن كۆپ قېتىم ئىجرا قىلغىنىغا، شۇنداقلا بۇ تاكتىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى بىلگىنىگە قارىماي، ھەر قېتىمدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كەلدى. 2015-يىلى مەن تۈركىيەگە بارغان ۋاقتىمدا، دىنى ۋە پەننى سەۋىيەسى ئىنتايىن تۆۋەن ئەمما بىلەرمەن بىر تۈركۈم ئەرلەرنى، جەننەتنى قارا چۈمبەلنىڭ ئىچىدىن ئىزدەيدىغان، ئېرىمگە كۆزۈمنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا يەنە بىر خوتۇن ئېلىپ بېرىپ، جەننەتنىڭ ھازىرلىغىنى ياخشى قىلىۋالسام بولاتتى دەيدىغان غەلىتە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىستانبۇلدا يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بەلكىم بۇ قېرىنداشلىرىمىز نادانلىقى سەۋەبىدىن بۇنى پەرق ئېتەلمەسلىكى مۇمكىن بۇ خىتاينىڭ، ئۇيغۇرلارنى تۈرك خەلقى ئارىسىدا ‘سېسىتىۋېتىشئ ھىيلىسىنىڭ بىر تارمىقى ئىدى

 

2-قاتىل كاككۇك ۋە ھاماقەت چىكلىد  بېلىقى

 

قۇشلار ئىچىدە كاككۇك تۇخۇم تۇغقاندىن كېيىن، قانداق چۈجە چىقىرىشنى بىلمەيدىغان بىر ھاماقەت قۇش. كاككۇك تۇخۇم تۇغقاندىن كېيىن تۇخۇمىنى، ئىنگلىزچە ئىسمى Reed Warbler، خىتايچە ئىسمى لىدەيىڭ(里德莺)، تۈركچە ئىسمى ötleğen دەپ ئاتىلىدىغان(ئۇيغۇرچە نېمە دېيىلىدىغانلىقىنى تاپالمىدىم) بىر قۇشنىڭ ئۇۋىسىغا، ئۇ قۇش يەمچۈك ئىزدەپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ  تاشلاپ قويىدۇ. Reed warbler قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كاككۇكنىڭ تۇخۇمىنىمۇ مېنىڭ تۇخۇمۇم ئوخشايدۇ دەپ چۈشىنىپ، بۇ تۇخۇملارنى بېسىپ چۈجە چىقىرىشقا باشلايدۇ.تۇنجى بولۇپ كاككۇكنىڭ تۇخۇمى چۈجە چىقىرىدۇ. ئەمدىلا تۇخۇمنى يېرىپ چىققان كاككۇك چۈجىسىنىڭ تۇنجى قىلىدىغان ئىشى، reed warber ناملىق بۇ قۇشنىڭ تۇخۇملىرىنى ئۈگىسىدىن يەرگە تاشلىۋېتىش بولىدۇ. نەتىجىدە چۈجە كاككۇك، ئانا reed warbler توشۇپ ئەكەلگەن يەمچۈكلەرنى بەخىرامان يەپ 2 ھەپتە ئىچىدە رەسمىي كاككۇك بولۇپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. شۇ  چاغدىلا ئەخمەق reed warbler ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ ھەقتىكى سىننى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز

ئەمما تولىمۇ كۈلكىلىك يېرى شۇكى، تۇغما قاتىل كاككۇكنى ئىنسانلار بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار، تاكى ئەلمىساقتىن ھازىرغا قەدەر، زەينەپنىڭ ئاشىقى دەپ قاراپ كاككۇك بىلەن زەينەپنىڭ ئاشىقلىق ھېكايىسىنى ئېيتىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە تۇغما قاتىل كاككۇكتا  نەدىمۇ ئاشىقلىق ۋە سۆيگۈ مۇھەببەتتىن  ئەسەر بولسۇن؟

ئافرىقىنىڭ tengginika كۆلىدە ياشايدىغان چىكلىد بېلىقى ئەنە شۇنداق ھاماقەت بېلىقلارنىڭ بىرى. بۇ بېلىق بىخەتەرلىك ئۈچۈن بېلىجانلىرىنى ئېغىزىدا ساقلايدۇ. ۋە كۆل ئىچىنى بىخەتەر دەپ قارىغان ۋاقتىدا ئاندىن كۆلگە قويۇپ بېرىدۇ. چىكلىد بېلىقى دىققەتسىز بولغان پۇرسەتتىن پايدىلانغان يەنە بىر مۈشۈك بېلىق چىكلىد بېلىقىنىڭ بېلىجانلىرىنى  يەۋېتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ بېلىجانلىرىنى  قالدۇرۇپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ. مۈشۈك بېلىقنىڭ بېلىجانلىرىنى ئۆز بېلىجانلىرىم  دەپ چۈشەنگەن چىكلىد بېلىقى، مۈشۈك بېلىقنىڭ بېلىجانلىرىنى ئۆز ئاغزىدا ساقلاپ ئۆز بېلىجانلىرىم دەپ چوڭ قىلىدۇ. بۇ  دۇنيانىڭ سىرى بولۇپ قالىدۇ. چىكلىد بېلىقى ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى مەڭگۈ بىلمەيدۇ. قاتىل كاككۇك بىلەن ھاماقەت چىكلىت بېلىقىنىڭ ھېكايىسىنى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەردە كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ

 

     3-كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ۋە كېلىشىمنامە

 

ئەسلىدە ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس نەرسىلىرى بولىدۇ. تىلى، دىنى ئېتىقادى،ئۆرۈپ ئادىتى، كىيىم-كېچىكى ۋەھاكازا دېگەندەك. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇنداق. بۇ دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ تاكى قىيامەتكە قەدەر شۇنداق داۋاملىشىدۇ. ئەلۋەتتە كۈچلۈك مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ كەتمىگەن دائىرە ئىچىدە. ئەسلىدە ئىنسانلار بۇ دۇنيادا بىر كېلىشىمنامە ئىچىدە ياشايدۇ. يەنى قانداق كىيىم كىيىپ قانداق تاماق يەپ ياشايدىغانلىقى ھەققىدىكى ياشاش كېلىشىمنامىسى. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس نەرسىلىرىنىڭ تاكى قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلەسلىرى، تەخمىنەن يۈز خىلدىن ئارتۇق دوپپىلىرى، تاماق تۈرلىرىدىن لەڭمەن ۋە پولۇلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەتلىك خاس نەرسىلىرى. بۇ نەرسىلەر باشقا مىللەتلەر ئۈچۈن غەلىتە بىلىنىشى مۇمكىن. دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ ھاياتلىق كېلىشىمنامىسىگە رىئايە قىلىپ، ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا،2010 -يىلىدىن ئېتىبارەن،  ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تۈپتىن يات بولغان بىر خىل قارا چۈمبەل پەيدا بولۇپ قالدى، خۇددى reed walbler دېگەن قۇشنىڭ ئۇۋىسىغا كاككۇك تۇخۇمىنى تاشلاپ قويغاندەك، بىر تۈركۈم دىنى ۋە پەننى سەۋىيەسى تۆۋەن ئاياللار، خۇددى reed walbler دېگەن قۇشقا ئوخشاش ئۆز ئۇۋىسىدا پەيدا بولۇپ قالغان بۇ غەلىتە نەرسىنى ئۆزۈمنىڭ ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا دىنى رادىكال قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بىر رەزىل تەشۋىقات سۇيىقەستى ئىدى. 2015-يىلىغا كەلگەندە خىتاي يۈننەن، لائوس، تايلاند ۋە مالايشىيادىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن كارىدور ئارقىلىق، دۇنيانىڭ پايتەختى بولغان ئىستانبۇلغا بۇ قارا چۈمبەللىك خانىم قىزلارنى تۆكۈۋەتتى.بۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنيادا سېسىتىش ھېلى مىكرىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان، كاككۇكنىڭ تۇخۇمىنى ئۆز تۇخۇمۇم دەپ بېسىپ يېتىپ چۈجە چىقارغان ئەخمەق ‘reed warbler’ لەر ئىدى

ئىنسانلار شەخسى كىملىك ۋە مىللەت كىملىكىدىن ئىبارەت ئىككى خىل كىملىك ئىچىدە ياشايدۇ. مىللىي كىملىك، تىل، مەدەنىيەت، ئۆرۈپ ئادەت، ئېتىقاد قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئىچىدە كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. خۇددى شەخسلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رەسىملىرى ئۇلارنىڭ كىملىك ۋە پاسپورتلىرىغا چاپلانغانغا ئوخشاش، شەخسلەرنىڭ، دۇنيا ئاخبارات ساھەسى ۋە سىياسىي سەھنىلەردىكى يۈرۈش تۇرۇش قىياپىتى ۋە ئوبرازى شۇ كىشى تەۋە بولغان بىر مىللەتنىڭ ئوبرازىغا ۋە كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئاخبارات ساھەسى ۋە سىياسىي سەھنىلەرگە ئۇيغۇر ئەتلەسلىرى ۋە دوپپىلىرى بىلەن چىقسىڭىز سىزنىڭ خەلقئارادىكى مىللىي كىملىكىڭىزگە چاپلىنىدىغان رەسىم  ئەتلەس ۋە دوپپىلار بىلەن مۆھۈر بولۇپ كىرىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئەرەب ۋاھابىلىرىنىڭ قارا چۈمبىلى بىلەن نامايان قىلسىڭىز بۇ مۆھۈرمۇ ئوخشاشلا شۇنداق بېسىلىدۇ. خۇددى رەھمەتلىك ھەسەن مەخسۇمنىڭ خىتاينى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئىسلام بايرىقىنى ئامېرىكىغا تاقايمىز دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازى ۋە مىللىي كىملىكىنى قانچىلىك دەرىجىدە خۇنۇكلەشتۈرگىنىگە ئوخشاش.

قارا چۈمبەل ئۇيغۇرلارنىڭ خاس كىيىمى ئەمەس. ئۇ خۇددى قاتىل كاككۇك reed warbler نىڭ ئۇۋىسىغا ئوغرىلىقچە تاشلاپ قويغان كاككۇك تۇخۇمىغا ئوخشايدۇ. قارا چۈمبەل ئوز نۆۋىتىدە يەنە ئىسلامنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك كىيىمىمۇ ئەمەس بۇ ھەقتە

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى Muhemmet Bin Selman، شەرىئەتتە قارا چۈمبەل دەيدىغان بىر نەرسە يوق دەيدۇ. خەلقئارادىكى نۇرغۇنلىغان 4 مەزھەپ ئالىملىرى شۇنداقلا تۈرك دىنى ئالىملىرى بىردەك قارا چۈمبەلنىڭ ئىسلامدا پەرز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. facebook تىكى بەزى تۈرك دوستلارمۇ قارا چۈمبەلنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا پايدىسىز ۋەزىيەت يارىتىپ قويىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ «ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ساقلاپ قالالامدۇ—ئىجتىمائىي دارۋىنىزملىق نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارغا نەزەر»ناملىق ماقالىسىدىمۇ قارا چۈمبەلنىڭ كېلەچەكتە دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنى رادىكال ئىسلامچىلار دەپ چۈشىنىپ قېلىشىدا سەلبىي رول ئويناپ قېلىشىدىن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز.

 

http://www.meripet.com/2017/20171225_ozini_saqlap_qelish.htm

 

ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمتىمىن ھەزرەت ئەپەندىمۇ ئارقا ئارقىدىن ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دۈشمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قۇرغان تۇزىقىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان.

 

 

ئۇنداقتا يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل مەدەنىيەت خەزىنىسىگە سىڭىپ كىرىۋاتقان بۇ قارا چۈمبەل نېمە؟ نېمە ئۈچۈن دۇنيانىڭ پايتەختى ھېسابلانغان ئىستانبۇلدا ناھايىتى نۇرغۇن قارا چۈمبەللىك ئاياللار پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا سىياسىي سەھنىلەردە ۋە ئاخبارات ساھەسى ئالدىدا ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سىما قارا چۈمبەل بولۇپ قالىدۇ؟ كەسكىن قىلىپ ئېيتىش كېرەككى،بۇ خىتاينىڭ خەلقئارانى نىشان قىلغان، ئۇيغۇرلارنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ۋە خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ چوڭقۇر ھاڭلىرىغا تاشلىۋېتىش ئۈچۈن قۇرغان، سېسىتىش تەشۋىقاتىنىڭ يەنە بىر قولى. يەنە بىر قېتىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولۇشى كېرەك.

 

تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئىستانبۇلنىڭ zeytunburnu, safaköy، selim paşa دېگەندەك جايلىرىدا مىڭغا يېقىن قارا چۈمبەللىك ئاياللار ياشىماقتا. ئۇندىن باشقا qeysiri دىمۇ 500 ياكى 600 ئەتراپىدا قارا چۈمبەللىك ئۇيغۇر ئايال ياشايدۇ. ئۇلار مەيلى تۈرك بولسۇن مەيلى ئۇيغۇر،يۈزى ئوچۇق ھەتتا نورمال ياغلىق چىگكەن ئايالنىمۇ پاسىق دەپ ياراتمايدۇ.دۇنيا ئالىملىرى ۋە تۈرك ئالىملىرىنىڭ ھىجاب ھەققىدىكى پەتىۋالىرىنىمۇ بىر تىيىنلىق كۆزگە ئىلمايدۇ. چۈنكى مەن مۇلاھىزەمنىڭ 1- قىسمىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈپ كەتكەندەك، خىتاي خۇددى كومپيۇتېرغا بىر پروگرامما چۈشۈرگەنگە ئوخشاش، بۇلارنىڭ ئىسلامى چۈشەنچىلىرىنى يۇيۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزى ياساپ قويغان بۇرمىلانغان ئىسلامدىن ئىبارەت پروگراممىنى چۈشۈرۈپ قويغان. بۇلارنىڭ ئارقىسىدا كۆرۈنمەس بىر قارا قول بار. خۇددى تۇغما قاتىل كاككۇك، ئەلمىساقتىن تارتىپ زەينەپنىڭ ئاشىقى دەپ خاتا تەرىپلەنگەندەك، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرى، ئۇيغۇر مىللىتىگە كۆيۈنگۈچىلەر قىياپىتىدە خاتا تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان.

يېقىندىن بۇيان، دۇنيادا چىقىدىغان بەزى ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىلىرىدا، قارا چۈمبەللىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رەسىملىرى كۆزگە چېلىقىۋاتىدۇ. بۇ ھېچ بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆتكەن يىلى خىتاي دۇنيادىكى ھەرقايسى دۈۋەتلەرگە خىتاينى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى. بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، مۇخبىرلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلار دىنى جەھەتتە ئىنتايىن رادىكاللىشىپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى زامانغا ماسلىشىدىغان بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش مەقسىتىدە بۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ئاچتۇق دېيىش ئارقىلىق، شەرقى تۈركىستاندىكى يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى  ئاقلىماقچى بولدى ۋە مىسال سۈپىتىدە، ISIS تىكى ئۇيغۇرلار ۋە قارا چۈمبەللىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىستانبۇلدا ئىلگىرى ئائىلىدە ۋە ئۆز ئەتراپىدىكى كىچىك ئاياللار يىغىلىشلىرىدا كۆرۈلىدىغان قارا چۈمبەللىك ئاياللارنى ھازىر دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ ئالدىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، شۇنداقلا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان كۆرۈشۈشلەردە  ئۇچۇرتۇۋاتىمىز.يۇقىرىدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان بولساق، خىتاي تەشۋىقات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەكتىكى خەلقئارالاشقان مىللىي كىملىكىنىڭ باش سۈرىتىنى ئالدىن ئالا سىزىپ بەرمەكتە. ئەگەر كېيىنكى 10 ياكى 20 يىل ئىچىدە دۇنيادىكى مىللىي كىملىكىمىزنىڭ باش سۈرىتى خىتاي تەرىپىدىن سىزىلىپ كېتىپ قالسا ھالىمىز ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. يەنە بىر قېتىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولايلى.

 

مۇلاھىزەمنىڭ كېيىنكى قىسمىدا، خىتاينىڭ خەلقئاراغا يۈزلەنگەن ئۇيغۇرلارنى سېسىتىش تەشۋىقاتى ۋە بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىمەن.

 

 

 

 

Share
1763 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.