logo

trugen jacn

تۈركىيىدىكى چورۇم ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئىلھام توختى ھەققىدە پائالىيەت ئۆتكۈزدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان چورۇم ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى چورۇم شەھىرىدىكى ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى  « ئىلھام توختى قويۇپ بېرىلسۇن» ناملىق قول قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتتە 4 مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قول قويغان.  4-ئاينىڭ 19-كۈندىن 28-كۈنىگىچە 9 كۈن  داۋاملاشقان پائالىيەتتە، ئوقۇغۇچىلار  چورۇم ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باغچىسىغا ئۈستەل قويۇپ، ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن« بۆلگۈنچى» دەپ ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ئىلھام توختىنىڭ رەسىمى ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى يېزىلغان قەغەزنى قويۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈستەل ئۈستىگە قويۇلغان قەغەزگە قول قويغان.

بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى  ئارسلان جانيۇرت  مۇنداق دېدى: « بىز 19-ئاپرېل كۈنىدىن باشلاپ ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئېلىپ باردۇق. بۇنى قىلىشتىكى مەقسىتىمىز، بىز ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ناھەق يېتىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز.  بىز ئىلھام توختىنىڭ ئەركىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ بۇ قول قويۇش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردۇق. بۇنىڭغا پايدىلىق بولار دەپ ئويلاپ بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ باردۇق.»

‏«چورۇم ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنىمۇ ئۆتكۈزدۈڭلار. بۇنداق كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلاردىكى سەۋەب نېمە؟‏» دېگەن سوئالىمىزغا ئارسلان جانيۇرت مۇنداق جاۋاب بەردى: « چوڭلىرىمىز بىز تۈرك ياشلىرىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا ھەر دائىم كۆڭۈل  بۆلۈشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگەتتى. بىز ئۇلارنىڭ تەربىيىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم ۋە ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، ھېچ بولمىغاندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بولسىمۇ، بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەكلىكىگە ئىشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى قىلدۇق.»

ئارسلان جانيۇرت  ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئەركىنلىككە ئېرىشكۈچە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: « بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قايغۇرسا قايغۇرۇپ، سۆيۈنسە سۆيۈنىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىمىز. ئۇلار ئۈچۈن قولىمىزدىن نېمە ئىش كەلسە ئۇنى قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. بۇندىن كېيىنمۇ قولىمىزدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىمىز. بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتىشقا، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىشقا تىرىشىمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئەركىنلىككە ئېرىشكۈچە ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز.»

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنى باشتىن ‏- ئاخىرغىچە قوللاپ ‏- قۇۋەتلىگەن تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان ئۈلكۈ ئوجاقلىرى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ۋەقپى چورۇم شۆبىسى باشلىقى ياۋۇز ئۈنلۈ ئەپەندى چورۇم ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن كۆپ ساندا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرت-ئەلەملىرىنى تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن چورۇمدا بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق قول قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، يىغىلغان ئىمزانى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىغا ئەۋەتكەن ئىدۇق. شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىمنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن مۇخبىرلارغا باياناتمۇ بەرگەن ئىدۇق. ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئېلىپ بارغان قول قويۇش پائالىيىتىگە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشتۇق. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە پايدىسى بولۇشىنى تىلەيمىز. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا 6 مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا بولساقمۇ، ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇمنى قەلبىمىزدە ھېس قىلىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ دەردى بىزنىڭ دەردىمىزدۇر.»

ئۇيغۇرنېت تور گېزىتىنىڭ مەسئۇلى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيىدە ئىلھام توختى توغرىسىدا داۋاملىق ھالدا پائالىيەت ئۆتكۈزىلىۋاتقانلىقىنى، چورۇم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنىڭ زور ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئىكەنلىكىنى، داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ياۋۇز ئۈنلۈ ئەپەندى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان خىتاي زۇلۇمنىڭ  تۈركىيىنىڭ چورۇم ۋىلايىتىدە ياخشى بىلىنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: « ناھىيەلەرنىڭ نوپۇسىنى قوشقاندا چورۇم ۋىلايىتىنىڭ 550 مىڭ ئەتراپىدا نوپۇسى بار. ئەپسۇسكى، ئۇلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمما، بىزنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرىمىز نەتىجىسىدە كېيىنكى 5-6 يىل ئىچىدە خەلقىمىز بۇ مەسىلىنى بىلىشكە باشلىدى. ھازىر كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان دەيدىغان بىر جاينىڭ بارلىقىنى، ئۇ يەرنىڭ بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز ئىكەنلىكىنى، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە سۇلتان ساتۇق بۇغراخانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ، بىز ھەر دائىم بۇلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئاڭلىتىۋاتىمىز. ئەمما، بۇلار يېتەرلىك ئەمەس، تۈركىيىدىكى چوڭ تېلېۋىزىيەلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە داۋاملىق ئورۇن بېرىشى كېرەك. ئەپسۇسكى، چوڭ تېلېۋىزىيەلەردە ئىزچىل ھالدا ئورۇن بېرىلمەيۋاتىدۇ.»

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئىلھام توختى ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخىسلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇ توغرىلىق ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلغان زۇلۇمنىمۇ ئاڭلاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىلھام توختى 2014-يىلى 9-ئايدا خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇندى دەپ ئەيىبلىنىپ، مۈددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيىدە ئۇنىڭ ماقالىلىرى، مۇخبىرلار  بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ  كىتاب قىلىپ نەشر قىلىندى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/turkiye-uniwersitet-ilham-toxti-05052017180328.html

Share
1986 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.