logo

trugen jacn

تۇڭگان ئۆلىمالار: مەسچىتىمىزگە ناماز ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە سومكىسى تەكشۈرۈلىدۇ

image

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ىگىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەردە رامىزان ئېيىدىكى تەراۋىھ نامىزى ئۈچۈن مەسچىتكە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە سومكىلىرىنى تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان.

بىز 12 – ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان بۇلاق بېشى رايوندىكى تۇڭگانلارنىڭ قەدىمقى مەسچىتلىرىدىن بىرى بولغان شەنشى مەسچىتىگە تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەسچىت مەسئۇللىرىدىن بىرى، تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئەھۋالى ۋە ھەر قايسى رايونلاردىكى مەسچىتلەرگە رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن

خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:«تەراۋىھ نامىزىنى ھەر كۈنلۈكى كەچ سائەت بېيجىڭ ۋاقتى 11 دە ئوقۇۋاتىمىز، يۈزدىن ئوشۇق ئادەم قاتنىشىۋاتىدۇ. جامائەتنىڭ ئۈچتەن بىر قىسمىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدۇ. رايوندىن كەلگەن خىزمەتچى خادىملار ناماز ئوقۇشقا قاتناشماي سىرتتا كۆزەتتە تۇرىدۇ. لېكىن مەسچىتىمىز تەرىپىدىن بەگىلەنگەن ئۈچ نەپەر قوغداش خادىمى مەسچىت ئىچىدە ناماز ئوقۇيدۇ.»

مەسچىت مەسئۇلى بىزنىڭ «رايوندىن بەگىلەنگەن خىزمەتچى خادىملار ئۇيغۇرلارنى قانداق تەكشۈرىدۇ» دېگەن سوئاللىمىز ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭنامازغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە سومكىلىرىنى ئېچىپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز مەسچىت مەسئۇلىدىن ئىچكرىلىگەن ھالدا، مەسچىت ئىماملىرىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە ئالدىن تەييارلانغان ۋەز – نەسىھەت سۆزلىرىنىڭ كىملەر تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، قايسى ئورۇنلارنىڭ تەستقىىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالغىنىمىزدا مەسئۇل خادىم:«مەسچىتدىكى دىنىي يىتەكچىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ تەستىقى بولۇشى كېرەك» دېدى.

مەسچىت مەسئۇلى يەنە دائىرىلەرنىڭ مەسچىتلەردىكى ئىپتارلىق تاماق تەييارلايدىغان ئاشخانىلارنىڭ تازىلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە، يىمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئۈرۈمچى جەنۇبىي قوۋۇقتىكى خانتەڭرى جامىسى ۋە كونسۇل كوچىسى ئەتىراپىدىكى بەيتۇل مەمۇر مەسچىتىگە تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ، بىراق بۇ مەسچىتلەرنىڭ تېلېفونى ئاللىقاچان توختىلغان ئىكەن.

لېكىن، ئۈرۈمچى ئالتاي كوچىسىدىكى كۆچمەن نوپۇس ئاھالىلەر بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان چىڭخەي مەسچىتىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا مەسچىت مەسئۇللىرى تەراۋىھ نامىزىغا بەزىدە يۈز ۋە ئىككى يۈز ھەتتا ئۈچ يۈزگە قەدەر جامائەتنىڭ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، بىراق ئۇيغۇرلاردىن پەقەتلا ئون نەچچە كىشى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شۇنداقلا مەسچىت مەسئۇلى رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن بەلگىلەنگەن خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئەلۋەتتە بارلىقىنى بىلدۈردى ۋە بىزگە قوپاللىق بىلەن :«ئەگەر بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىز كېلىپ كۆرۈپ كېتىڭ» دېدى.

خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇش ئۈچۈن رامىزان ئايلىرىدا تۈرلۈك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، رامىزان ئېيى باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدىكى دىنىي پائالىيەتلىرىگە تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى بەلگىلەپ بەرگەنلىكتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن دىنىي پائالىيەت قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-mesjid-06132016201639.html

Share
1290 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.