logo

trugen jacn

تۇنيۇقۇق ماقالىلىرى

 

 

ئۆزگىرىش ئىچىدە چىكىنىش

تۇنيۇقۇق

3- ئاينىڭ 11- كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتيىىدا ئاساسىي قانۇننىڭ 3- باب 2- بۆلۈم 79- ماددىسىدىكى:“ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ، مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتۈشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك“ دىگەن تىكىستتىن “ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك“ دىگەن قىسمى قىسقارتىلدى. شى جىنپىڭ 24- ئۆكتەبىر ئاياغلاشقان 19- قۇرۇلتايدا قايتىدىن رەئىسلىككە سايلانغاندا مەركىزى سىياسىي بىيورونىڭ 7 نەپەر دائىمىي ئەزالىقىغا رەئىسلىككە ۋارىس بولىدىغان ھىچقانداق نامزاتنى كىرگۈزمىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزىلا شى جىنپىڭنىڭ داۋاملىق رەئىس بولۇش قارا نىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى. ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتۈپ 26- ڧىۋرالدا شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ئۇدا رەئىس بولۇش ئىستىكىنى ئوچۇق ئاشكارىلىدى. 11- مارت بولسا قانۇن ئۆزگەرتىپ، كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس ھازىرلىدى. بۇ ئاساسىي قانۇندا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن نۇقتىلار ئاساسلىقى ئۈچ: 1- دۆلەت رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى مۇددىتى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش، 2- پارتىيە ھەممىگە يىتەكچىلىك قىلىشنى قانۇنلاشتۇرۇش، 3- دۆلەتلىك تەپتىش كومىتىتى تەسىس قىلىش.

ئەمدى بۇ قانۇن ئۆزگەرتىشنىڭ ئارقىسىدىكى گۇمانلىق نۇقتىلار غا كەلسەك: قانۇن ئۆزگەرتىش تەكلىپ لاھىيەسى 26- ڧىۋرال ھىچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، بىراقلا ئىلان قىلىنغان ۋاقتىدىلا زور غۇلغۇلا قوزغىغان. چۈنكى 26- ڧىۋرال مەركىزىي كومىتىت نامىدا ئىلان قىلىنغان ئاساسىي قانۇن ئۆزگەرتىش لاھىيەسىدە 26 – يانۋار دەپ بار، بۇ ۋاقىتتا ھىچقانداق يىغىن ئىچىلمىغان. بۇنىڭ ئالدىدا ئىچىلغان 19- قۇرۇلتاي 2- ئومومىي يىغىنى 19- يانۋار ئاياغلاشقان، 26- يانۋار قانۇن ئۆزگەرتىش لاھىيەسى چىقىرىلغان، 26- ڧىۋرال ئىلان قىلىنغان. 2- ئومومىي يىغىن ئاياغلىشىپ 1 ھەپتىدىن كىيىن چىقىرىلغان قانۇن ئۆزگەرتىش لاھىيەسى بىر ئاي كىچىكتۈرۈلۈپ مەركىزىي كومىتىت نامىدا ئىلان قىلىنىشى ئارىلىقتا شى جىنپىڭنىڭ قارا قولى بارلىقى، مەجبۇرى قانۇن ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ 2980 نەپەر خەلق ۋەكىلىدىن 2958 نەپەر ئاۋازنىڭ قوللاش، 2 ئاۋاز قارشىلىق، 3 ئاۋاز كىچىش، 17 ئاۋازنىڭ غايىپ بولۇشى بىلەن ئاساسىي قانۇننىڭ ئۆزگەرتىلىشى كومپارتىيە ئىچىدىكى قارشى كۈچلەرنىڭ ھەم ئاجىزلىقىنى، ھەم بۇ ئاۋاز بىرىشنىڭ ساختىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەسلىدە خىتايدا دۆلەت رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىس قاتارلىق ۋەزىپىلەر ئەسلىدە قۇرۇق مەنسەپ بولۇپ، دۆلەت ئورگىنىغا رەھبەرلىك قىلىش، مەمۇرىي ۋە ھەربىي ھوقۇق يۈرگۈزۈش دىگەندەك ئەمەلىي ھوقۇقى بولمايدۇ. رەئىسلىك پەقەت خەلقئارا قائىدە – يوسۇن ۋە سىموۋوللۇق ۋەكىل سۈپىتىدە قوللىنىدىغان مەنسەپ. بۇنىڭ مىسالى: خىتايدا 1949- يىلى دۆلەت قۇرۇلغان بىلەن، دۆلەت رەئىسلىك ۋەزىپىسى 1954- يىلى تەسىس قىلىنغان، ئاڭغىچە ماۋزىدۇڭ مەركىزى ھۆكۈمەت رەئىسى سۈپىتىدە دۆلەت باشقۇرغان. 1968- يىلى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە پارتىيە شۇجىسى ماۋزىدۇڭ دۆلەت رەئىسى لىيۇ شاۋچىنى دۆلەت رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان. 1975- يىلى ماۋزىدۇڭ قانۇن ئۆزگەرتىپ، دۆلەت رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى بىكار قىلغان. 1982- يىلى دىڭ شىياۋپىڭ قانۇن ئۆزگەرتىپ، 14 يىل بىكار قالغان دۆلەت رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئەمما رەئىسلىك مۇددىتىگە چەكلىمە قويغان. 1987- يىلى دىڭ شىياۋپىڭ دۆلەت رەئىسى خۇياۋباڭنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىۋەتكەن، 1989- يىلى تىيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن كىيىن دۆلەت رەئىسى جاۋزىياڭنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىۋەتكەن. 1993- يىلى جىياڭ زىمىن رەئىس بولغاندىن كىيىن، پارتىيە شۇجىسى ۋە ھەربىي كومىتىت رەئىسى سالاھىيىتى بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھوقۇقنى بىرلەشتۈگەن. 2003- يىلى خۇجىنتاۋ رەئىس بولغاندىن كىيىن، جىياڭ زىمىن پارتىيە باش شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئىختىيارى ئۆتكۈزۈپ بىرىپ، باش شۇجىلىق ۋەزىپسىنىڭمۇ ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق تۇرماسلىق يوشۇرۇن قائىدىسىنى تۈزۈپ بەرگەن. ئەمما جىياڭزىمىن ھەربىي ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن. 2005- يىلىغىچە ھەربىي ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كىيىنمۇ مەركىزىي سىياسىي بىيورو ئەزالىقىغا ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى سەپلەپ، خۇ جىنتاۋنى قۇرۇق مەنسەپكە ئولتۇرغۇزغان. خۇ جىنتاۋ بولسا بارلىق ھوقۇقنى بىراقلا شى جىنپىڭغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ يەنە يىڭىچە يول ئاچقان. 2013- يىلى شى جىنپىڭ رەئىس بولغان بەش يىلدىن بۇيان، ئۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش باھانىسىدا جىياڭ زىمىننىڭ شايكىلىرىنى تازىلىۋەتتى.
ئەمدىلىكتە شى جىنپىڭ 1982- يىلى دىڭ شىياۋپىڭ بىكىتكەن “ دۆلەت رەئىسىنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك“ دىگەن ئاساسىي قانۇن ماددىسىنى ئۆزگەرتتى، ماۋزىدۇڭ زامانىسىدا كىرگۈزۈلگەن :“ كومپارتىيە ھەممىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ“ دىگەن سۆزنى دىڭ شىياۋپىڭ ئاساسىي قانۇندىن چىقىرىۋەتكەن، چۈنكى دىڭ شىياۋپىڭ ئەينى چاغدا ماۋزىدۇڭنىڭ بۇ شۇئار ئارقىلىق ھوقۇقنى پارتىيەگە، پارتىيە ئارقىلىق ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە كىيىنكىلەرنى چەكلىگەن ئىدى. شى جىنپىڭ بولسا ئۆزىگە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن قايتىدىن ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزدى. “ پارتىيە ھەممىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ“ دىگەن شۇئارنىڭ قانۇنغا ئايلىنىشى بۇنىڭدىن كىيىن كىم پارتىيەنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى شى جىنپىڭغا قارشى چىقسا، قانۇنغا قارشى چىققان ھىسابلىنىدۇ، بۇرۇنقىدەك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش نامىدا جازالىمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ.

خىتايدەك قانۇنغا رىئايە قىلمايدىغان، دۆلەت رەئىسىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى بولمىغان دۆلەتتە شى جىنپىڭ قاتتىق قارشىلىققا قارىماستىن ئالدىراپ- سىنەپ رەئىسلىك قانۇنىنى ئۆزگەرتىشى نېمە سەۋەبتىن؟ خىتايدا قانۇن خەلققە ئاساس قىلىنمىسىمۇ، رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنى بىر ئويۇن قائىدىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. رەئىسلىك مۇددىتىن ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق بولماسلىق 36 يىللىق ئومومىي ئۇقۇمغا ئايلىنىپ بولغاندا، ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش شى جىنپىڭنىڭ ئۇدا رەئىس بولىشى ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس تەمىنلەيدۇ. دۆلەت رەئىسىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى بولمىغان بىلەن، ئۇنىڭ ئىمزايىسىز قانۇن قانۇن بولمايدۇ، ئىش ئىش بولمايدۇ، رەئىس قانۇنلۇق تامغىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. بىراق شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شى جىنپىڭنى ئۇدا رەئىسلىكتىن توسۇش ئاخىرقى قانۇنىي ئاساسىنىمۇ بەربات قىلىۋەتتى.

شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتايدا رەئىس ۋارىسى قالدۇرمىغان، ئۆز ئىسمى ۋە ئىددىيەسىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈپ ماۋزىدۇڭ، دىڭ شىياۋپىڭ بىلەن بەسلەشكەن. ئەمدىلىكتە بولسا ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن دىڭ شىياۋپىڭ 1982- يىلى بەلگىلىگەن ”رەئىسلىك مۇددىتى ئىككى نۆۋەتتىن ئىشىپ كەتمەسلىك“ ماددىسىنى ئۆزگەرتىپ، ماۋزىدۇڭ بىلەن باراۋەر بولۇشنى ئىستىشى ئۇنىڭغا ھەرگىز ياخشى ئاقىۋەت ئىلىپ كەلمەيدۇ. چۈنكى شى جىنپڭنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى، كۆرسەتكەن نەتىجىسى، قوللىغۇچىلىرى ماۋزىدۇڭ ۋە دىڭشىياۋپىڭدەك يۇقىرى ئەمەس. شۇڭا ئۇنىڭ ئارقىمۇ- ئارقا ئىلىپ بىرىۋاتقان قىلمىشلىرى ھەددىدىن ئاشقانلىق ھىسابلىنىدۇ. خىتايلار ئاغزىدا ماقۇل دىگەن بىلەن، كۆڭلىدە قارشى تۇرىدۇ، بەش يىلدىن بۇيان ئىرىشكەن بۇرۇنقى قوللاشتىنمۇ قۇرۇق قالىدۇ. ئۇنىڭدىن قورقىدۇ، پۇرسەت تاپسا قارشى تۇرىدۇ. ئەمما ھازىر ئارمىيە، ساقچى، تەشۋىقات قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلار شى جىنپىڭنىڭ قولىدا. ئەگەر خىتايلار كەلگۈسىدە شى جىنپىڭنى ئۇدا رەئىسلىكتىن توسۇپ قالماقچى بولىدىكەن، چوقۇم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كوللىكتىپ ھالدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىماي تۇرۇپ غەلبە قازىنالمايدۇ. ئەگەر كەلگۈسىدە 5-10 يىل ئىچىدە زور قالايمىقانچىلىق يۈز بىرىپ قالسا، قانۇن ئۆزگەرتىش دەل بۇنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قالىدۇ.

2018-3-12

Otomatik alternatif metin yok.

تۇيۇق يولغا قايتا نەزەر

 

خىتاينىڭ چوڭ دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتتە كۈتىدىغان ئاساسلىق ئالتە تەلىپى بار بولۇپ، ئۇلار: بىرلا جۇڭگو پىرىنىسىپىنى قوللاش، خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىشىنى قوللاش، خىتاينىڭ بىر پارتىيە سىياسىي تۈزۈلمىسى خىتاينىڭ ۋەزىيىتىگە ماس كىلىدىغانلىقىنى قوللاش، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە جەنۇبىي دىڭىز چىگرا مەسىلىسىنى تەگىمەسلىك، يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىنى ئەمىلىي قوللاشتىن ئىبارەت. يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسى 2013- يىلى 9- ئايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا دۆلەت ئىستىرادىگىيەسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما 5 يىللىق جەرياندا خىتايلار ئۇنى ”ئىستىرادىگىيە“ دىمەي “ تەشەببۇس“ دەپ ئاتاشقا مەجبۇر بولماقتا. 2018- يىلىنىڭ ئالدى- كەينىدە يۈز بىرىۋاتقان جىددىي ئۆزگىرىشلەر ، كەسكىن رىقابەتلەر يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىنىڭ قاتمۇ- قات توسالغۇلاردا قالغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

20- ئەسىردىكى ئۈچ چوڭ ئىستىرادىگىيە نۇقتىنەزىرىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن خىتاينىڭ يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسى نەزىرىيە جەھەتتىن ناھايىتى كاتتا، تەشۋىقات جەھەتتىن ئورتاق ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، شەرقىي ياۋرو- ئاسىيادىكى بىر قىسىم ئىقتىسادىي ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ، غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر يەنىلا سۈكۈتنى ئەلا بىلمەكتە. بۇ غەربى ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئەمەلىيەتتە دەل خىتاينىڭ يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىدىكى نىشان دۆلەتلەر بولۇپ، ئامرىكىدىن قالسا ياۋروپا خىتاينىڭ ئىككىنجى چوڭ بازىرى ھىسابلىنىدۇ. خىتاي شەرقى ياۋروپانى كىرىش ئېغىزى قىلىپ غەربى، شىمالى ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا سىڭىپ كىرىش ئارقىلىق، سىياسىتىگە تەسىر قىلىشنى خالايدۇ، ياۋروپانىڭ ئىلغار پەن- تېخنىكا، ئەقلى مۈلۈك بىلىملىرىنى ئوغۇرلاش ئارقىلىق، ئۈستۈنلۈككە ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن غەربى ياۋروپادىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىدىن ئەنسىرەيدۇ، خىتاينى سودىلاردا خەلقئارا سودا قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىش، ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىۋاتىدۇ.

ئامرىكا ئەقىل ئامبىرى ئىستىرادىگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىگە قاتناشقان 34 دۆلەتتىكى %89 قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرى خىتاي كارخانىلىرى بولۇپ، چەتئەل كارخانىلىرى ئارانلا %11 ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئىرىشكەن بولغاچ، چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ رىقابەتلەشمىكى تەس بولۇپ، سودىدىكى تەڭسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەزكۇر ئەقىل ئامبىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى جوناسىن خىلمەن(Jonathan Hillman):“ يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسى بولسا بىر ماركا، قاتتىق بەلگىلىمىلەرگە ئىگە پىلان تۈرى ئەمەس. ھەرقانداق بىر چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى بولالايدۇ. دەل شۇنداق بولغاچ، ئەگەر قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇددىتى ئۇزىراپ كىتىش، چىقىمى ئىشىپ كىتىش، مۇھىتنى بۇلغاش، يەرلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتمەستىن، خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىلا ئىشلىتىش قاتارلىق بىر تۈركۈم مەسىلىلەر يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسى ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرىدۇ“ دىگەن.

بۇ يىل بىشىدا فىرانسىيە خىتاينى زىيارەت قىلغاندا گەرچە يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىنى ئاغزاكى قوللاپ قويغان بولسىمۇ، يەنە يىپەك يولى خىتاينىڭ جاھانگىرلىك يولى بولۇپ، ئۆتەڭ دۆلەتلەرنىڭ قوشۇمچە بويۇمغا ئايلىنىپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما خىتاي خەۋەرلىرىدە ماكروننىڭ يىپەك يولىنى ماختىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەسكەرتمىسىنى تىلغا ئالمىدى. خىتايغا زىيارەتكە كەلگەن ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تىرىسا مىي خانىممۇ يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىگە قول قويمىدى.

ئۇندىن باشقا، خىتاينىڭ مەبلىغىگە ئىرىشكەن بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ چىرىكلىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى چۆچۈتىۋەتكەن. ئىقتىسادىي كىرىزىس تۈپەيلى ئېغىر قەرىزگە بوغۇلغان گىرىتسىيە خىتاينىڭ كۆپلەپ مەبلەغ سىلىشىغا ئىھتىياجلىق بولۇپ، 2016- يىلى 8- ئايدا گىرىتسىيەنىڭ پىرايۇس Piraeus پورتىنىڭ كۆپ قىسىم پايچىكىنى خىتايغا سىتىپ بەرگەن. ئوتتۇرا دىڭىزغا قارايدىغان پىرايۇس پورتى خىتاينىڭ يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىدە ياۋرو- ئاسىيا، ئافرىقا لىنىيەسىدە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، خىتاينىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشتىكى بىر چوڭ دەرۋازا ھىسابلىنىدۇ. 2017- يىلى 6- ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ب د ت دا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئەيىبلىمەكچى بولغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت گىرىتسىيەنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن توسۇپ قىلىندى. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا يىقىنقى 10 يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن تۇنجى قىتىملىق ئەھۋال بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ”يىگەن ئېغىز ئۇيۇلار“ دەپ، گىرىتسىيەدىن باشقا ۋىنگىرىيە، كىرودىيە قاتارلىق ئىقتىسادىي ئاجىز دۆلەتلەرمۇ خىتايغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق، جەنۇبى دىڭىز مەسىلىلىرىدە خىتاينىڭ چىشىغا تەگمەسلىكنى تەشەببۇس قىلغان. ○4 يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىگە قاتناشقان شەرقى ياۋروپادىكى ۋىنگىرىيە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى بىۋاستە خىتاي كارخانىسىغا ھۆددىگە بەرگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي كارخانىسىنىڭ ناتوغرا رىقابەت قىلغانلىقى گۇمان قوزغىغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىنگىرىيەنىڭ بۇ كىلىشىمىنى قاتتىق تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىمۇ مەسىلە بولۇپ قالغان. ○5ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق ناتوغرا ئىقتىسادىي يوللار ئارقىلىق ياۋروپاغا سېڭىپ كىرىپ، خىتاي مۇستەبىت سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلاش، سىياسىي تۈزۈلمىسى، قىممەت قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىۋىتىشتىن ئەنسىرىمەكتە. بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن گىرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي كارخانىلىرىنى قانۇن ئارقىلىق چەكلەش تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ڧىرانسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوللىدى. ياۋروپادىكى يىتەكچى ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ خىتايدىن ئەندىشە قىلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەۋقەسىنى ئىپادىلەپ بەردى.

ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا ئامرىكا، ئاۋىستىرالىيە، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر دىن تەشكىللەنگەن ھىندى- تىنىچ ئوكيان ئىستىرادىگىيەسىنى ئىلان قىلدى. بۇ ئىستىراتىگىيە ئىلگىرىكى ئاسىيا- تىنىچ ئوكيان ئىستىراتىگىيەسىنىڭ ئورنىنى ئالغان بولۇپ، ئاساسلىقى خىتاينىڭ زورىيىپ كىتىشىنى چەكلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. 19- ڧىۋرال بۇ تۆت دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ”ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرەققىيات ھەمكارلىق پىلانى“ توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلدى. ئۇلار ئەتەي ”بۇ خىتاينىڭ يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسى بىلەن رىقابەتلەشكەنلىك ئەمەس“ دەپ قويدى. ئامرىكىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى دۇنيا بويىچە بىرىنجى، ياپونىيەنىڭ ئۈچىنجى، ھىندىستان يەتتتىنجى، ئاۋىستىرالىيە13، بۇلارنىڭ يىغىندىسى ئەلۋەتتە دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى كۈچى ئىككىنجى بولغان خىتايدىن نەچچە ھەسسە ئىشىپ كىتىدۇ. بۇ تۆت دۆلەت بىرلىشىپ ھىندى- تىنىچ ئوكياندا خىتايغا تاقابىل تۇرسا، خىتاينىڭ كۈچى يەتمەسلىكى ئېنىق. 10- مارت، ڧىرانسىيە پىرىزدىنتى ماكرون ھىندىستانغا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتكە باردى، ھىندىستانغا قۇرال سىتىپ بەردى، ھىندى ئوكياندىكى ڧىرانسىيە ھەربىي بازىسىنى ھىندىستاننىڭ ئىشلىتىشىگە قوشۇلدى. ڧىرانسىيە ئاگىنتىلىقى بۇ زىيارەتنى ”خىتايغا قارشى ھىندىستاننى يۆلەپ تەڭپۇڭلۇق يارىتىش“ دىدى. ھىندىستان ۋاقىت گىزىتى بولسا:“ ماكروننىڭ بۇ قىتىملىق ھىندىستان سەپىرى ”ياۋروپا بىلەن ھىندىستاننىڭ خىتاي بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستىرادىگىيەسىگە قارىتا ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇشتا بىر پۇرسەت بولۇپ قالغۇسى“ دىدى.
شەرقتە تىنىچ ئوكيان ئامرىكىنىڭ ئالقىنىدا، جەنۇبتا ھىندى ئوكيان تۆت دۆلەتنىڭ قوينىدا بولۇپ، خىتايلارنىڭ دىڭىزدا تەسىر كۈچىنى زورايمىقى بەسى مۈشكۈل. قۇرۇقلۇقتا خىتايغا قالغىنى بولسا شەرقى دىڭىزدىن شەرقى ياۋروپاغىچە بولغان ئارىلىقتىكى رايونلار. بۇنىڭ ئىچىدىن خىتاينى چىقىرىۋەتسەك، قالغىنى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقى ياۋروپا بولىدۇ. بۇ ئارىلىقتىكى دۆلەتلەر ئاساسەن نىسبەتەن تەرەققىي قىلمىغان، ئىقتىسادى تۆۋەن، مۇقىمسىز، بىكىنمە دۆلەتلەر ھىسابلىنىدۇ. خىتاي غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان بۇ رايونلاردا تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ رايونلاردىمۇ خىتاي يەنە روسىيە بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.
خىتاي قۇرۇقلۇق يولىدىن مىڭىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە تۆمۈر يول، تاشيول، ئىلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش، ئۇزۇن مۇددەت ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرگە قارىتا تەسىر كۈچىنى زورايىتمىسا بولمايدۇ. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچەيسە، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى دەپ قارايدىغان روسىيە بىلەن مۇناسىۋىتى كەسكىنلىشىپ قالىدۇ. نەچچە يىلدىن بۇيان روسىيە كۆزەتكۈچىلىرى بۇ توغرۇلۇق نەچچە قىتىم سۆزلىگەن، ئاگاھلاندۇرغان بولدى. خىتاينىڭ تاجىكىستان، ئاڧغانىستاندىكى يىڭى قۇرۇلغان ھەربىي بازىلىرى روسىيەنى جىددىيلەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقاردى. خىتاي جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيىتسە، كونا رەقىبى ھىندىستاننىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. يىقىندىن بۇيان خىتاي مالدىۋدا ھىندىستان بىلەن تەسىر كۈچى تالىشىۋاتىدۇ، ھىندىستان 16 دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ دىڭىز مانىۋىرى ئۆتكۈزۈپ ھەيۋە قىلىۋاتىدۇ. ۋىتنام خىتايدىن ئەنسىرەپ، كونا رەقىبى ئامرىكىنى ياردەمگە چاقىرۋاتىدۇ.
قارشى چىققان چوڭ دۆلەتلەردىن باشقا، يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىگە قوشۇلغان دۆلەتلەرمۇ ئوخشىمىغان قىيىنچىلقلارغا ئۇچرىغان. مەسىلەن 2017- يىلى دىكابىر سىرلانكا خىتايدىن ئالغان ئېغىر قەرىزنى تۆلىيەلمەي، خامبانتوتا پورتىنىڭ (Hambantota) %70 پاي ھوقۇقىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋە خىتاينىڭ نىفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سىلىشىنى رەت قىلغان. دۆلەت تىرىتورىيەسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ قويىدىغان بۇ خىل ئېغىر ئاقىۋەت ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى قاتتىق چۆچۈتكەن. نىپال، بىرما، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر خىتايغا ئېغىر دەرىجىدە يۆلەنگەن، زور سوممىلىق مەبلىغىنىڭ كەلگۈسىدىكى خەتىرىنى كۆرۈپ يىتىپ، خىتاي مەبلەغ سالغان سۇ- ئىنشائات قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ○3 دىمەك، خىتاينى چوڭ دۆلەتلەر قوللىمايدۇ، قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ تايىنى يوق ئەھۋال شەكىللەنگەن.

يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر نۇقتىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئۈچ نۇقتىنەزەرنى بىرلەشتۈرگەنلىكى بولسا، ھالقىلىق مەسىلىلىرىدىن بىرىمۇ دەل شۇ بولماقتا. چۈنكى يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىنىڭ ماھىيىتى بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇقلۇق ۋە دىڭىز يولىنى كونتىرول قىلىش بولۇپ، يىقىنقى زامان تارىخىدا ھىچقايسى بىر دۆلەت بىرلا ۋاقىتتا ھەر ئىككىسىگە ئىگە بولالىغان ئەمەس. يەنە كىلىپ دىڭىز- قۇرۇقلۇق لىنىيەسىنىڭ مۇساپىسى ئۇزۇن، ئارىلىقتا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مەنپەتىگە تاقىشىدىغان بولغاچ كىلىشتۈرمەك تەس. شۇڭا ئىككى تۈمەن خىتاي كارخانىسى چەتئەلگە مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، 90% ئارتۇقى زىيان تارتقان.

ئەنە شۇنداق جۇغراپىيەلىك ئىستىرادىگىيە ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسى گەرچە ئورتاق تەرەققىيات ۋە ئىچكى سىياسەتكە ئارىلاشماسلىقنى شۇئار قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ئىشىنچە تاۋار ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى بازارغا سالىدىغان خىتاي مەنپەتىنى ئاساس، تەڭسىز رىقابەت ۋە ئۇچۇر- تېخنىكا ئوغۇرلاشنى ۋاستە، ئىقتىساد ئارقىلىق سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان قوي تىرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە بولغاچ، چوڭ دۆلەتلەر چىلبۆرىنى قوتانغا باشلاپ كىرىشتىن قاتتىق ئىھتىيات قىلىۋاتىدۇ.

16-3-2018

( يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىتىمدىكى “ بىر يولغا ئۈچ نۇقتىنەزەر“ دىگەن يازمىنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن)

پايدىلانغان مەنبەلەر:
○1https://www.independent.co.ug/france-signs-deals-china-warns-pillaging
○2 https://www.ftchinese.com/story/001076174
http://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-42903364○3
https://cn.nytimes.com/…/china-human-rights-greece-u…/dual○4
http://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-42903364○5
○6https://www.ftchinese.com/story/001076137
http://www.xinhuanet.com/finance/2015-02/09/c_127473411.htm

Görüntünün olası içeriği: yazı

 

21 – مارت، خىتاي ”پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى“ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ بارلىق يەرلىكلەرنىڭ ئورگان ئىسلاھاتى ۋەزىپىسى 2019- يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىشىنى شەرت قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۆتكەن يىلى 19- قۇرۇلتايدا باشلانغان ھوقۇق كۆرۈشىنىڭ نەتىجىسى بۇ قىتىملىق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا تولۇق تاماملاندى.

بىز ئاۋال يىقىنقى ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ ئۆتەيلى: بىز 19 ”- قۇرۇلتايدا خىتاي سىياسىي بىيوروسى يەتتە نەپەر دائىمىي ئەزاسى سايلاندى، ئەمما كاندىدات رەئىس بىكىتىلمىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈچ نەپەر ئەزا شى جىنپىڭ گۇرۇھىغا، ئىككى نەپەر ئىتتىپاقچىلار گۇرۇھىغا، ئىككى نەپەر جىياڭ زىمىن باشچىلىقىدىكى شاڭخەي گۇرۇھىغا تەۋە. شاڭخەي گۇرۇھىدىكىلەر ئۆگىرىشچان كىشىلەر، شى جىنپىڭغا ئەگىشىپ كىتىدۇ، ئىتتىپاقچىلارمۇ شى جىنپىڭغا بېقىنىپ ياشايدۇ. 19- قۇرۇلتاينىڭ قىززىق نۇقتىسىدىن بىرى بولغان شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، دۈشمەن تازىلاشتىكى قابىل مۇشاۋۇرى ۋاڭ چىشەن ئەزالىقتىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، شى جىنپىڭ ئۇنى يەنىلا ئەتىۋارلاپ مەسلىھەت سەپ تۇرىدۇ““ دىگەن ئىدۇق.

19- قۇرۇلتاي 24- ئۆكتەبىر ئاياغلاشتى. 31- ئۆكتەبىر شى جىنپىڭ ھەيۋەت بىلەن جىياڭ زىمىننىڭ كونا ئۇۋىسى شاڭخەينى زىيارەت قىلىپ، يىڭى سايلانغان يەتتە دائىمىي ئەزا بىلەن پارتىيەگە قاسەمياد بەردى. ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ بۇ زىيارەت ئارقىلىق جىياڭ زىمىن گۇرۇھىنىڭ گۇمراھ بولغانلىقىنى جاكارلىغان بولدى.

شى جىنپىڭ بۇ يىل 11- مارت ئاساسىي قانۇندىن رەئىسلىك، مۇئاۋىن رەئىسلىك مۇددەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى. 17 – مارت، شى جىنپىڭ رەئىسلىككە، قەدىناس مەسلىھەتچىسى ۋاڭ چىشەن مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى. يىغىنلاردا ۋاڭ چىشەن يەتتە نەپەر دائىمىي ئەزا بىلەن بىر رەتتە ئولتۇردى. ئەمما گوۋۇيۇەن زۇڭلىلىقىغا لى كىچىياڭ، مۇئاۋىن رەئىسلىككە لى كىچىياڭ كۆرسەتكەن خۇ چۈنخۇا قايتا تەيىنلەنگەن ئىدى. 21- مارت ”پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى“ ماقۇللىنىپ، گوۋۇيۈەن- يەنى دۆلەت ئىشلىرى ئورگىنى تەركىبىدىكى 26تارماقنىڭ بىر قىسمى قىسقارتىلدى، قوشۇۋىتىلدى، چېچىۋىتىلدى ياكى ئۆزگەرتىلدى. بۇ ئارقىلىق گوۋۇيۈەننىڭ ھوقۇقى تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، ئىتتىپاقچىلارنىڭ كۈچى ئاجىزلاشتۇرۇلدى. دىمەك، ھوقۇق شى جىنپىڭغا تېخىمۇ مەركەزلىشىدۇ. شۇنداقلا دىڭ شىياۋپىڭ يولغا قويغان ئىسلاھات ئىشىكنى ئىچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ بىرىنجى قەدىمى : ”پارتىيە- ھۆكۈمەت خىزمىتى ئېنىق ئايرىلىش“ دىگەنلەر ئارقىغا داجىيدۇ.

ئەمدى بىز خىتايچە خەۋەردە بار، ئۇيغۇرچە بەتكە قەستەن تەرجىمە قىلىنمىغان تۆۋەندىكى گەپكە كىلەيلى. “ پارتىيە ھەممىگە يىتەكچىلىك قىلىش“ قانۇنلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن، يۈرگۈزمەكچى بولغان بۇ ئىسلاھاتتا ئاساسلىق ئىككى نۇقتا دىققەتنى قوزغايدۇ. ئۇلار: (1) كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئاخبارات، نەشرىيات خىزمىتى، كىنو خىزمىتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش؛(2) مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، دىن خىزمىتى، مۇھاجىرلار ئىشلىرى خىزمىتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش؛(3) مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش؛

بۇلارنىڭ يەشمىسى (1) بۇندىن كىيىن بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى: كىنو، تىلۋىزىيە، گىزىت، خەۋەر، تور، ئۆزمىدىيا قاتارلىقلار تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ، تېخىمۇ كۈچلۈك قىزىللاشتۇرۇلىدۇ، توختىماي پارتىيە- ھۆكۈمەتنى ماختايدۇ. ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا ئىلىپ بىرىلىۋاتقان قىزىللاشتۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىمۇ كەڭ قانات يايدۇرىلىدۇ.

(2) خىتاي 1961- يىلىدىكى مەركىزىي كومېتىت بىرلىكسەپ بۆلۈمى دىنىي ئىشلار ئىشخانىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئەسلىدە دۆلەتتىن ۋاستىلىك باشقۇرۇدىغان مىللىي، دىنىي خىزمەتلەرنى بۇنىڭدىن كىيىن بىۋاستە دەھرىي كومپارتىيە باشقۇرۇلىدىغان بولىدۇ. مەركىزىي كومىتىت بۇ ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دىندارلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىددىيىسىنى كۈچەپ سىڭدۈرۈپ، دىننى دەھرىيلەشتۈرىدۇ، خىتايچىلاشتۇرىدۇ، تۇراقسىزلاشتۇرىدۇ. راھىپلاردىن تارتىپ پوپلارغىچە، موللاملاردىن تارتىپ مومايلارغىچە ھەممە ئادەم قىزىل ناخشا ئوقۇيدۇ، پارتىيەنى مەدھىيەلەيدۇ، كومپارتىيەگە دۇئا قىلىدۇ. مۇھاجىرلار خىزمىتىدە، خىتاي ئىچى- سىرتىدىكى مۇھاجىرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قورقاق سىلىش، خىتايغا قارشى تەشۋىقاتلارنى بېسىقتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. سىز، بىز شەرقى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار ئەلۋەتتە بۇ خىزمەتلەرنىڭ نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرىشىدا بولىدۇ.
(3) خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى تور بىخەتەرلىكىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.

بۇ يېغىندا بولۇنغان دوكىلاتلاردىن يەنە خىتاينىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش خامچوتى، دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىدىن %20 ئېشىپ كەتكەنلىكى يەنە بىر قىتىم دۇنيانىڭ دىققىنىتى ئۆزىگە تارتتى. 7 يىلدىن بۇيان، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئامانلىق نامىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش خامچوتى دۆلەت مۇداپىئە چىقىم خامچوتىدىن ئارتۇق چىقىۋاتقان بولۇپ، تاشقى دۈشمەندىن ئىچكى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش چېقىمى ئېشىپ كەتكەن. خىتاي ئاۋىياماتكا، ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قۇراللارغا خەجلىگەن پۇللارمۇ ئىچكى مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن قولىدا قۇرال يوق خەلقنى باستۇرۇشقا كەتكەن پۇلغا يەتمىگەن. بۇ تېخى پەقەتلا مەركەزنىڭ خامچوتى بولۇپ، يەرلىكتە ئەمەلىي خەجلىنىدىغان ئاساسىي قىسمى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. مۇقىملىقنى ساقلاش چېقىمىنىڭ كۆپ قىسمى شەرقى تۈركىستان، تىبەتكە ئوخشىغان چىگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ 2017- يىلى شەرقى تۈركىستانغا سالغان مۇقىملىقنى قوغداش مەبلىغى 2016- يىلىدىكىدىن %92 ئاشقان. 2017- يىلى 9- ئايغىچە شەرقى تۈركىستاندا 100 مىڭ كىشىلىك ساقچى خىزمەت ئورنى ھازىرلانغان. مۆلچەردە بۇ چېقىم تېخىمۇ ئاشىدۇ، شەرقى تۈركىستاندا زۇلۇم تېخىمۇ كۈچىيىدۇ دىگەن گەپ.

خىتاينىڭ ئىچكى- تاشقى بىخەتەرلىك خامچوتى دۆلەت ئومومىي ئىقتىساد تەرەققىياتىدىن ئىزچىل يۇقىرى، چىقىم كىرىمدىن ئارتۇق بولۇپ كەلگەن. خىتاي كومپارتىيىسى دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئارمىيەنىڭ تەمىناتىنى ئاقسىتىپ قويسا بولمايدۇ، خەلقنىڭ قوزغىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇقىملىقنى ئوبدان ساقلىمىسا بولمايدۇ. خىتاي كۈچلۈك دۆلەت بولىمىز دەيدىكەن، يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىگە مەبلەغ سېلىشنى توختىتىپ قويسا تېخى بولمايدۇ. ئىقتىساد يىتىشمىسە قانداق قىلىدۇ؟ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ، بۇرۇن قۇرۇق سۆلەتكە تۇرىدىغان كارخانا پارتىيە شۇجىسى ئەڭ چوڭ ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ. دۆلەت ئىگىلىدىكى خەلقئارالىق كارخانىلار دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى رىقابەتلەردە دۆلەتنىڭ ماكرولۇق قوللىشى بىلەن ناتوغرا رىقابەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپىدۇ. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار يەنە زور چېقىم بىلەن خەلقئارالىق كارخانىلارنى بازار باھاسىدىن يۇقىرى ھالدا سېتىۋالىدۇ، خىتايغا مەبلەغ سالغان چەتئەل كارخانىلىرىنى تىخنىكا سېتىپ بىرىشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن دىڭ شىياۋپىڭ ئىسلاھات ئىشىكنى ئىچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ ئىككىنجى قەدىمى: ھۆكۈمەت – كارخانا خىزمىتى ئېنىق ئايرىلىش، قانۇنلۇق بولسىلا يولغا قويۇش دىگەن كۆرسەتمىلەر بىكار قىلىنىدۇ.

شى جىنپىڭ ئاساسىي قانۇن، سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردە ئاساسەن دىڭ شىياۋپىڭ بىكىتكەن يۆلىنىشلەردىن چەتنەپ، ماۋزىدۇڭ زامانىسىدىكى كونا سىياسەتلەرنى زورلاپ تىرىلدۈرمەكتە. خەلقئارا خىتايدىن ھۈركۈمەكتە، خىتاينى چەكلىمەكتە، يۈز ئۆرۈمەكتە. ”بۈيۈك دۆلەت چۈشى“ بىلەن پەپىلەنگەن خىتايلار مۇ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۆز تەختىنى ساقلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن كۆز بويامچىلىقىنى ئۇزاققا قالماي تونۇپ يىتىدۇ. شى جىنپىڭ قانچىكى ھەددىدىن ئاشسا ئۇنىڭ ئەجىلى شۇنچىكى يىقىنلايدۇ. شى جىنپىڭ ئۆز گۆرىنى ئۆزى كولاۋاتىدۇ، بىز چوقۇم ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كەتمەن گەندە تاشلىغايمىز!

22-3-2018

https://cn.wsj.com/articles/CN-BCH-20180307154147
http://www.uycnr.com/xwzx/ttxw/201803/t20180322_1229624.html

https://baike.baidu.com/…/%E5%85%9A%E6%94%BF%E5%88%…/4149029
http://www.bbc.com/zhongwen/simp/chinese-news-43484361
http://www.gov.cn/zhengce/2018-03/21/content_5276191.htm#1

Görüntünün olası içeriği: bir veya daha fazla kişi
Share
2145 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.