logo

trugen jacn

تۇنيۇقۇق: قوش مەسجىد

 

تۇنيۇقۇق

قوش مەسجىد تىلغا ئىلىنسا ئوقۇرمەنلەرنىڭ يادىغا يازغۇچى مۇھەممەدئېلى زۇنۇننىڭ “ قوش مەسجىد“ ناملىق مەشھۇر ھىكايىسى يادىغا يېتىش مۇمكىن. ھىكايىدە مۇنداق بىر پاجىئە سۆزلىنىدۇ: ئايكوچا ئەسلىدە قۇلۇم- قوشنىلار زامان- زامانلاردىن ئىجىل- ئىناق ئۆتۈپ كەلگەن بىر مەھەللە ئىكەن. بۇ كوچىنىڭ ئىمامى ياسىن داموللامنىڭ قوشماق ئوغلى، مەھەللىدىكى قوشماق ئاچا- سىڭىللار بىلەن توي قىپتۇ. ئۇلار قايچا توي قىلىپ، ئاكىسى سىڭلىسىنى، ئۇكىسى ئاچىسىنى ئەمرىگە ئاپتۇ. بىر مەزگىلدىن كىيىن بۇ قوشماق كىلىن خىنىم بىر- بىرىدىن تۆر تالىشىپتۇ، ئۇلارغا يان بېسىپ قوشماق ئاكا- ئۇكىنىڭ ئارىسىنى بۇزۇلۇپتۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرگەن قۇلۇم- قوشنىلار بۇ ئىككى جۈپ قوشماقلارغا بولۇشۇپ، كوچىنىڭ ئىككى يېقىدىكى 19 جۈپ ئائىلىلىكلەرمۇ ئۆز-ئارا ئۆچ- ئاداۋەتلىشىپتۇ. ئۇلار ھەتتا بىر مەسجىدتە ناماز ئوقۇشنى راۋا كۆرمەي،كىچىككىنە تار كوچا ئىچىدە ئەسلى بار بولغان مەسجىدكە ئۇپمۇ-ئۇدۇل، ئوپمۇ ئوخشاش قىلىپ يەنە بىر مەسجىد ساپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايكوچىسى ”قوش مەسجىد“ دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ. ئىككى ياقتىكىلەر دەرد- مۇشەققەت، ئازاپ- كۈلپەتلەردىمۇ بىر- بىرىگە بوي بەرمەپتۇ. ”تۇڭگان يىغىلىقى“ بولغان ۋاقتىدا باشقا كوچىلارنىڭ ھەممىسىگە مۇستەھكەم دەرۋازىلار بىكىتىلىپتۇ. ئەمما ئايكوچىسىدىكىلەر بىر دەرۋازىدىن چىقىپ- كىرىشنى راۋا كۆرمەي دەرۋازا بىكىتمەپتۇ. نەتىجىدە چىرىكلەر باستۇرۇپ كېرىۋىرىپتۇ. ئىككى تەرەپ ئاچچىق ساۋاق ئالماپتۇ، پۇشمان قىلماپتۇ. جاللات شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىرلەردە بىر- بىرىنى چېقىشىپ، تۇتۇپ بىرىشىپتۇ. ماۋزىدۇڭ دەۋرىدە “ ئۈچكە، بەشكە قارشى“ ھەرىكەتلەردە بىر- بىرىنى پاش قىلىپ :“ مەن ئورۇق، سەن سىمىز“ دەپ سۆكۈشۈپتۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇلار ھىلىھەم شۇنداق ياشاۋاتقۇدەك

شەخسىي ئاداۋەتلەر جامائەت شەكلىگە تەرەققىي قىلىپ، نەتىجىدە قاباھەتلىك قىسمەتلەرگە مۇپتىلا بولغان ئىشلار دىنىي تارىخ بولسۇن، ياكى مىللىي تارىخىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەسلىدە رەببىگە خالىس تەقۋالىق قىلىش ئۈچۈن سىلىنغان ”قوش مەسجىدلەر “ جامائەتلىشىش ڧۇنكىسىيەسىدىنمۇ ھالقىپ، مەلۇم سىياسىي غەرەزلەر تۈرتكىسىدە بىنا قىلىنىدۇ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا مەدىنەنىڭ كىرىش ئېغىزى قۇبا مەھەللىسىدە ئىسلامدىكى تۇنجى مەسجىد قۇبا مەسجىدىنى سالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىدە قاتتىق ئالقىشقا ئىرىشىشى، مەدىنىدىكى خىرىستىئان راھىب ئەبۇ ئامىرنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. ئەبۇ ئامىر رۇم ئىمپىراتورلۇقىدىن ياردەم سورايدۇ، رۇم ئىمپىراتورى ئۇنىڭغا ھەربىي ياردەم بىرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. ھىجىرىيە 9- يىلى، ئەبۇ ئامىرنىڭ مەدىنىدىكى شايكىلىرى قۇبا مەسجىدىنىڭ يېنىغا زىرار مەسجىدىنى سېلىپ، شۇ يەردە ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە مۇناپىقلار بىلەن توپلىشىپ، كىلىدىغان قوشۇننى ساقلىماقچى بولىدۇ. ئۇلار بۇ مەسجىدنى سىلىپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن، قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا “ بىز مەھەللىدىكى مىيىپ- ئاجىزلار ئۈچۈن بىر مەسجىد سالغان ئىدۇق، سىلى بىر ناماز ئوقۇپ بەرگەن بولسىلا“ دەپ تەكلىپ بىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇك غازىتىغا يولغا چىققان بولغاچ: “ بىز ھازىر سەپەر ئۈستىدە، سەپەردىن قايتىپ كەلسەك ئىنشائاللاھ ناماز قىلاي“ دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇك غازىتىدىن يېنىپ كەلگەندىن كىيىن ئاللاھتائالا ئايەت نازىل قىلىپ:[ بەزى كىشىلەر مۆمىنلەرگە زىيان يەتكۈزۈپ، كۇڧرىنى كۈچەيتىش، مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىنى پارچىلاش، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى تۇرغان ئادەم( يەنى ئەبۇ ئامىر راھىب)نىڭ كېلىشىنى كۈتۈش مەقسىتىدە مەسجىد بىنا قىلدى. ئۇلار:“ بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق“ دەپ چوقۇم قەسەم قىلىدۇ. اللە گۇۋاھلىق بىرىدۇكى، ئۇلار شەك- شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر. ئۇ مەسجىدتە ھەرگىز تۇرمىغىن](تەۋبە:107) دەيدۇ

ھىجىرىيەنىڭ 64- يىلى، ئومومىي مۇسۇلمانلار مەككىدە ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەيىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى خەلىپە دەپ ئىتراپ قىلىپ، مەككە مۇكەررەمنى پايتەخىت قىلىدۇ. ئەمما بۇ خەلىپىلىكنى شامدىكى ئۇمەۋىيلەر تەرەپتارلىرى ئىتراپ قىلمايدۇ. ئۇمەۋىيلەرنىڭ ۋارىسى، شامنىڭ ۋالىيسى ئابدۇلمەلىك ئىبن مەرۋان شامنى مەركەز قىلغان ھالدا دۆلەت قۇرۇش، دۆلەت مەركىزىنى مەككە، مەدىنىدىن يىراق دەمەشىققە يۆتكەش پىلانى بار ئىدى. بۇ ۋەجىدىن ئابدۇلمەلىك ئىبن مەرۋان ھاجىلارنىڭ مەككە- مەدىنىگە زىيارەت بىرىش جەريانىدا ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەيىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كىتىشتىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا ھىجىرىيەنىڭ 66- يىلى، ئابدۇلمەلىك مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى قىبلىسى بولغان قۇددۇستىكى ئەقسا مەسجىدىنىڭ ھويلىسىغا ناھايىتى كۆركەم بىزەلگەن ئالتۇن گۈمبەزلىك مەسجىدنى سالدۇرىدۇ. ھىجىرىيە 73- يىلى، ئابدۇلمەلىك ئىبن مەرۋاننىڭ قوماندانى ھەججاج ئىبن يۈسۈپنىڭ قوشۇنى ھەرەم مەسجىدىگە قاپسىلىپ قالغان ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەيىرنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا مەنچاناق ئاتىدۇ، ئۇلار ئامالسىز تەسلىم بولىدۇ. ئەمما بۇ ھۇجۇمدا كەبە شەرىڧمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ

دىن سىياسىي ئۈچۈن ئىشلىتىلگەندە، ئەنە شۇنداق گۈزەل سۆزلەر بىلەن ۋەزخانلىق قىلىدۇ. [ئۇلار:“ بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق“ دەپ چوقۇم قەسەم قىلىدۇ]. بىرلىرى ئاجىز- مىيىپلارغا زۇلمەت كىچىدە زەرەر يەتمەسلىكى ئۈچۈن ”زەرار مەسجىدى“ سالغانلىقىنى دەۋا قىلسا، يەنە بىرلىرى رەسۇلۇللاھ مىراج سەپىرىگە ئۆرلىگەن تاشنى ئۇلۇغلاش باھانىسىدا “ ئالتۇن گۈمبەزلەرنى“ بەرپا قىلىدۇ. شەخسىي مەنپەئەت، قارا نىيەت، ھىيلە- سىياسەتلەر يىتەرلىك قوللاشقا ئىرىشىش ئۈچۈن پەردازلاشقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ. شەيتانمۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا چەكلەنگەن مىۋىنى يىگۈزۈش ئۈچۈن ئازدۇرغاندا:[ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى چەكلىگەنلىكى، پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر“] ( ئەئراڧ:20~21) [ ”مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن“ دەپ قەسەم ئىچىپ] بەرگەنىدى

ئارىمىزدىمۇ ھەرخىل مەقسەتلەردە سېلىنغان ”قوش مەسجىدلەر “ ئاز ئەمەس. گەرچە ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى ھەرخىل بولسىمۇ، ھەممىسى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى، مىللىي ئازاتلىقنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىيتىشىدۇ. بەزىلىرى ئۈممەتچىلىك، بەزىلىرى مىللەتچىلىك، بەزىلىرى مۇستەقىللىق، بەزىلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك، بەزىلىرى دىموكراتىيە، بەزىلىرى مۆتىدىللىك نامىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ئۇلارنىڭ دەردى بىر بولسىمۇ، سۆزلىرى خىلمۇ- خىل، ھەر پىرقە ئۆزىدە بارى بىلەن خۇشالدۇر. توغرا، نىشاندىكى بىرلىك، ۋاستىدىكى بىرلىكنى تەقەززا قىلمايدۇ. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، غايىسى ئوخشاشلارنىڭ ئۆز- ئارا دۈشمەنلىشىشىدۇر! بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىقى ئەسلى غايە، ئورتاق دۈشمەننى ئۇنتۇپ، كونا سەپداشلىرىنى كۆرەشكە تارتىپ، شەخسىي زىددىيەتنى ئىمان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشتۇر!

3 – ئاينىڭ 15- كۈنى ئامرىكا بىرلەشمە ئاگىنتلىقى گىزىتى مۇخبىرى گىرىي شىخ ئىستانبۇلنىڭ ئىستىقلال كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ”بىر ئاۋاز بىر قەدەم“ نامايىشىنى خەۋەر قىلغان ۋە سىيىت تومتۈرك ئەپەندىنىمۇ زىيارەت قىلغان. مەزكۇر خەۋەردە ئىيتىلىشىچە، سىيىت تومتۈرك ئەپەندى تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئۇيغۇر مۇستەقىل دۆلىتى قۇرماقچى بولغانلىقى، بۇ ھەرىكەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن يىراق تۇتىدىغانلىقى، چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقى، خىتايدىن مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ. مەن خەۋەرنى ئوقۇپ چۆچۈپ كەتتىم! دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا ئون نەچچە يىل خىزمەت قىلغان، رابىيە قادىر خانىمغا مۇئاۋىن رەئىس بولغان سىيت تومتۈرك ئەپەندىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن ئايرىلىپ يىل ئۆتمەيلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى مۇستەقىللىق ئەمەس، پۈچەك ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغان كالتا كۆسەيلەرگە چېقىرىۋەتكىنىدىن بەكرەك، بۇ سۆزلەرنى خەلقئارالىق مۇخبىرلارغا ئاڭلاتقانلىقىغا ھەيران بولدۇم. بۇ خەۋەر خەلقئارالىق داڭلىق گىزىتلەردىن بىرلەشمە ئاگىنتلىق، ۋاشىنگىتون ۋاقىت گىزىتى قاتارلىقلاردا ئۇلاپ تارقىتىلدى.

ئەمەلىيەتتە ئۆتكەن يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا بۆلۈنۈش كۆرۈلگەندىن كىيىن، سىيىت تومتۈرك ئەپەندىنىڭ يىڭى بىر پارتىيە- تەشكىلات قۇرۇشى پەرەز قىلىنغان ئىدى. سىيىت تومتۈرك ئەپەندى يىڭى يىل كىرگەندىن بۇيان ياپونىيە، گوللاندىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كاندىدات تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئوبدان قانات يايدۇردى. 3- ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامىستىردام شەھرىدە ”شەرقى تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى تەييارلىق كومىتىتى“ قۇرۇلۇپ چىقتى. بۇ كومىتىتنىڭ باياناتتىكى دەسلەپكى غايىسى: شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان خەلقئارالىق مەركىزى تەشكىلات قۇرۇش ئىكەن. 25- مارت، مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلغان كۆرۈنۈشتە: يىڭى تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشى مۇستەقىللىق سەپلىرىنىڭ پارچىلىنىپ كەتكەنلىك ئەمەسلىكى، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىكىلىكىگە يارىشا ئۆزلىرى چىقىشالايدىغان ئادەملەر بىلەن ئۆزى خالىغان رەۋىشتە ئۆز- ئارا قارشىلاشمىقان ھالدا مۇستەقىللىق دەۋاسىغا كۈچ چىقارسا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ناھايىتى توغرا گەپ! ئەمما ئەگەر ئىش راست شۇنداق بولسىدى، بۇ قەلەمنى تەۋرىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى 13 يىل جەريانىدا پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىلا ئەمەس، خەلقئارانىڭمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى دەپ ئىتراپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. سىيىت تومتۈرك باشچىلىقىدىكى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بولسا خەلقئارالىق مەركىزى تەشكىلات قۇرماقچى. رابىيە قادىر خانىم ئۆز قان- تەرىنى تۆكۈپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى خەلقئارالىق مەركىزى تەشكىلات قىلىپ چىقسۇنيۇ، رەئىسلىكتىن لىدىرلىققا كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن، سابىق مۇئاۋىنى سىيىت تومتۈرك ئەپەندىنىڭ يەنە بىر خەلقئارالىق مەركىزى تەشكىلات قۇرۇپ چىقىشىنى قوللىسۇن، ئاندىن بۇنى زىددىيەتلەشكەنلىك ئەمەس دىسۇن.

ئەگەر سىيىت تومتۈرك ئەپەندىنىڭ مەقسىتى زىددىيەتلىشىش ئەمەس، ئۆزى بىلەن چىقىشىالايدىغان كىشىلەر بىلەن مۇستەقىللىق دەۋاسىنى قىلىش بولسا بۇنىڭمۇ چوڭ كارايىتى يوق ئىدى. خاھ ئۇنى دىموكراتىيە دەپ ئاتىسۇن، خاھ ئىسلام دەپ ئاتىسۇن، خاھ مۇستەقىللىق دەپ ئاتىسۇن ئىختىيار ئىدى. ئەمما ئەسلىدە بار بولغان، پۈتۈن خەلقئارا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى دەپ ئىتراپ قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بار تۇرۇغلۇق، سىيىت تومتۈرك ئەپەندىنىڭ يەنە بىر خەلقئارالىق مەركىزى تەشكىلات قۇرماقچى بولۇشىنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟ شۇ 13 يىللىق قان- تەرنىڭ مەھسۇلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارالىق ئورنىنى ئىتراپ قلغان ھالدا ئۆزلىرى ئايرىم بىر مۇستەقىللىق تەشكىلاتى قۇرسىمۇ بولاتتىغۇ؟ نېمىشقا خەلقئارالىق مەركىزى تەشكىلات قۇرماقچى بولۇپ قالىدۇ؟ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى مەۋجۇت خەلقئارالىق مەركىزى تەشكىلاتنى ئىتراپ قىلغان ھالدا ئىلىپ بارغىلى بولمامدۇ ياكى چوقۇم ئۆزى مەركەز بولۇشى كىرەكمۇ؟

كىشىنى تېخىمۇ ئىچىندۇرىدىغىنى، سابىق مۇئاۋىن رەئىس سىيىت تومتۈرك ئەپەندى د ئۇ ق ئىچكى زىددىيەتلىرىنى بىرلەشمە ئاگىنت ئارقىلىق خەلقئاراغا جاكارلاپلا قالماي، قۇرۇلتايغا قارشى چىقىشنى ئىمان دەرىجىسىگە كۆتۈرىۋىلىشى بولدى. ئىگەللىنىشچە، سىيىت تومتۈرك ئەپەندى 3- مارت گوللاندىيەدىكى 20 كىشىلىك سۆھبەتتە د ئۇ ق ئىچكى قىسمىدىكى ئىچكى زىددىيەتلەرنى تولۇق ئىچىپ سۆزلەپ بەرگەن، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى سۆككەن، تىللىغان. بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي يەنە د ئۇ ق غا قارشى تۇرۇشنى ئىمان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، “ بۇ ئىمان بىلەن شەيتان ئارىسىدىكى كۆرەش“ دەپ نەچچە قېتىم تەكرارلىغان، ئوتتۇرا يوللۇقنى بولسا ”مۇناپىقلىق“ دىگەن.

مانا بۇ بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى زامانىۋى ”قوش مەسجىد“، قوش تەشكىلات، قوش مەركەزدۇر! ئايكوچىسىدىكى بىر قورساقتىن تۇغۇلغان قوشماق ئىككى خېنىم سورۇندا تۆر تالىشىپ يۈرۈپ، پۈتۈن مەھەللە-كوينى جىدەلگە سۆرەپ كىرىپ، جامائەتنى بىر دەرۋازىدىن مەسجىدكە كىرمەيدىغان، تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە قارشى بىرلىكتە سىپىل تام سوقمايدىغان، بىر- بىرىنى مەن ئورۇق – سەن سىمىز دەپ پاش قىلىۋەتكەن، ئۇلارنىڭ شورىقۇرغۇرلىقى ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىنمۇ داۋاملاشقان ئىدى. 30- يىللاردىكى پانئىسلامچىلار بىلەن پانتۈركچىلەر، 40- يىللاردىكى كومىنىسىتلار بىلەن گومىنداڭچىلار، روسپەرەسلەر بىلەن ئامرىكاپەرەسلەر، 90- يىللاردىكى ئىسلامچىلار بىلەن دىموكراتچىلار، 2014- يىللىرىدىكى مۇجاھىد سىپىدە چوڭ- كىچىك جامائەتلەر، 2018- يىلىدا دىموكراتچىلار ئارىسىدا گىرمانىيەنى مەركەز قىلغانلار بىلەن تۈركىيەنى مەركەز قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىدى، ئەمما ئۇلار بەئەينى ”قوش مەسجىد“نىڭ جامائىتى بولدى. ئەمدى بولسا شەخسىي زىددىيىتىنى ئىمانغا تاقاپ، بىر- بىرىنى ”مەن مۆمىن، سەن شەيتان، مەن ئىستىقلالچى، سەن ئاپتونۇمچى“ دەپ بىر- بىرىگە شالا چاچرىتىپ، ئورتاق دۈشمەنگە تەڭ تاقابىل تۇرماي، تاجاۋۇزچىلارنىڭ بۆسۈپ كىرىشىگە يوغان دەرۋازا ئىچىپ بەرمەكتە.

“ سەۋىر- تاقەت قىلالمىدىم، بەرداشلىق بىرەلمىدىم. ئاخىرى ساڭا مۇراجىئەت قىلدىم:-
– بوۋا، ئوبدان بوۋا، كوچا مەھەللىمىزنىڭ بىر ئەسىرلىك تارىخى ساڭا بەش قولدەك ئايان. ئېيىتقىنا كوچىمىزدىكىلەر ئەزەلدىن مۇشۇنداق نائىناقمىدى؟“ ( قوش مەسچىت:85- بەت)

سىلەر رەئىس، سىلەر رەھبەر، بىزلەر پۇقرا،
نام- ئاتاق، شان- شەرەپ سىلەرنىڭ بولسۇن،
سىلەر ئانا،سىلەر دانا، باش ئۈستىگە،
مال- دۇنيا ۋە مەنسەپ سىلەرنىڭ بولسۇن.

ئارۇزۇيۇم، تەلىۋىم بىر ئۇچۇم تۇپراق،
بىر ئۇچۇم تۇپراقكى ۋەتەن يارالغان.
سىلەرنىڭ بولسۇن شۇ مەنسەپ، نام- ئاتاق،
بىزلەرگە لازىمى يۇرت، ئەل، ماكان.

2018-3-27

http://time.com/52…/uighur-protest-china-security-crackdown/

Share
1436 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.