logo

trugen jacn

تۇنيۇقۇق:ئىمان ۋە ۋەتەن



تۇنيۇقۇق

ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى ئىمان ۋە ۋەتەندۇر! ياراتقۇچىغا ئىشىنىش ئىنسانغا فىترەت قىلىنغىنىدەك، ۋەتەننى سۆيۈشمۇ ئىنسان تەبىئىيتىدۇر! ئانا ۋەتەن چۆل- باياۋان ياكى ياپيىشىل باغ- ۋاران بولسۇن، قىشمۇ- ياز ئاتەش تومۇز ياكى جۇدۇنلۇق قەھرىتان بولسۇن، مول مەدەن بايلىقى ياكى ئۈنۈمسىز سايلىقى بولسۇن، ئۇرۇش بولسۇن ياكى ئەمىن بولسۇن، ھەتتاكى ۋەتەن- خەلقى قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن بولسۇن، ۋەتەن مۇھەببىتى بارلىق دۇنيالىق تەمالاردىن خالىس ھالدا سۆيۈشتۇر! ھەر كىم ئانىسىنى ياخشى كۆرگەن كەبى ئانا ۋەتىنىنى ياخشى كۆرىدۇ، پەخىرلىنىدۇ، سېغىنىدۇ ۋە ھىمايە قىلىدۇ.

كىشى ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن، تۇزىنى يەپ، سۈيىنى ئىچىپ ئۆسۈپ يىتىلگەن، بالىلىقتا گۈزەل ئەسلىمىلەرگە چۆمۈلگەن، قىرانلىقتا قەۋىم- قىرىنداشلىرى بىلەن تەڭ يىغلاپ، تەڭ كۈلگەن، قەدىردان ئەجدادلىرى كۆمۈلگەن ئانا ۋەتىنىگە مۇھەببەت باغلىشى ئىنسانىي تەبىئەت، ئىلاھىي نىئمەتتۇر! ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاھان ئەھلىنىڭ پىسەنتىگە چۈشمەيدىغان ئەرەب چۆللۈكىدىكى كىچىككىنە كەنت مەككىدىن مەدىنىگە ئايرىلار چاغدا:“ ماڭا سەندىن ياخشى ۋە سۆيۈملۈك يۇرت يوقتۇر! ئەگەر قەۋمىم مىنى سەندىن چىقىرىۋەتمىگەن بولسا، باشقا جايدا تۇرمىغان بولاتتىم“ دىگەن (تىرمىزى رىۋايىتى). شۇندا ئاللاھتائالاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەدە بىرىپ:“ ساڭا قۇرئاننى پەرىز قىلغان زات سېنى ئەلۋەتتە قايتىدىغان يەرگە( يەنى مەككىگە) قايتۇرىدۇ] (قەسەس:85) دىگەن ئىدى.

مۇسا ئەلەيھىسسالام مىسىردا بىر قىبتىنى ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، قىچىپ چىقتى ۋە مەديەنگە كەلدى. ئاندىن شۇئەيىب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، قىلغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ مەديەندە [ئۆز- ئارا كىلىشكەن ( ئون يىللىق ) مۇددەتنى توشقۇزغاندىن كىيىن، ئايالىنى ئىلىپ (مىسىرغا قاراپ) يولغا چىقتى]( قەسەس:29). بىلسەك، بۇ ۋاقىتتا مۇسا ئەلەيھىسسالام تېخى پەيغەمبەر بولمىغان بولۇپ، مىسىرغا قاراپ يولغا چىقىشى پەيغەمبەرلىك مەجبۇرىيەت ئەمەس، ۋەتىنىگە مۇھەببەت يۈزىسىدىن ئىدى. مىسىرغا قايىتسا يەرلىك قىبتىنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ھەزرىتى مۇسا قورقماستىن ئانا يۇرتى تامان يول ئالغان ئىدى.

ئانا ۋەتىنىنى تەرك ئىتىپ ياقا يۇرتلاردا سەرمۇ- سەرگەردان بولۇش ئۇرۇغ- تۇغقان، قەۋىم- قىرىنداشلىرىدىن ئايرىلغاندىنمۇ مۇشەققەت سىناق بولغىنى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە مۆمىنلەرنى ماختاپ:[ ئىمان ئىيىتقانلار ۋە ھىجرەت قىلغانلار] دىگەن ئايەتلەر كۆپلەپ ئۇچرايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەسلەپكى ساھابىلىرى بولغان مۇھاجىرلارنىڭ ئەنسارلارغا قارىغاندا ئەۋزەللىكى: مۇھاجىرلار دىنى، جېنى، مېلى ۋە كىشىلىك ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئانا ۋەتىنى مەككىدىن ئايرىلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

قۇرئان كەرىمدە يەنە ۋەتەننى سۆيۈش ئۆز جېنىنى ئەزىز كۆرۈش بىلەن تەڭداش زىكىر قىلىنىپ:[ ئەگەر بىز ئۇلارغا:“ ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چېقىپ كىتىڭلار“ دەپ ئەمىر قىلغان بولساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتى](نىسا:66) دەيدۇ. ئاللاھ يەنە:[ سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ] (مۇمتەھىنە:8) دەيدۇ.

ھەقىقىي مۇسۇلمان ۋەتىنىگە ۋاپادار بولىدۇ، ۋەتىنىنى ۋەتەن بولغىنى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ئۈستىگە، ئۇنىڭ ئىسلام دىيارى بولغىنى ئۈچۈن ۋەتەن- خەلقىنى ئىمان بىلەن ياخشى كۆرىدۇ. ۋەتىنىدە ئاللاھنى ئۇلۇغلايدىغان، دىننى سۆيىدىغان، سۈننەتكە ئەگىشىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بولغىنى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنى قوغداشنى ۋاجىب، ئۇنىڭ يولىدا جان بىرىشنى شېھىتلىك دەپ بىلىدۇ. ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئىسلام ئەقىدىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەنە شۇنداق ۋەتەن سۆيگۈسى مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىمانغا ئوخشاش ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ مۇھىم، ئەڭ پاك سۆيگۈلەر قاتارىدىن سانىلىدۇ. بۇ ۋەجىدىن، ئەقلى ساغلام، قەلبى پاكىز، ئىمانى ھەققانىي كىشىلىرىمىزگە ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننى جان – دىل بىلەن سۆيۈشنىڭ ئىنسانىي تەبىئەت، شەرىئەت قوللىغان ۋە قوغدىغان ئىلاھىي نېئمەت ئىكەنلىكىنى ئارتۇقچە سۆزلەش بىھاجەت بولسا كىرەك.

مەسىلە شۇكى، بىزنىڭ ئىنسانىي فىترەت ۋە ئىمانىي خىسلەت بولغان بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇمىز تولىمۇ يۈزەكى ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. قايناق ھىسسيات ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانمايۋاتىدۇ. ئەمەلىي ھەرىكەت بولسا ئىلمىي خىزمەتكە ئايلىنالمايۋاتىدۇ. ئىلمىي خىزمەت قىلىۋاتقانلار بولسا يىتەرلىك قوللاپ- قۇۋۋەتلەشكە ئىرىشەلمەيۋاتىدۇ!

400 يىل قۇللۇقتا ياشىغان ئىسرائىل قەۋمى فىرئەۋىننىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇپ، ۋەدە قىلىنغان شەھەر قۇددۇسقا كىرىشكە بۇيرۇلغاندا، ئۇلار سىپىل ئىچىدىكى بەستۇ- قامەتلىك ئەمالىقەلەردىن قورقۇپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا:[ ئى مۇسا! مادامىكى ئۇلار مۇقەددەس يەردە ئىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز. سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى] دەيدۇ. ئەنە شۇ سۆزى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا:[ ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىشى 40 يىلغىچە ھارام قىلىندى، (بۇ جەرياندا) ئۇلار زىمىندا ئادىشىپ يۈرۈيدۇ. پاسىق قەۋىم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن](مائىدە: 24~26) دەيدۇ. 40 يىلدىن كىيىن، سىنا چۆلىدە ئادىشىپ قالغان ئىسرائىل قەۋمى يۇشە ئىبن نۇننىڭ يىتەكلىچىكىدە سىنا چۆلىدىن چىقىپ، مۇقەددەس زىمىنغا كىرىدۇ.

بىزلەرنىڭ ھالىمىز ئەنە شۇ ئىسرائىل قەۋمىگە ئوخشايدۇ. كۆپىنچىمىز تاكى ئۆتكەن يىلىغىچە كۆزىمىزگە زور كۆرۈنگەن خىتايلاردىن قورقۇپ، خىتايغا قارشى قىلىچ ئەمەس ئۈنىمىزنى چىقىرالمىدۇق. يۈرىكىمىزدە ھىلىھەم قورقۇنچ بار، چۈنكى جاسارەتكە چۇشلۇق ئۈمىد يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاغزىمىزدا دائىم ئاللاھنىڭ بىزگە چوقۇم نۇسرەت بىرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلساقمۇ، شۇ ئىشەنچىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت يوق. بىز گويا ۋەتەننىڭ ئازات بولىشىنى خۇدايىم بىلەن بىر قىسىم پىداكارلارغا ئىتتىرىپ قويۇپ،“ سىلەر ۋە پەرۋەردىگارىڭلار بىرىپ كۆرەش قىلىڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى“ دىدۇق. ئىسرائىل قەۋمىدە 40 يىلدىن كىيىن جەڭگىۋار يىڭى بىر ئەۋلاد بارلىققا كىلىپ مۇقەددەس زىمىنغا كىرگەن بولسا، بىزنىڭ ئىچىمىزدىن 70 يىلدا ئىككى ئەۋلاد ئالماشتىيۇ، ئارىمىزدىن يۇشە ئىبن نۇن كەبى ۋەتىنىمىزنى ئازاد قىلىدىغان بىر يىتەكچى قوماندان چىقمىدى. ئەمما ئىگە- چاقىسى يوق خەلقىمىزنى تۇيۇق يولغا باشلاپ، ئالتۇندىن بۇت ياساپ بىرىدىغان سامىرىيلار ھەر زامان، ھەر ماكان كەم بولمىدى!

ئىسرائىل قەۋمى پەلەستىندە دۆلەت قۇرۇپ، نەچچە ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەندىن كىيىن بىر قىتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. [ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە:“ بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەرگە قارشى ئاللاھنىڭ يولىدا جەڭ قىلايلى“ دىيىشتى. پەيغەمبەر:“ سىلەرگە جىھاد پەرىز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟“ دىدى. ئۇلار:“ يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ئوغۇللىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟“ دېدى. ئۇلارغا جىھاد پەرىز قىلىنغان چاغدا بولسا، ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسى جىھادتىن باش تارتتى. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر] – بەقەرە: 246

ھالا بۈگۈنكى كۈندە، بىز 3000 يىل بۇرۇنقى ئىسرائىل قەۋمىدىنمۇ ئېغىر كۈنگە قالدۇق، بىز ۋەتىنى تۇرۇپ قايتالمايدىغان، ئاتا- ئانىسى تۇرۇپ كۆرۈشەلمەيدىغان، ئۆزىمىز ئەمىن جايدا بولساقمۇ روھىمىز كىشەندە ياشايدىغان مىسلىسىز سەرگەردانلىقتا قالدۇق. 80 يىل ئاۋالقى يەھۇدىلار ئۇچرىغان تالاپەتكە ئۇچراپ، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا ناتسىسلارنىڭ جازا لاگىرىغا ئوخشايدىغان “ يېپىق تەربىيەلەش“ تۈرمىلىرىدە يۈزمىڭلىغان قىرىنداشلىرىمىز سولاندى. ۋەتىنىمىز، ئاتا- ئانىمىز، قەۋىم- قىرىنداشلىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان بولساقمۇ بىزدە يەنىلا:“ يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ئاتا- ئانىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق، قانداقمۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۆرەش قىلمايلى؟!“ دىيەلىگۈدەك جاسارەت كەمچىل! بەلكى بىز كۆپىنچىمىز :“ سىلەر ۋە پەرۋەردىگارىڭلار كۆرەش قىلىڭلار، بىز ئولتۇرۇپ تۇرايلى“ دىگۈچىلەرمىز!

بۈگۈن 5- فىۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرەلەيمىز، ئەتە 5- ئاپرىل بارىن قىرغىنچىلىقىنى ياد ئىتىمىز، ئۆگۈنلۈككە 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئەسلەيمىز! ئۇلار ۋەتەننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى يىنىدا تۇرۇپ، قانخور خىتايغا قارشى نەرە تارتقان شىر يۈرەك ئەزىمەتلەر ئىدى! ئۇلار قوللىرىدا شاھادەت بايرىقى كۆتۈرگەن، ھۆرلۈك ئۈچۈن شېھىت بولغانلار ئىدى. ئۇلار خىتايغا مەجبۇرى ئىشلەشكە ئەكىتىلىپ، خىتايلاردىن ھارام تاياق يىگەن ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن قوزغىلىپ چىققان ئاجىز خەلق ئىدى! ھالبۇكى، خىتاي ئىشغالىيىتىدە ئۇزۇن يىل ياشاپ فاشىسىت تۈزۈمگە كۆنۈپ كەتكەن روھىيىتىمىز، خىتاي قورقۇنچىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنى ھۆر ئەللەردە تۇرۇپ شېھىت كەتكەنلەر ئۈچۈن شاھىد بولۇشتىنمۇ توسۇپ قويماقتا

ئۇلار باشتا ئىستىقلالچىلارنى تۇتتى، مەن سۈكۈت قىلدىم، چۈنكى مەن ئىستىقلالچى ئەمەس ئىدىم

ئاندىن ئۇلار دىنىي ئۆلىمالارنى تۇتتى، مەن سۈكۈت قىلدىم، چۈنكى مەن دىنىي ئۆلىما ئەمەس ئىدىم

ئاندىن ئۇلار زىيالىيلارنى تۇتتى، مەن سۈكۈت قىلدىم، چۈنكى مەن زىيالىي ئەمەس ئىدىم

ئاندىن ئۇلار بايلارنى تۇتتى، مەن سۈكۈت قىلدىم، چۈنكى مەن بايلاردىن ئەمەس ئىدىم

ئاندىن ئۇلار مىنى تۇتقىلى كەلدى، ئەمدى بولغاندا مەن ئۈچۈن ئۈندەيدىغان ئادەممۇ قالمىدى

– مارتىن نىموللىر

ئەزىز قىرىنداشلىرىم! گەرچە ھەممىمىز سىياسەت ئىچىدىكى ئىنسانلار بولساقمۇ، ھەممەيلەن سىياسەت قىلساق ياكى ئالدىنقى سەپتە كۆرەش قىلساق دىمەيمەن. ھەممىمىز خىتايغا قارشى مەيدان ئاشكارىلاپ، خىتايغا قارشى دۇئا- تەكبىرلەر بىلەن شۇئار توۋلىشىمىز كىرەك دەپ زورلىمايمەن. نىقاپ تاقاپ بولسىمۇ نامايىشقا چىققىن، ئانا ۋەتەن شەرقى تۈركىستان بايرىقىنى كۆزلىرىڭگە سۈرتكىن، ئاسماندا لەپىلدەتكىن، يۈرۈكۈڭدە زەرداپ بولۇپ كەتكەن ئازاپ- ئوقۇبەت، زۇلۇم، مۇسىبەتلەرنى خىتاينى تىللاپ، ئەلچىخانىسىغا چالما ئىتىپ دەردىڭنى چىقار! قۇلاقنى پاڭ قىلىۋەتكۈچە، گاللىرىڭ بوغۇلۇپ قالغۇچە خىتاينى تىللىساڭمۇ پۇخادىن چىقمايسەن، ئۆچۈڭ تۈگىمەيدۇ، تاغنى تالقان قىلالمايسەن. ئەمما روھىيىتىڭ ئازراق بولسىمۇ كىشەندىن قۇتۇلىدۇ، قەلبىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىدىن لەززەتلىنىدۇ، كۆك بايراقنىڭ سۆيۈملۈكلىكىنى يۈرۈكۈڭدىن ھىس قىلىسەن، ئىمانىڭغا ئىمان، ۋىجدانىڭغا ۋىجدان قوشۇلىدۇ! ئاندىن بىر ئۇخلاپ قوپۇپلا كۈۋەجەپ تۇرغان قايناق ھىسسياتلىرىڭ تاتلىققىنە بىر چۈشكە ئايلىنىپ قالمىسۇن. ئىچىڭگە پاتمايۋاتقان غەزەپ- نەپرەتنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇر، بىر نەرسە ئۆگەن، بىلىم ئال! ئىستىقلال كۈنىمىزدە ۋەتەننىڭ تارىخىنى ئوقۇ، ئىبرەت ئال. مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرغان بولساڭ بەش ۋاخ نامىزىڭنى جايىدا ئوقۇ، دۇئا قىل. 5- فىۋرال شېھىتلىرىنى ئەسلىگەن بولساڭ ئۇلارغا ئوخشاش ۋەتەن- خەلقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىل، خىزمەت قىل، كۆرەش قىل! مۇسىبەت ھەسرەتكە ئەمەس، ھەرىكەتكە تۈرتكە بولىشى كىرەك! بىز شېھىت كەتكەن مەرھۇملارنىڭ نامىنى ئەمەس، پىداكار روھىنى تەۋەرۈك بىلىشىمىز كىرەك

خەلقىمىز ئارىسىدا ھىچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت قوغلاشماي مىننەتسىز مېھنەت قىلىۋاتقانلار نۇرغۇن، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۈن- تۈنسىز خىزمەت قىلىۋاتقانلار نۇرغۇن. ئەمما بۇ خىزمەتلەرنىڭ بىردىنبىر مەنپەئەتلەنگۈچىسى بولمىش ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلەش قېزغىنلىقى تولىمۇ تۆۋەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغانلار قىلدىن قېيىق كەتسە ئىلمىي تەنقىدتىن ھالقىپ، تاپا- تەنىلەرگە، ئورۇنسىز جىدەللەرگە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. بەزىلەر يۇنۇس ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش پەندىيات دىدى، يەنە بەزىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش چىرايلىقچە سەبىر قىلماقتا. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن، مىسىردا قۇل بولۇپ سىتىلىپ، قەدىردان دادىسىى يۈسۈپنىڭ پىراقىدا يىغلاپ ئەما بولۇپ قىلىشىغا سەۋەب بولغان قىرىنداشلىرىنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىنى تېنىۋىلىشىغا قارىماستىن، ئۇلارنى ئەپۇ ئەتكەن ۋە گۇناھىنى يۈزىگە سالمىغان. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام [قېرىنداشلىرىم بىلەن مىنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كىيىن سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كىلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى] دەپ ئۆگەي قىرىنداشلىرىنىڭ قىلمىشىغا شۇقەدەر چىرايلىق ئۆزرە قويغان. ئەگەر سەن قىرىنداشلىرىڭغا ئۆزرە قويمىساڭ ياكى ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلمىساڭ ئۇلارغا چىرايلىقچە تەكلىپ بەرگىن، تەنقىد بەرگىن، تۈزەتكىن، ياردەمدە بولغىن. ئەمما ئەيىپىگە كىرىشىۋالما، ئىززەت- ئابرويىغا چىقىلىپ مەسخىرە قىلما. [مەسخىرە قىلىنغان قەۋىم مەسخىرە قىلغۇچى قەۋىمدىن ياخشىراق بولىشى مۇمكىن](ھۇجرات: 11). ئەگەر ئىلمىي تەنقىدنىمۇ قاملاشتۇرالمىساق ياكى ئىلمىي تەنقىد قوبۇل قىلالمىساق “ سىلەر ۋە پەرۋەردىگارىڭلار كۆرەش قىلىڭلار، بىز ئولتۇرۇپ تۇرايلى“ دىگىنىمىز تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر

شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر خەلقى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلاتسىيە يۈرگۈزۈش تۆمۈر تاپانلىرىدا جان تالىشىۋاتقاندا، ۋەتەننى ھەقىقىي سۆيۈش جېنى ۋە مېلى بىلەن توختاۋسىز پىداكارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋەتەننى سۆيۈش خەلقىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلەيدىغان ئىلىم ۋە ئەمەلنى، زىيا چاچىدىغان دەپتەر ۋە قەلەمنى، قۇۋۋەت بىغىشلايدىغان ھەمكارلىق ۋە ياردەمنى ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆملۈك ۋە بىرلىكنى، ھېممەت ۋە نۇسرەتنى تەلەپ قىلىدۇ. ياكى كەبىنى بىنا قىلغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبى ئۆزىمىز بەرپا قىلايلى، ياكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنى بىنا قىلغاندا دىيەك بولغان مەقامى ئىبراھىمدەك دەستەك بولايلى، ياكى كەبە قايتا بىنا قىلىنغاندا ھەممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ھەجرەتۇل ئەسۋەدنى جايىغا سالغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك تەدبىرلىك بولايلى. ئەمماكى [ پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە- پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار]  -نەھىل:92

 

Share
1266 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.