logo

trugen jacn

تۇنجى ئۇيغۇر «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» نىڭ كومىسسارى بولدى

2020-يىللىق روزى ھېيت ھارپىسىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇبارەك ھېيتلىق سوۋغىسى بولغاندەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» ئۆزلىرىنىڭ يېڭى قوبۇل قىلىنغان كومىسسارلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلاردىن تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ تېخى يېقىندىلا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى»نى ماقۇللىشىدىن كېيىنكى يەنە بىر خوشاللىق سۈپىتىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تېزدىن تارقالغان يەنە بىر خەۋەر بولدى.

بۇ قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى 3-نومۇرلۇق ئەرباپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم بىۋاستە ئىسمىنى ئاتاپ بۇ ئورۇنغا تەيىنلىگەن ئۇيغۇر كومىسسار ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئادۋۇكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئىدى.

«ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» تەركىۋىدە ئادەتتە ئالتە كىشىلىك كومىسسارلار ھەيئىتى بولۇپ، كومىسسارلار نامزاتى شەخسلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ياكى پالاتا رەئىسلىرىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن بېكىتىلىدۇ. كۆرسىتىلگەن نامزات ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرىگە قويۇلغاندىن كېيىن ئىككى يىللىق مۇددەت بىلەن خىزمەتكە چۈشىدۇ. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 22-مايدىكى يىغىن خاتىرىسىدە نۇرى تۈركەلنىڭ سابىق كومىسسار تېنزىن دورجىنىڭ ئورنىغا سەپلەنگەنلىكى، بۇ قېتىمقى كومىسسارلىق مۇددىتىنىڭ ئىككى يىل بولىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ.  نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ كومىسسارلىققا بەلگىلىنىش جەريانىنى بەكمۇ تېز قوبۇل قىلىنغان بىر قېتىملىق قارار، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈركەل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بىر ئىسىم . چۈنكى ئۇ ئامېرىكىدا قانۇن پەنلىرىدىن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇش ئەھۋالىنى قانۇنىي شەكىللەر ئارقىلىق پاش قىلىشقا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئاجىزلىقتىن زورىيىشى ۋە خەلقئارالىشىشىغا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلىغان كۆپلىگەن پىداكار ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. شۇنداقلا بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىپ غەرپ دۇنياسىدىكى ھەرقايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇر داۋاسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھالاكەتكە ئىتتىرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ماقالە ۋە ئوبزورلارنى يېزىپ كەلگەن ئاكتىپ ئاپتورلارنىڭ بىرى.  ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئادۋۇكاتلىق ئورنىدا ئادۋۇكاتلىق قىلىش، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇش، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارادا سۆز قىلىش قاتارلىق بىر قاتار ئەمەلىي تەجرىبە ۋە پائ‍الىيەتلىرى بىلەن يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، دۆلەت مەجلىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن باشقا يەنە غەيرى رەسمىي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەنمۇ كۆپ قېتىملاپ ئالاقىدا بولۇپ كەلگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى زۆرۈر خىزمەت تەجرىبىلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە يېڭى خىزمەت ئورنى ئۈچۈن بەكمۇ ئەسقاتىدىغان بىر بايلىق بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئادۋۇكاتلىق خىزمىتىنىمۇ داۋاملاشتۇرۇشقا تولۇق ئىمكانىيەتنىڭ بولىدىغانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمىتى كومىسسارلىق سالاھىتىيىدە ئامېرىكا دىپلوماتىيە ساھەسى بويىچە داۋام قىلسىمۇ، ئۇ نوقۇل ئ‍ۇيغۇرلارغىلا ياكى باشقا بىرەر مىللەتكىلا مەسئۇل كومىسسار ئەمەس ئىكەن. ئەكسىچە، ئ‍ۇ مەلۇم بىر دۆلەتكە  ياكى شەرقىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق دېگەندەك مەلۇم بىر رايوننى ئاساس قىلغان ھالدا باشقا قوشۇمچە رايونلارغا مەسئۇل بولىدىغان كومىسسار بولۇپ، شۇ دۆلەت ياكى رايوندىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇشى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ھەققىدە تەلەپ يوللاش، نەق مەيدان تەكشۈرۈشى جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى بىلەن مۇزاكىرە قىلىش ئۇنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بولۇپ قالىدىكەن. جۈملىدىن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ئېھتىياجى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن نۇرى تۈركەلگە بېرىلىدىغان ھەمدە  ئادەتتىكى پاسپورتلاردا بولمايدىغان كۆپلىگەن ئىمتىيازلارغا ئىگە دىپلوماتىيە پاسپورتىمۇ ئۇنىڭ بۇ جەھەتلەردىكى خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىشنى كۆزلىگەن ئىكەن. نۇرى تۈركەل سۆھبەت جەريانىدا بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بەردى.

نۇرى تۈركەلنىڭ بۇنداق بىر ئورۇنغا خىزمەتكە چۈشۈشى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىمۇ خوشال قىلدى. جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس جېيمىس مىلۋارد (James A. Millward) ئەنە شۇنداق كىشىلەرنڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، نۇرى تۈركەلنىڭ يېڭى خىزمىتىنىڭ يېڭى ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىگە تولۇق ئىشەنچى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«نۇرى تۈركەلنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتى ئۈچۈن تولىمۇ مۇۋاپىق بولغان كومىسسار نامزاتى دەپ قارايمەن. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە قانۇن ساھەسىدىكى بىلىملىرىنى، شۇنىڭدەك زۇلۇمغا ئۇچرىغان، ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىگە ياكى باشقا ئەقەللىي ھەقلىرىگە ئىگە بولالمىغان بىر خەلق ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان داۋا قىلىشتىن ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرىنى يېڭى خىزمەت ئورنىغا ئېلىپ كېلىدۇ، دەپمۇ ئىشىنىمەن. ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ كۆپلىگەن سورۇنلاردا كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ قانۇن جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى چۈشىنىشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، تولىمۇ ئۆزگىرىشچان بولغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر گىرەلەشمىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىگۇناھ ھالدا  قانداق ھەقسىزلىقلەرگە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى بەكمۇ ئەپچىللىك بلەن بايان قىلىپ بەردى. مەن ئۇزۇن يىللار مابەينىدە نۇرى بىلەن  ھەر خىل سورۇنلاردا، جۈملىدىن ئىتالىيەدىكى فاررارى خەلقئارا فېستىۋالىدا بىرلىكتە سۆز قىلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان. نۇرى خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ دەردىنى سۆزلەپ تاشقى دۇنيانىڭ ھىسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مەندەك بىر   بىر ئالىي مەكتەپ پروفېسسورىنىڭ قىلغانلىرىدىنمۇ بەكرەك ئۈنۈم يارىتىپ كەلدى. شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، ئۇ ھەرقاچان ئۇچۇرلارنى ئەمەلىي ۋە ئېنىق شەكىلدە كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. نۇرىنىڭ بۇنداق بىر قوش پارتىيە كومىتېتىغا كومىسسار بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئومۇمىي ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە بولغان چوڭقۇر ئېتىقادى تۈپەيلىدىن سىياسەت سەھنىسىدىكى شەخسلەر بىلەن ئالاقىدا بولۇش ۋە ھېمايىگەرلىكنى داۋام قىلدۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە.»

ۋاشىنگتون شەھرىدىكى داڭلىق «خۇدسون ئاقىللار مەركىزى» كۆپ قېتىملاپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى ئوخشىمىغان ساھەلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. مەزكۇر مەركەزنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئېرىك بروۋن (Eric B. Brown) كۆپ قېتىملاپ ئاشۇ خىلدىكى يىغىنلارنىڭ رىياسىەتچىسى بولغان بولۇپ، نۇرى تۈركەلنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى ۋەزىپىسىدىن بەكمۇ خوشال بولغان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى باستۇرۇشىدىكى ئاساسىي باھانە بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە بۇنىڭ مەيلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسۇن ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بولسۇن كۆپ قىرلىق مەنىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«نۇرى تۈركەلنىڭ بۇ ئورۇنغا تەيىنلىنىشى دەل ۋاقتىدا ئېلىنغان بىر مۇھىم قەدەم. نۇرى ۋە ئۇ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ئ‍ۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە زۇلۇملارغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى بۇراشتا كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. يەنە بىر ياقتىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى نەنسىي پېلوسى خانىم ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى ئېزىلىۋاتقان باشقا خەلقلەر ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىشتا بايراقدارلىق رولىنى ئويناپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئېتىقادنى دەپسەندە قىلىۋاتقان، بارلىق سىياسىي پىكىرلەرنى باستۇرىۋاتقان ھەمدە كومپارتىيەنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقى ھەممىلا كىشىگە تەھدىت بولۇۋاتقان بىر پەيتتە بۇنى بەكمۇ ئاقىلانە بىر قارار، دېسەك خاتالاشمايمىز. شۇڭا ئۇيغۇرلار قاتمۇ-قات زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، مەجبۇرىي ئەمگەك ئومۇملىشىۋاتقان، <قايتا تەربىيەلەش> ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە نۇرىنىڭ بۇ ئورۇنغا چىقىشى بەكمۇ قالتىس بىر ئىش بولدى.»

نۇرى تۈركەلنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىدىن ئۇنىڭ بىر قىسىم دوستلىرى تولىمۇ ئىپتىخارلىق ھېس قىلغانلىقى مەلۇم. «ئەركىنلىك سارىيى»نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك (Sarah Cook) خانىم بۇنى بەكمۇ جايىدا بولغان بىر قېتىملىق ۋەزىپىگە تەيىنلەش، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«مەن نۇرى بۇ يېڭى ئورۇندا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىپ كېتەلەيدۇ، دەپ قارايمەن. نېمىشقا دېگەندە ئۇ راۋرۇس ئوقۇغان، كەسپتە يېتىلگەن ۋە تەپەككۇرغا باي بىر زىيالى. ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى ياكى خىتايدىكى باستۇرۇشلار ھەققىدە سۆز بولغاندا شۇ خەلقنىڭ ئۆزىدىن بولغان ھەمدە ئاشۇ زىيانكەشلىكلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان بىر ئادەمنىڭ سۆز قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقىدەك ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق شەخسىيەت بوشلۇقى قويمىغان، ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ كومىتېتقا بىر ئۇيغۇرنىڭ كومىسسار بولۇشى ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشقۇسى. يەنە بىر ياقتىن بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈنمۇ بىر ئاشكارا سىگنال، ئۇلارنىڭ خالىغىنىنى قىلىدىغان ئىشنىڭ يوقلۇقى ھەققىدە ئۇلارغا بېرىلگەن بىر ئاشكارا سىمۋوللۇق خىتاپ.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى تونىي پېركىنس (Tony Perkins) ئەپەندى نۇرى تۈركەلنىڭ كومىسسارلىق ۋەزىپىسى ھەققىدە  26-ماي كۈنى تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ئۈمىدۋارلىقىنى تولۇق ئىپادىلىدى. ئۇ  بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان جاۋابىدا نۇرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

«نۇرى تۈركەل كۆپ تەرەپلىمە تەجرىبىگە ئىگە بىر ئادۋۇكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھېمايىچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كومىتېتىمىزنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن بىر قىممەتلىك بايلىقتۇر. چۈنكى كومىسسارلار ھەرقاچان قولمۇ-قول دۇنيا مىقياسىدىكى ئېتىقاد ھەقلىرى ساھەسىدىكى ئەركىنلىك مەسىلىسىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. كومىسسارلارنى بولسا ئادەتتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. كومىتېتىمىزنىڭ ۋەزىپىسى بولسا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى پاكىتلارغا قاراپ چىقىش، ئامېرىكا پرېزىدېنتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر ھەققىدە تەكلىپ ۋە پىكىر بېرىشتۇر.»

نۇرى تۈركەل ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي قولىدىن كېلىشىچە يېڭى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىز ئۇنىڭغا ئۇتۇق ۋە غەلىبە تىلەپ زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/nuriy-turkel-05262020174441.html

Share
1841 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.