logo

trugen jacn

تۇرپاندا تاكسى شوپۇرلىرى ئىش تاشلىغان

image

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا 20-ئاپرېل تۇرپاندا تاكسى شوپۇرلىرى كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلىغان ۋە شەھەر رايونىدا قاتناش بىر مەھەل توسۇلۇپ قالغان. شەھەر ئىچىدىكى ئاساسلىق يول بۆلەكلىرىدە يۈرۈش قىيىنلاشقان. ئەمما، دائىرىلەر بۇ ئىش تاشلاش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر تارقاتمىدى. مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپاندىكى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار بولۇپ، بۇ ئىش تاشلاشنىڭ سەۋەب ۋە نەتىجىسى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلار مەلۇم بولدى.

خىتايدىن تارقىتىلىدىغان سىنا، ۋاڭ يى تورلىرىنىڭ 20-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن يەنى چارشەنبە تۇرپان شەھىرىنىڭ قۇچۇ رايونىدا نەچچە يۈز تاكسى شوپۇرى ئىش تاشلاپ، ماشىنىلىرىنى يول بويىغا توختىتىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن، قۇچۇ رايونىدىكى ئاساسلىق يول بۆلەكلىرىدە قاتناش توسۇلۇپ يول يۈرۈش قىيىنلاشقان.

گەرچە بۇ خەۋەردە تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئىش تاشلاش سەۋەبى، شوپۇرلارنىڭ نېمە تەلەپلىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولسىمۇ. خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك تارقىتىلغان سۈرەتلەردىن يول يېقىغا قاتار توختىتىپ قويۇلغان تاكسىلارنىڭ ئەتراپىدا توپلاشقان كىشىلەرنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.

بۇ ھەقتە بۈگۈن يەنە ئىستىقلال خەۋەر تورىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، تۇرپاندىكى ئۇيغۇر شوپۇرلارنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشى ۋە باشقۇرۇش ھەققىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىغا سەۋەب بولغان ئىكەن.

مەلۇم بولغاندەك خىتايدا، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ يىغىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى بولمىغان ھەتتا، تىنچ شەكىلدە نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ھەرىكەتلىرىمۇ «زوراۋانلىق» نامىدا باستۇرىدىغان ئۇيغۇر رايونىدا بۇ خىلدىكى كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش ھادىسىسى پەۋقۇلئاددە ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە بولغاچقا، بۇ خەۋەر تېز ئارىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى قاپلىدى. تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردىن، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تۇرپاندىكى ئىش تاشلىغان شوپۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن، گەرچە تۇرپاندا كەچ سائەت 10دىن ئاشقان بولسىمۇ، تېلېفون ئارقىلىق ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشتۇق، تۇرپان شەھەرلىك قاتناش باشقۇرۇش باش پونكىتىغا تېلېفون قىلغىنىمىز دا، تېلېفوننى ئالغان مەسئۇل ساقچى، بۈگۈن تاكسى شوپۇرلىرى ئىش تاشلىغانلىقتىن تۇرپاننىڭ قاتنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقنىمۇ كەسكىن ئىنكار قىلدى.

‏-تۇرپان شەھەر قاتناش باشقۇرۇش پۇنكىتىمۇ؟
-ھە، نېمە ئىشىڭىز بار؟
-بۈگۈن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپاندا تاكسى شوپۇرلىرى كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاپ قاتناش توسۇلۇپتۇ، بۇ ئىش تاشلاشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
-ئۇنداق ئىش يوققۇ، يول توسالغانلىقىنى بايقىمىدىم، تاكسىلار نورمال مېڭىۋاتمامدۇ.
-تاكسىچىلاردىن ئېلىنىدىغان ھەق ۋە باشقا جەھەتلەرگە يېقىندا بىر ئۆزگىرىش كىرگۈزدىڭلارمۇ؟
-ئۆزگىرىش يوق.
-تاكسى شوپۇرلىرى ھەممىسى ئۇيغۇرلارمۇ؟
-ھەممە مىللەتتىن بار.
بۇ ساقچى ئاخىرىدىكى سوئاللىرىمىزنى ئاڭلاشقىمۇ رايى بارمىدى ۋە«تۇرپان ھەممە جەھەتتىن نورمال» دەپلا تېلېفوننى قويدى.

بىز ئارىدا تۇرپاندىكى تاكسى شوپۇرلىرى بىلەن ئالاقە باغلاشقا تىرىشقان بولساقمۇ مۇۋەپپەق بولالمىدۇق.

ئاممىۋى قاتناش ئىدارىسىنىڭ كېچىلىك كۆزەتچىلىكىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايال تېلېفوننى ئېلىپ، تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئىش تاشلىغىنىدىن خەۋىرى بولسىمۇ، ھازىر قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ئىش تاشلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرىنى ئېيتتى. بۇ ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇرپان شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش شىركىتى 150 ئاپتوموبىلنى سېتىپ ئەكەلگەن بولۇپ، بۇلارنى ئالدىمىزدىكى ماي بايرىمىغا ئۈلگۈرتۈپ تاكسىچىلىققا سالىدىغانغا تەييارلىغان. شۇنداقلا يېقىندا بۇنى 70 مىڭ سوم ئىجارە ھەققى بېكىتىپ ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. تۇرپان شەھىرىدە تۇيۇقسىز يەنە 150 تاكسىنىڭ پەيدا بولۇشى، كۆلىمى ۋە نوپۇسى جەھەتتە ئۇنچە زور بولمىغان بۇ شەھەردىكى تاكسىچىلارنىڭ نورمال كىرىمىگە رىقابەت ھاسىل قىلىدىغان بولغاچقا، تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ ئايالنىڭ دېيىشىچە، تۇرپاندىكى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئىچىدە ئاز بىر قىسىم تۇڭگاندىن باشقا ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر ئىكەن.

تۇرپاندا 20-ئاپرېل يۈز بەرگەن، تاكسىچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش ۋەقەسىنىڭ سەۋەب ۋە نەتىجىلىرى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشىمىز

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/iqtisad/turpan-taksi-04202016142752.html

Share
1408 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.