logo

trugen jacn

تۇرسۇنئاي كىبىر چەتئەلگە پۇل سالغان دەپ ئەيىبلىنىپ 7 يىللىق قاماققا مەھكۇم قىلىندى

timthumb

ئېھسان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاراماي شەھىرىدىكى تۇرسۇنئاي كىبىرنىڭ تۈركىيەدىكى ئىنىسىغا پۇل ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن 7 يىللىق مۇددەتلىك قاماققا مەھكۇم بولغانلىق ئۇچۇرىنى ئالدۇق.

بىز بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن قاراماي شەھىرىدىكى تۇرسۇنئاي كىبىرنىڭ ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

ئانىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇرسۇنئاي كىبىر تۈركىيەدە مەر-مەر تاش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىنىسى ئابدۇلكېرەم كىبىرگە ئۆزىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قانۇنلۇق ھالدا قاراماي شەھەرلىك پوچتا ئىدارىسىدىن پۇل سالغان، ئۇ، ئۆزىنىڭ ۋە قىزى تۇرسۇنئاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن چەتئەلگە پۇل سالسا بولمايدىغانلىقى ۋە ئوغلى ئابدۇلكېرەم ئۈچۈن پۇل سېلىشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىگە قارىتا ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالمىغان ئاساستا، قانۇنلۇق سالغان پۇلنىڭ بۈگۈنگە كەلگەندە قانۇنسىز بولۇپ قىزىنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغانلىقىغا قايىل ئەمەسلىكىنى، خىتاي دۆلەت قانۇنىنىڭ قانداق ئادىل ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلەش داۋامىدا، ئابدۇلكېرەم كىبىرنىڭ 2008-يىلى ھەج قىلىپ قايتىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئايرودرومدا خىتاي بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، 10مىڭ دوللار پۇلى مۇسادىرە قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەۋەبلىك ئالتە ئاي سوراقسىز تۈرمىدە ياتقانلىقى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەنلىكى، 2010 -يىلىغا كەلگەندە پۇل خەجلەپ پاسپورتىنى ئېلىپ تاجىكىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە يەرلەشكەنلىكى، تۈركىيەدە تاشچىلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

تۇرسۇنئاي كىبىر بۇ يىل 43 ياش، ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، كېسەل سەۋەبىدىن خىزمەتتىن توختاپ ئۆيىدە دەم ئېلىۋاتقان ئىدى. ئۇ، ھىجاپلانغان، دىنىي كەيپىياتى كۈچلۈك دەپ قارىلىپ، جەرەنبۇلاق رايونلۇق ساقچىلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم سوراققا تارتىلغان ھەمدە ھىجابىنى سېلىپ تاشلاشقا مەجبۇرلانغان.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرى قاتتىق زەربە بېرىش باھانىسىدە، قاراماي شەھىرىدىكى ساقال قويغان ۋە ھىجاپلانغان ئۇيغۇر ياشلارنى زەربە بېرىش ئوبيېكتى قىلغان، شۇ سەۋەبتىن نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈۋاتقان تۇرسۇنئاي كىبىر قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى 2014-يىلى 6-ئايدا رەسمىي قولغا ئالغان.

تۇرسۇنئاي كىبىرنىڭ ئانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇلكېرەم ئاكىلىرىغىمۇ تېلېفون قىلغان سەۋەبلىك، ساقچىلار ئىككى ئاكىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئابدۇلكېرەم بىلەن ئالاقە قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە يازمىچە ۋەدە يازدۇرۇپ قول قويدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئابدۇلكېرەم ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلمىغان، قىزى تۇرسۇنئاينى خىتاي ساقچىلىرى تۈرمىدە كامېرا ئالدىدا تۇرۇپ «ھىجابىمنى ئالدىم ۋە ئەمدى ھىجاب ئارتمايمەن» دەپ ۋەدە بېرىپ كامېراغا ئېلىشقا قوشۇلسا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن تۇرسۇنئاي كىبىر ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.

2014-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قاراماي شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تۇرسۇنئاي كىبىر قاتارلىق 28 نەپەر ئۇيغۇرغا يېپىق سوت ئاچقان.

بۇ 28 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 8 نەپىرى ئايال، 20 نەپىرى ئەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېشى 21ياشتىن 45 ياشقىچە، ئۇلارغا ھىجاپلانغان، ساقال قويغان، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە ماسلاشمىغان دېگەندەك جىنايەت ئارتىلغان.

11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېچىلغان يېپىق سوتتىمۇ ھۆكۈم ئېلان قىلىنماي، ھۆكۈمنى كېلەر يىلى 1-ئايغا ئېلان قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

تۇرسۇنئاي كىبىرنىڭ ئانىسى قىزىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن 7يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭغا تۈركىيەدىكى ئىنىسى ئابدۇلكېرىمگە پۇل سالغان، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى ئىقتىساد بىلەن قوللىغان دېگەندەك جىنايەت ئارتىپ مۇددەتلىك 7يىللىق قاماققا مەھكۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/hijab-ayal-04212015154502.html

Share
1733 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.