logo

trugen jacn

تۇرا تۈرمىسىدىن غايىب 16 ئۇيغۇردىن يەنە بىر قانچىسىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن يىلى يازدا مىسىردا تۇتۇلۇپ، قاھىرەدىكى تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇرلاردىن 16 نەپىرى ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردىن ئېتىبارەن غايىب بولدى.

خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان 16 ئۇيغۇر بىلەن شەخسى تونۇشلۇقى بولغان، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلىرى تۈرتكىسىدە، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئايدىڭلاشماقتا. مىسىردىكى تۇتقۇندىن ساق سالامەت قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن يېقىندا، ياۋروپاغا يەرلەشكەن رەيھانگۈل خانىم، ئىلگىرى قاھىرەدە ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئاچقان بولۇپ، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ياخشى تونۇيدىغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە غايىب 16 ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە بىر قانچىسىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىقلىما بەردى.

مىسىردا تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۇرا تۈرمىسىگە قامالغاندىن كېيىن، بۇلاردىن قىزىل رەڭلىك گۇرۇپپىغا مەنسۇپ 16 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ 2017-يىلى، 1-سېنتەبىردىن باشلاپ غايىب بولغانلىقى ئىنكاس قىلىنغان ئىدى.
بۇلتۇر يازدىكى تۇتقۇندا مىسىردا ئېچىۋاتقان ئاشخانىسىنىمۇ تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان رەيھانگۈل خانىم، ئۆزىنىڭ رادىيومىزدا بېرىلگەن بۇ 16 غايىب ئۇيغۇرنىڭ ئىسىم تىزىملىكىدىن مەھمۇد ھاجى، نۇرمەمەت ئوبۇل، ئابدۇرەقىپ قاتارلىقلار بىلەن شەخسىي تونۇشلۇقى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلار ھەققىدە ئۇچۇرلارنى تەمىن ئەتتى.

رەيھانگۈل خانىمنىڭ بىلىشىگە قارىغاندا، بۇ 16 غايىبنىڭ ھەممىسىلا ئوقۇغۇچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە، 40، 50 ياشلاردىكى تىجارەتچى ۋە باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارمۇ بار. مەسىلەن، مەلۇماتلاردا 16 ئۇيغۇر قاتارىدا ئىسمى ئاخىرغا تىزىلغان مەخمۇت ھاجى، مىسىر ۋە ئۇيغۇر دىيارى ئارىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تىجارەت قىلىپ كېلىۋاتقان، بىر ئوغۇل ۋە ئىككى قىز پەرزەنتىنى مىسىردىكى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇۋاتقان بىر تىرىشچان ئاتا، ساخاۋەتچى ئادەم ئىكەن. رەيھانگۈلنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئايالى 2017-يىلى يىل بېشىدا كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قايتىپ شۇ جايدا ئۆلۈپ كەتكەن.

مەخمۇت ھاجى بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى ئېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، تۇتقۇن باشلانغان، ئۇنى تونۇيدىغانلار ئارىسىدا، مەخمۇت ھاجىنىڭ تۈركىيەگە مېڭىش ئالدىدا مىسىردىكى مەلۇم ئايرودرومدا تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە گەپ -سۆزلەر بولۇنغان، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن، مەخمۇت ھاجىنىڭ ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان 3 پەرزەنتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرى بولمىغان.

رەيھانگۈلنىڭ ئېيتىشىچە يەنە غايىب بولغانلار ئىچىدە ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئاشخانىسىدىن داۋاملىق تاماق يەيدىغان، پاراڭلىشىپ تۇرىدىغانلاردىن ئابدۇرەقىپ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇ، ئاقسۇلۇق بولۇپ 30 ياشلاردا، ئائىلە قۇرغان ئىكەن.

نۇرمۇھەممەت ئوبۇل تېگى ئاقسۇدىن بولۇپ، ئۇ 30 ياشلاردا ئىكەن. ئۇ، ئەزھەرنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۆزى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بىر تاللا بازىرىمۇ ئاچقان ۋە يەنە تىرىشچانلىق بىلەن باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

رەيھانگۈل خانىم مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ قولى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى دەپ قارىلىۋاتقان مىسىردا يۈز بەرگەن مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشتا 16 ئۇيغۇر قاتارىدا يوقاپ كەتكەن، پارھاتجاننىڭ تۇتۇلغانلىقىغا ھەيران بولغانلىقىنى بىلدۈردى. رەيھانگۈل خانىم بۇ ھەيرانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، «ئەزھەرنىڭ 3، ياكى 4- يىللىق ئوقۇغۇچىسى پەرھات، داۋاملىق خىتاي كونسۇلىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقان، خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن ئالاقىسى قويۇق بىرى ئىدى» دېدى. ئۇ يەنە پارھاتنىڭ قاھىرەدە ئىلگىرى تاللا بازىرى ئاچقانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

مىسىردا تۇتۇلغان ۋە تۇرا تۈرمىسىگە قامالغاندىن كېيىن قىزىل كاتېگورىيەگە بۆلۈنگەن بۇ ئۇيغۇرنىڭ ھازىر قەيەردىلىكى، تەقدىرى ھەققىدە مىسىر ۋە خىتاي تەرەپ ئوخشاشلا مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە، ئەمما ئۆتكەن ھەپتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار، رادىيومىزغا، مىسىردىن غايىب بولغان بۇ ئۇيغۇرلارنى سۈرۈشتە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلار ھەققىدە يەنىمۇ تولۇق مەلۇماتلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/misirda-uyghur-04102018144451.html

Share
1299 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.