logo

trugen jacn

تۇرامەت تۇرسۇننىڭ خىتاي ساقچى يېتەكچىسى ۋېي يۈەنخوڭ تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«ئۇيغۇر نىداسى» تور رادىئوسى پوسكام ناھىيە ئىككىسۇ يېزىسىدىكى تۇرامەت تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ياشنىڭ 2014 ‏-يىلى 8 ‏-ئايدا ئىككىسۇ ساقچى خادىمى ئابدۇرۇسۇل تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكى ۋە ئابدۇرۇسۇلنىڭ كۆرسەتكەن بۇ خىزمىتى ئۈچۈن پوسكامنىڭ يىما يېزىسىغا سىياسىي يېتەكچى قىلىپ يۆتكەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشى داۋامىدا ئىككىسۇ تاغارچى كەنتىدىكى تۇرامەن تۇرسۇننىڭ شۇ يىلى، شۇ ئايدا خىتاي ساقچى ۋېي يۈەنخوڭ تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكى ۋە ۋېي يۈەنخوڭنىڭ نۆۋەتتە ئىككىسۇ ساقچىخانىسىدا سىياسىي يېتەكچى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقى دەلىللەندى. مەلۇم بولۇشىچە، تۇرامەت تۇرسۇن ئاقسۇغا ئىشلەمچىلىككە بېرىش ئۈچۈن ساقچىخانىدىن يول خەت سورىغان، ساقچىلار تەلەپنى رەت قىلغان، نەتىجىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرامەت تۇرسۇن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن.

«ئۇيغۇر نىداسى» تورىنىڭ خەۋىرىدە تۇرامەت تۇرسۇننى ئېتىۋەتكەن ساقچىنىڭ ئىككىسۇ ساقچىخانىسىنىڭ سابىق خادىمى ئابدۇرۇسۇل ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە ئۇنىڭ يىما ساقچىخانىسىدا سىياسىي يېتەكچى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئاۋۋال يىما ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانا خادىمى ئابدۇرۇسۇل ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ بۇ ساقچىخانىدا ساقچىخانا باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى؛ ئەمما ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرى ۋە ئىش-ئىزى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. بىز ئارقىدىن ئىككىسۇ يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئىككىسۇ يېزىسىدىكى ساقچى ۋە كەنت سېكرېتارلىرى، تۇرامەت تۇرسۇننىڭ 2014 ‏-يىلى يول خېتى سوراپ كەلگەن چېغىدا ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسىنى دەلىللىدى. مەلۇم بولۇشىچە، تۇرامەت تۇرسۇن ئاقسۇغا پاختا تېرىشقا بېرىش ئۈچۈن ئاۋۋال كەنت رەھبەرلىرىدىن رۇخسەت سورىغان. كەنت سېكرېتارى تەلەپنى كەسكىن رەت قىلغان؛ كەنت سېكرېتارى بىلەن تۇرامەت تۇرسۇن ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەن. كەنت سېكرېتارى تۇرامەن تۇرسۇننى تەلىپىنى ساقچىخانىغا ئېيتىشقا بۇيرۇغان.

بىر قوراللىق قىسىم خادىمىنىڭ دېيىشىچە، تۇرامەت تۇرسۇن ساقچىخانىغا يەڭ ئىچىگە كىچىك بىر پىچاقنى تىقىپ بارغان، يول خەت تەلىپى رەت بولغاندىن كېيىن، ساقچىخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نۇراخمەتنى پىچاق بىلەن يارىلاندۇرغان. بۇ چاغدا ساقچىخانىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ۋېى يۈەنخوڭ تۇرامەت تۇرسۇنغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق ئاتقان، ئوقنىڭ بىرى تۇرامەتنىڭ بىلىكىگە يەنە بىرى يۈرىكىگە تەككەن ۋە ساقچىخانىدا جان ئۈزگەن؛ يەنە بۇ خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، يارىلانغان ساقچى ئۇزۇن مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە يەنە مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

ئىككىسۇ ساقچى خادىمى ۋە بىر كەنت سېكرېتارىمۇ تۇرامەت تۇرسۇننىڭ ۋېي يۈەنخوڭ تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكى دەلىللىدى، بىز ئۇلاردىن تۇرامەت تۇرسۇنغا ئوق چىقارغۇچىنىڭ ئابدۇرۇسۇل ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بارلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا، ئۇلار نۆۋەتتە يىما يېزىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئابدۇرۇسۇلنىڭ فامىلىسى ئابلا ئىكەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئىككىسۇ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى، شۇ كۈنكى نەق مەيداندا ئابدۇرۇسۇل ئابلانىڭمۇ بارلىقىنى ۋە قوراللىق ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئوق چىقارغان ياكى چىقارمىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ دېلونى ناھىيە بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىقى ساقچى خادىملىرى تۇرامەت تۇرسۇننىڭ ئېتىۋېتىلىشتىن بۇرۇن مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقىنى بىرقانچە يېرىدىن پىچاق بىلەن يارىلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما ۋەقەنى تۇنجى بولۇپ «ئۇيغۇر نىداسى» رادىيوسىغا ئاشكارىلىغان كىشى، تۇرامەت تۇرسۇننىڭ ساقچىلاردىن پەقەت ئۆزىگە يول خەت بېرىلمەسلىكنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى تەلەپ قىلىپ گەپ تاكاللاشقانلىقى ئۈچۈنلا ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. «ئۇيغۇر نىداسى»نىڭ تورىدا، تۇرامەت تۇرسۇننى ئېتىۋەتكەن ساقچىنىڭ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ ئۆزىنى ئاقلىغانلىقى بايان قىلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/etiwetilgen-uyghur-04112017151758.html

 

Share
1587 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.