logo

trugen jacn

تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى شىرىنگۈل گۇاڭشىدا تۇتقۇن قىلىنغان

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىگىلىشىمىزچە، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۆزلۈكىدىن دىنىي بىلىم ئۆگەنگەن ۋە دوست-يارەنلىرىنى دىنىي ھىدايەت يولىغا دەۋەت قىلغان ئۇيغۇر قىزى شىرىنگۈل بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن يۇرتىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

ياشلىق باھارىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىللىرىدە تۇرۇۋاتقان شىرىنگۈل خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىككى يىلغا يېقىن يوشۇرۇنۇپ يۈرۈش داۋامىدا مۆلچەرلىگۈسىز ئاچچىق كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.

كەنت كادىرلىرى شىرىنگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنى بېسىم ئاستىغا ئېلىپ، قىزىنى تېپىشقا مەجبۇرلىغان. ھەپتىدە نەچچە قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ شىرىنگۈلدىن تېلېفون كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ قەيەردە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرغان.

مۇشۇنداق قاتتىق تەقىب ئاستىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدە قېچىپ يۈرگەن شىرىنگۈل ئۆيىگە تېلېفون قىلىشقا ئامالسىز قالغان. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كەنت دائىرىلىرى تەرىپىدىن «نۇقتىلىق نوپۇس» دەپ بېكىتىلىپ تۈرلۈك بېسىملارغا دۇچ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇقىملىق خىزمىتى ئۈچۈن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلىرىگە چۈشكەن كادىرلار يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ماسلىشىپ ياقا يۇرتلارغا كەتكەن ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە مۆكۈنۈپ يۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشقا باشلىغان. ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان، گۇمانلىق دەپ قارالغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئارخىپىنى ساقچى تورى ئارقىلىق جىددىي ئىزدەشكە كىرىشكەن.

دائىرىلەرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى جىددىي تىنتىشى ۋە ئىز قوغلاپ تور سېلىشى داۋامىدا ئىككى يىلدىن بۇيان غايىب بولغان 19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى شىرىنگۈل بىر ئاي ئىلگىرى گۇاڭشىنىڭ مەلۇم جايىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

سېرىنگۈل ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزا يۇقىرىقى لەڭگەر كەنتىدىن بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى «توردا دىنىي تەشۋىقات قىلدى، ياشلارنى غازاتقا ئۈندىدى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىكەن.

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىغا مۇقىملىق خىزمىتى بىلەن چۈشكەن، مەزكۇر يېزىدا «قاچقۇنلار» نىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇۋاتقان بىر كادىر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىرىنگۈل ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ، بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن گۇاڭشى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاۋات ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە شىرىنگۈلنى تۇتقانلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاۋات ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى يېقىندا گۇاڭشىغا بېرىپ شىرىنگۈلنى تونۇپ بەرگەن. گۇاڭشى ساقچىلىرى شىرىنگۈلنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئاتالمىش «جىنايەت» ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ بولغاندىن كېيىن، پات يېقىندا ئۇنى ئاۋات ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/shiringul-tutqun-10152015142306.html

Share
2683 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.